+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-7 11:01 1247 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
NFC كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس، near field communication نىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى بۇلۇپ، يېقىن ئارىلىقتا سىمسىز ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى دېگەن مەنىدە. بىر خىل قىسقا ئارىلىقتا يۇقىرى چاستوتىلىق سىمسىز ئالاقىلىشىش تېخنىكىسنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرگە ئۇرۇنلاشتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق NFC ئۈسكىنىدە  يېقىن ئارقىلىقتا سانىلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردۇ.

66372-20200507091959716-895816202.jpg

NFC ئارقىلىق كۆچمە چىقىم قىلىش، ھۆججەت يوللاش، ئىشىك ئېچىش ... قاتارلىقلارنى قىلغىلى بولاتتى.

كەلگۈسىدە يانفوندىكى NFC ئارقىلىق تىڭشىغۇچ، سائەت قاتارلىق باشقا ئۈسكۈنىلەرگە سىمسىز توك قاچىلاشقا بولىدۇ.
بۇ بىر قانچە يىلدا يۇقىرى قۇۋۋەتلىك سىمسىز تەتۈر يۆنىلىشلىك زەرەتلەشنى (يانفوندا باشقا ئۈسكۈنىلەرنى زەرەتلەش) قوللايدىغان ئۈسكۈنىلەرنى بىز خېلى كۆپ كۆردۇق، بىراق ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلاتلار. NFC مۇنبىرى بۇنداق ئالاھىدىلىكنى تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتقا كېڭەيتىشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېقىندا يېڭى سىمسىز زەرەتلەش ئۆلچىمى (Wireless Charging Specificaation) نى ئېلان قىلدى، قىسقارتىلىپ WLC دېيىلىدۇ، بۇ لايىھەنى ئاساس قىلغان يانفون، تاختا كومپىيۇتېر، خاتىرە كومپيۇتېر، زەرەتلىگۈچ، ھەتتا ئويۇن تۇتقۇچى قاتارلىقلار پەقەت يەككە ئانتېننا لايىھەسى ئارقىلىق ماس كېلىدىغان ئۈسكۈنىلەرگە قۇۋۋىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1W لىق سىمسىز توك قاچىلىيالايدۇ.

20200506_222348_858.jpg

ئەلۋەتتە، NFC نىڭ ئەسلىدىكى يېقىن ئارىلىقتىكى ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. 1W نىڭ قۇۋۋىتى قارىماققا ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن سىمسىز تىڭشىغۇچ، قول سائىتى دېگەندەك قۇۋۋىتى كىچىك ئۈسكۈنىلەرنى يانفون ئارقىلىق سىمسىز زەرەتلەشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. NFC سىمسىز زەرەتلەش ئارقىلىق ياندا ئېلىپ يۈرۈيدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ چاتقۇچ تۆشۈكى، توك سىملىرىنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ. بۇ تېخنىكا زەرەتلەش ۋەزىيىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئەقىلىي ئىقتىدارلىق قەلەم، ئەقىلىي ئىقتىدارلىق كۆزئەينەك، ساغلاملىق كۆزەتكۈچ... دېگەندەك تۆۋەن قۇۋۋەتلىك IoT ئۈسكۈنىلىرىنى زەرەتلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. تېخىمۇ كىچىك ئەقىلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر بارلىققا كېلىدۇ.

NFC مۇنبىرى يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: ئەگەر ئۈسكۈنىگە سىمسىز زەرەتلەشنى قوللايدىغان NFC ئۆزىكى ئورنىتىلسا، زاۋۇت مۇستەقىل سىمسىز توك قاچىلاش تېخنىكىسىدىن ۋاز كەچسە بولىدۇ: «مەسىلەن، NFC تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن كۆك چىشلىق تىڭشىغۇچ NFC ئارقىلىق سىمسىز توك قاچىلىيالايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، NFC ئانتېننىسى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە توك يەتكۈزۈشكە ئىشلىتىلىدۇ»
بۇ بەلكىم ئۈسكۈنىلەرنىڭ لايىھەلىنىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، چۈنكى NFC نى ئاساس قىلغان زەرەتلەشكە ئۆزگەرتىش زاۋۇتلارنىڭ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەخسۇس سىمسىز توك قاچىلاش تېخنىكىسىدىن ۋاز كېچىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن تاقىغىلى بولىدىغان ئۈسكۈنە، ئاۋاز ئۈسكۈنىلىرى ۋە باشقا كىچىك قوراللارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بوشلۇق ئىنتايىن قىممەتلىك، شۇڭا ئەنئەنىۋى سىمسىز توك قاچىلاش تېخنىكىسىدىن ۋاز كەچكەندە، تېخىمۇ چوڭ باتارېيە ۋە باشقا بۆلەكلەرگە بوشلۇق ئاجرىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇ ھازىر ئىستىمالچىلارنىڭ قولىدىكى يانفوندىكى NFC ئارقىلىق باشقا ئۈسكۈنىلەرنى زەرەتلىگىلى بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. كەلگۈسىدە چىقىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ گېپى. NFC نىڭ سىمسىز  زەرەتلىنىشى ئۈچۈن قاتتىق دېتال قىسىمىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدۇ.

s_9e178e2d59eb4c889a0e1252c2b225c6.jpg

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە iPhone 12  مۇشۇ خىل تېخنىكىنى ئىشلىتىپ سىمسىز قوش يۈنىلىشتە زەرەتلەشنى ئىشقا ئاشۇردىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部