+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-6 10:28 1771 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۈنۈگۈن، شياۋمى ئەڭ يېڭى ئىگە تەرەپ مىكرو بىلوگى« شياۋمى MIX مىكرو بىلوگى» نى ئېچىپ، تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. بەزى خەۋەرلەردە بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا MIX يۈرۈشلۈك يېڭى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دېيىلگەن.
5eb1726f8e9f096ca90b7467_1024.jpg
ئىلگىرى «شياۋمى MIX» دەپ بىر مىكرو بىلوگ قۇرۇلغان بولۇپ، يېرىم يىلدىن بېرى يېڭىلانمىغان. ئۆتكەن يىل 9-ئايدا شىياۋمى شىركىتى ئايلانما ئېكرانلىق ئۇقۇم يانفونى MIX Alpha نى ئېلان قىلىپ بىر زىلزىلە پەيدا قىلىپلا توختاپ قالدى. بۇ يانفوننى تېخىچە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالمىدى.
5eb1726f8e9f096ca90b7468_1024.jpg
شىياۋمى مەستانىلىرى MIX4 زادى قاچان چىقىدۇ؟ دەپ كۈتمەكتە.
تۆنۈگۈن شىياۋمى ئىگە تەرەپ شياۋمى MIX مىكرو بىلوگى قۇرۇلغاندىن كېيىن تورداشلار بۇ MIX4 نىڭ تەييارلىقى، MIX4 كېيىنكى يېرىم يىلدا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى.
ھەمدە MIX4 نىڭ تۆۋەندىكىدەك رەسىمى تارقىلىپ مۇنازىرە قوزغىدى.
5eb1726f8e9f096ca90b7469_1024.jpg
بۇ رەسىمدىن قارىغاندا يانفوننىڭ ئاستى گىرۋىكىدىن باشقا ئۈچ تەرىپىنىڭ گىرۋىكى ئوخشاش ئىنتايىن تار. ئېكران ئىگىلەش نىسبىتى %100 گە يېقىنلىشىدۇ. ئالدى كامېراسى ئېكران ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۋېتىلگەن.

2019-يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنى شىيامى CNIPA (جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى) غا يانفون ئېكران ئاستىدىكى كامېرا پاتېنتىنى ئىلتىماس قىلغان. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ پاتېنت 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى تەستىققا ئېرىشكەن، ئاندىن WIPO يەر شارى تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا ئېلان قىلىنغان، بۇ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بۇ تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسىنى قوغداشقا پايدىلىق.

20200506_072734_362.jpg

لايھىلىگۈچى Jermaine Smit پاتېنت لايىھەسىگە ئاساسەن بىر رەسىم ھاسىللاپ چىققان.

20200506_072809_72.jpg

بۇ رەسىممۇ يۇقارقى رەسىمگە ئوخشاپ كېتىدۇ.  MIX 4 نىڭ مۇشۇنداق شەكىلدە چىقىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部