+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-5 10:29 1751 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
2020-يىلى ھەر قانداق بىر يانفون كارخانىسى قىيىن كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۋاىتۇ، بۇ يىل ھەر قايسى چوڭ زاۋۇت سودىگەرلىرى 5G تورىنىڭ زەربىسى ۋە يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىدى، ھەتتا يانفون كەسپىدىكى چوڭ ماگناتى خۇاۋېيمۇ بۇ يىلقى نىشاننىڭ «مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

c727c310d68f466f8badd3a33fbc3d78.jpg

5G تورى بارلىققا كەلگەنلىكتىن، ھەرقايسى چوڭ ماركىلار دەۋرگە يېتىشىپ مېڭىپ 5G مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ ياساش ئۈچۈن، تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا مەبلەغ سېلىش سوممىسى زور بولغانلىقتىن، يانفوننىڭ تەننەرخى زور دەرىجىدە ئېشىپ، يانفون باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئىستېمالچىلارمۇ بۇ يىل يانفون باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكىندىن ئاغرىندى. ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ باھاسى ئۆسۈۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئالما iPhone SE نى ئېلان قىلدى، ئايفون يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك بازىرىغا ھۇجۇم قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى خېلىلا ئەرزان. دۆلەت ئىچىدە يانفوننىڭ باھاسى بەس-بەستە ئۆستى، ئالمىنىڭ باھاسى چۈشۈۋاتىدۇ، بۇ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يانفونلار ئۈچۈن قاتتىق زەربە بولدى.

4857bf8aafab46bbaf9df1f6679160fe.jpg

ھەر قايسى چوڭ يانفون كارخانىلىرىنىڭ تەتقىقات خىراجىتى، ئۆز-ئارا رىقابەتكە تۇيۇقسىز پارتلىغان يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى قوشۇلۇپ يانفون كارخانلىرى بېسىپ نەپەس ئالالماي قالدى. ئەسلىدە بىرىنچى، ئىككىنچى ئاينى ئۆتكۈزۈپ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ پەسىيىشىنى كۈتمەكچى بولغان، لېكىن دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، چەت ئەلدىكى يۇقۇم ئەھۋالى يامانلىشىپ كەتتى.
ھازىر ھەر قايسى چوڭ يانفون كارخانىلىرى زاكاسنى قىسقارتىشقا باشلىغان بولۇپ، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا بويىچە مال چىقىرىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان سامسۇڭ يانفونلىرىنىڭ زاكاس قىسقارتىش مىقدارى %30 كە يەتكەن، ئالما يانفونلىرىنىڭ زاكاس قىسقارتىش مىقدارى %25 كە يەتكەن، دۆلىتىمىزدىكى  oppo بىلەن vivo نىڭ زاكاس قىسقارتىش مىقدارى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، %30 تىن %40 كىچە بولغان. خۇاۋېي بىلەن شياۋمىنىڭ ئەھۋالى ئازراق ياخشى بولسىمۇ،  %20 زاكاسنى قىسقارتىۋەتكەن. بۇ يىل 3-ئايدا، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سۆز قىلىپ، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ بۇ يىلقى ئاساسلىق نىشانىنىڭ «مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىش» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

3c8e17676f694afca91aed9db907c7a4.jpg

2020- يىلى، مەيلى قايسى ماركا بولسۇن، يانفوننىڭ باھاسىدا چوقۇم بەلگىلىك ئۆرلەش يۈزلىنىشى بولىدۇ. چۈنكى 5G دەۋرىگە يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن، چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلغۇچ، تېخىمۇ ياخشى ئۆزەك، تېخىمۇ ياخشى باتارېيە ئىشلىتىش كېرەك، تەننەرخنىڭ ئۆسۈشى تەبىئىي ھالدا سېتىلىش باھاسىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەتتا «ئىقتىدار باھا نىسبىتى يۇقىرى» شياۋمى يانفونلىرىمۇ  ھازىر 5000 يۈەندىن دىن ئېشىپ كەتتى، سامسۇڭنىڭ باھاسى تۈمەن يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كەتتى. باھانىڭ ئۆرلىشى ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلىتىۋەتتى، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنىڭ ئىقتىسادىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى. ھەرقانچە سۈپەتلىك، ياخشى مەھسۇلات بولسىمۇ، ئىستېمالچىلار سېتىۋالالمىغان ئەھۋالدا ساتقىلى بولمايدۇ.

264c9b2c59c2479f96e42ed338035a4c.jpg

ئىشلەتمىگەن بەش جى ئىقتىدارىنى دەپ يانفونلارنىڭ تەنئەرقىنى ئۆستۈرۋېتىش راستلا قاملاشمىغان ئىش بولدى، سىلەرچىچۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部