+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-5 10:29 1846 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-5-5 10:29  

3-ئاينىڭ 16-كۈنى نەنجىڭدىكى شى ئەپەندى 14 مىنۇتتا 70 تىن ئارتۇق قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئەمدىلا 10 ياشلىق قىزىنىڭ توردا دەرس ئاڭلاش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان iPhone دا « توخۇ يېيىش» ئويۇنى ئويناپ، 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىۋەتكەنلىكىنى بىلدى. بالا پۇل تۆلەش پارولىنى پەرەز قىلىپ تاپقانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن «سېتىۋېلىش» قا ئىشلىتىدىغان پۇلنى مەۋھۇم پۇل دەپ ئويلىغان. شى ئەپەندى پۇل قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تېڭشۈن شىركىتى ئۇنىڭغا ئالما شىركىتىنىڭ مۇلازىمەتچىسى ئىزدەشنى ئېيتقان، ئالما تەرەپ بولسا پۇل قايتۇرۇشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

20200504_102140_113.png

بۇ خەۋەر تارقىتىلغاندىن كېيىن، 5- ئاينىڭ 1- كۈنى، تېڭشۈن ئويۇن سۇپىسى شى ئەپەندى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، تەكشۈرۈپ كېڭىشىش ئارقىلىق، پۇلنىڭ %70 نى قايتۇرۇشقا قوشۇلدى. %30 نى ئالما شىركىتى ئالغان ھەق بولۇپ، ئالما شىركىتى بىلەن سۆزلىشىشكە توغرا كېلىدۇ.

20200504_102225_518.png

ئىگىلىنىشچە، بۇ قىز دادىسىنىڭ ئايفونى ۋە ئۈندىدار ھېساباتى ئارقىلىق تېڭشۈن «和平精英» ئويۇنىغا بىۋاستە كىرگەن.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

ablkm77 ۋاقتى: 2020-5-5 23:47:46
مۇشۇ تىڭشۈننىڭ  ئۇينى  زادى  پۇل سۈزۈش ماشىنسى 绝地求生 دىگەن ئۇيۇننىڭ  ئەسلى نۇسقىسنى پۇلغا ئالدىكەنمىز لىكىن  رەڭلىك پىپۇلىرنى   ھەقسىز  بىردىكەن  
مىنىڭ بىر خوشنامنىڭ بالسىمۇ دادىسنىڭ چىقىم قىلىش مەخپى  نۇمۇرنى بىلۋاپتىكەن داداسنىڭ تىلفۇننى ئويناپ چىجى  غا 17مىڭ يۈەن خەجلىۋىتىپتىكەن  بىچچارە دادسى ساغىرىپ كەتتى زادى زىيانغا  ئىچى ئىچشىپ ،  تىڭشۈننىڭ مۇشۇ ئەخمىقانە پۇل تۇتۋالدىغان رەڭلىك چاپان  چاپلاقلىرغا   بەك ئۆچ  مەن شۇڭا ئوينىمايمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部