+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-4 10:40 1542 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-5-4 10:42  

يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى كۆرۈلگەندىن باشلاپ بەدەن تېمپېراتۇرىمىزنى ئۆلچىتىپ تۇرىدىغان بولدۇق. بۇ جەرياندا كۆپچىلىك مۇنداق بىر نۇقتىغا دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ھەر قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەندە 36.5، 36.3 ... ئەتراپىدا چىقىدۇ. بۇرۇن مەكتەپتە ئۈگەنگەن ئومۇملاشقان بىلىم بويچە ئادەمنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37 گىرادۇس ئەتراپىدا بولاتتى، بۇ نېمە ئىش؟ ئېلېكترونلۇق تېرمومېترنىڭ سەزگۈرلىكى تۆۋەنمۇ؟ نېمىشقا 37 گىرادۇس چىقمايدۇ؟
640.jpg
سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى جۇلى پاسېننېت (Julie Parsonnett) ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، 19-ئەسىردىن بۇيان قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىگەنلىكىنى، 200 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 0.4 تۆۋەنلەپ، 37 دىن 36.6 گە چۈشكەنلىكىنى بايقىغان.
170253d8823c8723fa336e80.jpg!custom660.jpg
بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىشى ياخشى ئىش ئەمەس!

1851-يىلى كارل ۋىندلىش (Carl Wunderlicch) ئىسىملىك گېرمانىيە ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى 25 مىڭ بىمارنىڭ قولتۇق ئاستى بەدەن تېمپېراتۇرىسى سانلىق مەلۇماتىنى توپلاپ، تۇنجى قېتىم ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ 37 بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن، بۇ خىل قاراش ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئىنسانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۈزۈكسىز تۆۋەنلەپ، 37 گىرادۇس تارىخقا ئايلانغان.

بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەشنىڭ تەسىرى
شەپەرەڭ نېمە ئۈچۈن نەچچە يۈز خىل ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرۈيدۇ؟ بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي: شەپەرەڭنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ 40 گرادۇستا تۇرىدىغانلىقىدىندۇر. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ھەر 1 گىرادۇس تۆۋەنلىسە، ئىممۇنىتېت كۈچى %30 تۆۋەنلەيدىكەن، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ھەر 1 گىرادۇس ئۆرلىسە، ئىممۇنىتېت كۈچى 5 ~ 6 ھەسسە ئۆرلەيدىكەن، بۇنداق قارىغاندا، شەپەرەڭنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئىنسانلارنىڭكىدىن نەچچە يۈز ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن، شەپەرەڭنىڭ ۋىرۇس تەسىرىدىن ئاغرىپ قالماي، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولماي يۈرىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.

fb62-iqrhckm7944467.jpg

(ئادەم ۋىرۇس ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغاندا قىزىپ كېتىشى ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ رولىدىن بولىدۇ. ۋىرۇس ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ۋىرۇسنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىدۇ)
170253d87a5c9dc3fcafd566.gif!custom.jpg
نېمە ئۈچۈن بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىسە ئىممۇنىتېت كۈچىمۇ تۆۋەنلەيدۇ؟

بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئاساسىي مېتابولىزم (ماددا ئالمىشىش) نىسبىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بەدەن تېمپېراتۇرىسى ھەر 1 سېلسىيە گرادۇس ئۆرلىسە ئاساسىي مېتابولىزم %13 ئاشىدۇ. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى مېتابولىزمنىڭ ناچارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەكسىچە ، ئەگەر ئاساسىي مېتابولىزم نىسبىتى تۆۋەن بولسا ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ ، قان ئايلىنىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. ئاستا-ئاستا ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ ۋىرۇس، باكتىرىيەلەرنى تېپىشى، ئۆلتۈرۈشى تەسكە توختايدۇ. بەدەننىڭ ۋىرۇس ۋە باكتېرىيە بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاق قان ھۈجەيرىسى سىرتقى ۋىرۇس ۋە باكتېرىيەنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇپلا قالماي ، بەدەندىكى راك ھۈجەيرىسىنى نازارەت قىلىپ ، راك ھۈجەيرىسىنى ۋاقتىدا ئۆلتۈرىدۇ.
ساغلام كىشىلەرمۇ ھەر كۈنى تەخمىنەن 5000 راك ھۈجەيرىسىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ نازارىتىدىن قېچىپ ھايات قالسا، ئۇزۇن ئۆتمەي 1 دىن 2 گە ، 2 دىن 4 كە ، 4 دىن 8 كە... كۆپىيىدۇ ۋە ئاخىرىدا ئۆسمىگە ئۆزگىرىدۇ.
ئالىملارنىڭ ھېسابلىشىچە ، ئەگەر بەدەن تېمپېراتۇرىسى °1C تۆۋەنلەپ ، ئىممۇنىتېت كۈچى %30 تۆۋەنلىسە، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ھەر كۈنى 1500 گە يېقىن راك ھۈجەيرىسىنى قاچۇرۇپ قويىدۇ.
ffce558839c645d49133c165dba1b3a3.gif
بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى سەۋەب
ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى نېمە ئۈچۈن تۆۋەنلەيدۇ؟

1. ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب-ھەرىكەت كەمچىل بولۇش
ئالىملارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئىنسانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 170 يىل ئىچىدە 0.4 گىرادۇس تۆۋەنلىگەن، يېقىنقى 20 يىلدا تۆۋەنلەش دەرىجىسى تېخىمۇ چوڭ بولغان، ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھەرىكەت كەمچىل بولغان. 50 يىل ئىلگىرى كىشىلەر ھەر كۈنى نۇرغۇن ھەرىكەتلەرنى قىلاتتى.
يېزا-سەھرادىكىلەر تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئىشلىرىنى قولدا قىلاتتى، شەھەر كىشىلىرىمۇ كىر يۇيۇش، تاماق ئېتىش ئىشلىرىنى ئۆزى قىلاتتى؛ سىرتقا چىققاندا پىيادە ماڭاتتى ياكى ۋېلىسىپىت مىنەتتى، دالا پائالىيىتى قىلاتتى.
ھالبۇكى، پەن ـ تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر بارغانسېرى «ھورۇن» بولۇپ كەتتى. يېزا ئىگىلىكى ماشىنلاشتى، تاماقنى سىرتتىن بۇيرۇتىدىغان، كىرنى، قاچىنى ئاپتوماتىك ماشىنلاردا يۇيدىغان بولدى. سىرتقا چىقسا ماشىنا، مېترو تەييار؛ بالىلارمۇ بۇرۇنقىدەك سىرتتا ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينىماي، كومپىيۇتېر، تېلىۋېزور، يانفون ئويۇنلىرىغا بىرىلىپ كەتتى.
مۇسكۇل بولسا ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ ئىسسىقلىق چىقارغۇچى ئەزادۇر. ھەرىكەت قانچە ئاز بولسا مۇسكۇلنىڭ چىقىردىغان ئىسسىقلىقى شۇنچە ئاز بولۇپ، مىتابولىزىم شۇنچە ئازىيىدۇ.
ئاساسىي مېتابولىزم تۆۋەنلىسە، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئازىيىپ، ئىچكى ئەزالاردىكى ياغ كۆپىيىدۇ. ئىچكى ئەزالاردىكى ياغ توقۇلمىلىرى 20 خىلدىن ئارتۇق ناچار ھورمۇن (ياكى ياغ ھۈجەيرە فاكتورى) ئاجرىتىپ چىقىرىپ، قان تومۇر ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە ئىنسۇلىننىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، راك، يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت قاتارلىق بىر قاتار كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تەسىرى
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە ، مۇسكۇل ھەرىكىتىنىڭ تۆۋەنلىگەندىن باشقا ، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئادەم بەدىنى تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن. كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەت ھاۋا تەڭشىگۈچ بار مۇھىتتا تۇرسا، چوڭ مېڭىنىڭ قاندىكى ئىسسىقلىق تارقىتىش مەركىزى غىدىقلاشنى قوبۇل قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. بەدەن ئۆزىنىڭ مىخانىزىمى ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتمەي، ھاۋا تەڭشىگۈچكە تاينىۋالىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ، ئىسسىقلىق تارقىتىش مەركىزى سىرتقى تېمپېراتۇرىغا سەزگۈر بولمايدۇ ، نەتىجىدە بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەيدۇ.
170253d8bcbc8753fd439f3b.jpg!custom660.jpg
3. ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر، كورتىزول زىيادە كۆپ ئاجرىلىپ چىقىش مۇسكۇللارنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يۇقارقىلاردىن باشقا بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان كىشىلىك مۇناسىۋەت، مالىيە مەسىلىسى ۋە ئائىلە مەسىلىسى قاتارلىق تۇرمۇش بېسىمىمۇ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر سەۋەب. بېسىم ھالىتىدە ئادەم بەدىنى سېزىمچان ھالەتتە تۇرىدۇ، بەدەن« كورتىزول» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىپ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ.
لېكىن، كورتىزول بىر خىل مېتابولىزم ھورمۇنى بولۇپ، مۇسكۇللارنى پارچىلاپلا قالماستىن، يەنە ياغنىڭ ساقلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ياغ ھاسىل قىلىپ ئىچكى ئەزالاردا ساقلايدۇ. تۇرمۇش بېسىمى ئاشقانسىرى كورتىزول كۆپ مىقداردا ئاجرىلىپ چىقىپ، بىر تەرەپتىن مۇسكۇللارنى پارچىلاپ، بىر تەرەپتىن ماي ساقلىسا، ئاساسىي مېتابولىزم نىسبىتى تۆۋەنلەپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.

mp27839987_1439805494613_2.jpeg

بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش، چېنىقىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش، ھاۋا تەڭشىگۈچنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك، روھىي ھالەتنى ئەركىن قويۇپ بېرىپ بېسىمنى يېنىكلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق ساقلاش.
يېمەكلىكلەردىن مۇچ، يەر ياڭىقى (خاسىڭ)، زەنجىۋىل، يىرىك گۆرۈچ (ياخشى ئاقلانمىغان) قاتارلىقلارنىڭ بەدەن تېمپراتۇرىسىنى كۆتۈرۈشتىكى رولى كۆرىنەرلىك. ئىسسىق سۇيۇقئاش، شورپا ئىچىش، بەدەننى ئىسسىق ساقلاش... دېگەنلەرنى تەكىتلىمىسەكمۇ مىڭ يىللاردىن بۇيان ئەجدادلار يەكۈنلىگەن خۇلاسە.

بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ پايدىسى
بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ يۈكى يېنىكلەيدۇ. بەدەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە قان ئايلىنىش ياخشىلىنىپ، مېتابولىزم پەيدا قىلغان كېرەكسىز ماددىلار تېزلىكتە بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىپ، جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ يۈكى يېنىكلەيدۇ.
ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ھەر 1 سېلسىيە گىرادۇس ئۆرلىگەندە، ئادەم بەدىنىنىڭ تەبىئىي ساقىيىش نىسبىتى 6 ھەسسە ئەتراپىدا ئاشىدۇ، ئەگەر بەدەن تېمپېراتۇرىسى 2 سېلسىيە گىرادۇس ئۆرلىسە، تەبىئىي ساقىيىش نىسبىتى 36 ھەسسە ئاشىدۇ. تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىش ئارقىلىق تەر چىقىرىش سالامەتلىككە پايدىلىق.
تەر ۋە تېرە ئاستى ياغلىرىنى چىقىرىپ تاشلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تېرە ياغ بېزىدىكى ياغلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاپ، ساغلاملىق ۋە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈپ، زىلۋالاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ (سۇ تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك).
ئېغىر مېتاللار ۋە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىپ، راك كېسىلى بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىدۇ.
ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇپ، ماددا ئالمىشىشنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ، ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ.
ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.
قىزىشتىن باشقا، بەدەن تېمپېراتۇرىسى 36 گرادۇستىن تۆۋەن بولسا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش زۆرۈر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部