+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-3 11:05 1768 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەينى چاغدىكى يانفون ساھەسىدىكى گىگانىت شىركەت موتورولا ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا بايراقدار دەرىجىلىك يانفون چىقىرىپ باقمىغان. ئالدىنقى ھەپتە Motorola Edge Plus يانفوننى ئېلان قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك يانفون بازىرىغا قايتىپ كەلدى. بۇ يانفوننىڭ سەپلىمىسى ۋە باھاسىغا قارىغاندا بىۋاستە سامسۇڭ Galaxy S20 Plus بىلەن رىقابەتلىشىشنى نىشانلىغان.

20200423074825_7059.jpg

Motorola Edge Plus نىڭ سەپلىمىسى
بۇ يانفونغا 6.7 دىيۇملۇق HDR10 + AMOLED ئەگرى گىرۋەكلىك ئېكران سەپلەنگەن. ئېكران يېڭىلىنىش چاستوتىسى 90Hz ، ئېنىقلىقى +1080p ، ئالدى كامېراسى ئېكراننىڭ سول ئۈستى تەرىپىگە تۆشۈك شەكىلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 25 مىليون پىكسېل.
ئېكرانىغا ئوپتىكىلىق بارماق ئىزى سېنزورى ئورنىتىلغان، ئېكراندىن بارماق ئىزى تونۇيدۇ.

20200423_085404_170.jpg
20200423_085412_998.jpg

كۇۋالكوم 865 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 12GB LPDDR5 ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 256GB UFS 3.0 ساقلىغۇچ سەپلەنگەن.
باتارىيەسى 5000mAh بولۇپ، 15W لىق سىملىق، 15W لىق سىمسىز تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. 5W لىق تەتۈر يۈنىلىشتە زەرەتلەشنى قوللايدۇ.

20200423_073938_720.jpg

كەينى ئاساسى كامېراسى 108 مىليون پىكسېللىق f / 1.8 كامېرا. يەنە 8 مىليون پىكسېللىق ئۇزۇن فوكۇسلۇق كامېرا، 16 مىيون پىكسېللىق ئالاھىدە كەڭ بولۇڭلۇق كامېرا، ToF كامېرا قاتارلىقلار بار. ئاساسى كامېراسىغا 1/1.33 دىيۇملۇق OIS سېنزور سەپلەنگەن، 27 مىليون پىكسېللىق رەسىم ھاسىل قىلالايدۇ. 10 ھەسسە رەقەملىك فوكۇس ئۆزگەرتەلەيدۇ. مىكرو ئارىلىقتىن رەسىم تارتالايدۇ، 6K ئېنىقلىقتا سىن ئالالايدۇ. كېچىدە رەسىم تارتىش، ئاستىلىتىپ سىن ئېلىش، رەسىمدىكى سايە، داغلارنى يوقۇتۇش... قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار.

20200423074013_4394.jpg

بۇ موتورولانىڭ تۇنجى ھەقىقى 5G قوللايدىغان يانفونى، بەش جى مۇھىتىدا چۈشۈرۈش تېزلىكى 4Gbps گە چىقىدۇ. ئاۋاز ئۈنۈمى جەھەتتە بۇ شىركەتنىڭ ئۆزىنىڭ Waves Audio تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ ھەقىقى ئىستىرېئولۇق ئاۋاز ئۈنۈمىگە ئىگە قىلغان.

Motorola Edge نىڭ يۇقارقىغا قارىغاندا سەپلىمىسى تۆۋەن بولۇپ، كۇۋالكوم 765G مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن.
sub-6GHz لىق بەش جى قوللايدۇ (تۆت جىنىڭ دەرىجىسى كۆتۈرۈلگەن نۇسخىسى).

20200423073657_3918.jpg

6GB+128GB ساقلىغۇچ سەپلەنگەن. microSD كارتا سېلىشنى قوللايدۇ.
ئاساسى كامېراسى 64 مىليون پىكسېل، ئالدى كامېراسى 25 مىليون پىكسېل.
باتارىيەسى 4500mAh، سىمسىز زەرەتلەشنى قوللىمايدۇ. 18W لىق سىملىق زەرەتلەشنى قوللايدۇ.

Motorola Edge نىڭ باھاسى 599 ياۋرو (تەخمىنەن 4592 يۈەن)
Motorola Edge Plus نىڭ باھاسى 1000 دوللار (تەخمىنەن 7083 يۈەن) دىن باشلىنىدۇ.
يۇقارقىسى خەلقئارا نۇسخىسىنىڭ باھاسى، دۆلەت نۇسخىسىنىڭ باھاسى بۇنىڭدىغان ئەرزان بولۇشى مۇمكىن.

موتورولانىڭ بۇ يانفونى سەپلىمە جەھەتتە Galaxy S20 Plus,LG V60,OnePlus 8 Pro,Oppo Find X2,شىيامى Mi 10 Pro ۋە خۇاۋېي P40 Pro لار بىلەن تەڭ ئۇرۇندا تۇرىدۇ. قالغىنى شۇ باھاسى...

2ئادەم ئىنكاس يازدى

begtash ۋاقتى: 2020-5-3 22:56:09
يانفۇن سىرتىدىن قارىغاندا بەك سىپتا ئىكەن،  لىكىن باھاسىنى بەك يۇقىرى ھىس قىلدىم.
热情 ۋاقتى: 2020-5-3 23:10:45
ئۆزىمۇ ھەقىقەتەن ياخشى چىقىدىغان يانفۇن, ئەمما بۇزۇلۇپ قالسا بۇزۇلۇپ ياكى ئىران چېقىلىپ كەتسە , رېمۇنت پۇلىغا تاسلا قالىدۇ دۆلىتىمىز ئىشلىگە يامان ئەمەس يانفۇندىن بىرسى كەلگىلى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部