+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-2 10:54 2303 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئادەتتە ئۈندىداردىكى پۇلنى بانكا كارتىسىغا يۆتكىسە، جۇغلانما پۇل 1000 يۈەندىن ئاشقاندىن كېيىن %0.1 مۇلازىمەت ھەققى تۇتۇپ قالىدۇ.
ئالىپايدىكى پۇلنى بانكا كارتىسىغا يۆتكىسە، جۇغلانما پۇل 20000 يۈەندىن ئاشقاندىن كېيىن %0.1 مۇلازىمەت ھەققى تۇتۇپ قالىدۇ.
بۇ مۇلازىمەت ھەققى ئازدەك قىلغان بىلەن، دائىم سودا قىلىدىغانلار ئۈچۈن يىغىلىپ كەلسە ئاز ئەمەس.
ئالىپايدىكى پۇلنى بانكا كارتىسىغا مۇلازىمەت ھەققىسىز چىقىرىش.

ئالىپاينىڭ پۇلنى ئەكىرىپ قويسا ئۆسۈم بېرىدىغان 余利宝 دەپ بىر مۇلازىمىتى بار. ئالىپاي قالدۇقىدىكى ياكى بانكا كارتىسىدىكى پۇلنى مۇشۇ يەرگە ئەكىرىپ قويسا ئۆسۈم بەرگەندىن باشقا، بانكا كارتىسىغا چىقارسا مۇلازىمەت ھەققى ئالمايدۇ.
d4f6dc06b952c727a70f36d91caccc52.png
يۇقارقى رەسىمدىكى 转入 نى بېسىپ پۇل ئەكىرىش مەشغۇلاتى، 转出 نى بېسىپ پۇل چىقىرىش مەشغۇلاتى قىلسا بولىدۇ. ئالىپاي كۆزنىكىدە يۈ لى باۋ كۆرۈنمىسە ئىزدەش رامكىسىغا 余利宝 دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەتسەڭلار بولىدۇ.

ئۈندىداردىكى پۇلنى بانكا كارتىسىغا مۇلازىمەت ھەققىسىز چىقىرىش.
ئۈندىدار يېقىندا ئۈندىداردا چىقىم قىلغاندا تەڭگە يىغىلىپ، بۇ تەڭگە ئارقىلىق ئۈندىدارىكى پۇلنى بانكا كارتىسىغا ھەقسىز يۆتكىگىلى بولىدىغان مۇلازىمەت چىقاردى.
ئۈندىدارنىڭ باش كۆزنىكىدىكى 微信支付 نى چېكىپ (باش كۆزنىكىدە كۆرۈنمىسە ئىزدەش رامكىسىغا شۇ خەتنى كىرگۈزسەڭلار چىقىدۇ، بۇ تېڭشۈن ئورگان تەرەپنىڭ سالونى؛ ئۈندىدار قىلغان چىقىمنى مۇشۇ يەردىن كۆرۈشكە بولىدۇ)

微信截图_20200502101517.jpg

ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك 更多 نى ئاندىن 支付有优惠 نى چېكىمىز.

微信截图_20200502101644.jpg

بىر قېتىم ئۈندىداردا چىقىم قىلسا بىر تەڭگە (金币) بېرىدىكەن؛ بىر ھەپتىدە 15 تەڭگىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن. بۇ تەڭگىنى بانكا كارتىسىغا ھەقسىز يۆتكەش مۇلازىمىتىگە ئالماشتۇرسا بولىدىكەن. 10 تەڭگىنى بانكا كارتىسىغا ھەقسىز چىقىردىغان 1000 يۈەنگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن. يەنى سىز بۇ يەردىن 10 تەڭگە تاپسىڭىز ئۈندىداردىكى 1000 يۈەننى بانكا كارتىڭىزغا ھەقسىز چىقىرالايسىز دېگەن گەپ. ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىر ئايغىچە ئىناۋەتلىك بولىدىكەن.

微信图片_20200502103005.jpg

微信图片_20200502103022.jpg

تەڭگە يىغىشقا باشقا ئىش كەتمەيدىكەن، شۇ يەرنى ئېچىپ قويغاندىن كېيىن مال سېتىۋالغاندا ئۈندىدار چىقىم قىلسىلا بولىدىكەن. بۇ ئېرىشكەن تەڭگىنى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېلېفون ھەققى قاچىلاش قاتارلىقلارغىمۇ ئىشلەتكلى بولىدىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部