+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-4-22 10:20 2912 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۈندىدار (微信) دۆلىتىمىزدىكى ئىشلەتكۈچىسى ئەڭ كۆپ ئىجتىمائى ئالاقە، كۆچمە چىقىم قىلىش ئەپ دېتالى. تۆۋەندە ئۈندىدارغا ئائىت 90 بىلىمنى رەتلەپ چىقتۇق. ئۈندىداردا ئۇچىرىغان بارلىق مەسىللەرگە مۇشۇنىڭدىن جاۋاب تاپالايسىز.

0723515620d6bf3.jpg

1. ئۈندىدار 2011-يىل 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلىنغان.
2. ئۈندىدارنى ياسىغۇچى جاڭ شاۋ لوڭ.
3. ئۈندىدار سالونى 2012-يىل 8-ئاينىڭ 23-كۈنى چىقىرىلغان. دوستلار چەمبىرىكى 2012-يىل 4-ئايدا چىقىرىلغان. سىنلىق پاراڭلىشىش 2012-يىل 7-ئايدا چىقىرىلغان. ئۈندىداردا چىقىم قىلىش 2013-يىل بارلىققا كەلگەن. ئۈندىدار ئەپچىسى 2017-يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنى چىقىرىلغان.
4. ئۈندىدارنىڭ قوزغىلىش رەسىمىدىكى يەر شارىنىڭ رەسىمى ياسالغان رەسىم بولماستىن ھەقىقىي تارتىلغان رەسىم. بۇ رەسىم 1972-يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاپوللو17 ناملىق ئالەم كېمىسىدە تۇرۇپ يەر شارىدىن 45 مىڭ كىلومىتېر يىراقلىقتىكى ئالەم بوشلۇقىدا تارتىلغان.

4596f627639941a2a76a30f0f9e9f560.jpeg

5. ئۈندىدارنىڭ باش شىتابى گۇاڭجۇدا
6. ئۈندىداردىكى دۆلەت تەۋەلىكى تەڭشەلگەن ئەڭ كۆپ دۆلەتنىڭ ئىككىنجىسى ئاندوررا (安道尔) ، ئۈندىدار ئىشلەتكۈچىلەر دۆلەت تەۋەلىكىنى قولدا تەڭشىمىسە، ئېلىپبە تەرتىپى بويچە ئاندوررا ئالدىدا بولغاچقا ئاپتوماتىك ھالدا مۇشۇ دۆلەتكە تەڭشىلىپ قالىدۇ.
7. ئۈندىدار ۋە WeChat (خەلقئارالىق نەشىرى) قوشۇلۇپ ئايلىق ئىشلەتكۈچىسى 1 مىليارد 151 مىليونغا يېتىدۇ. ئەپچىنىڭ كۈندىلىك ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىسى 300 مىليوندىن ئاشىدۇ.
8. ئۈندىدارغا ئىپادىدىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 نى قوشقىلى بولىدۇ.
9. ئۈندىداردىكى ئوقۇمىغان ئۇچۇر بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندە سول ئاستى تەرەپتىكى سىنبەلگىنى قوش چەكسە ئەڭ يېڭى ئوقۇمىغان ئۇچۇرغا يۆتكىلىدۇ.
10. ئۈندىدارنىڭ ID نومۇرى بىردىنبىر بولىدۇ، پەقەت بىر قېتىم بەلگىلەشكە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.
11. ئۈندىداردا سۆزلەشكەندە يوللانغان رەسىمنى ئاچمىغان ئەھۋالدا 72 سائەت ساقلىنىدۇ.
12. ئۈندىداردا سۆزلەشكەندە ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 9 پارچە رەسىم يوللاشقا بولىدۇ.
13. ئۈندىداردا يوللانغان ئۇچۇر (ئاۋاز) نى ئىككى مىنۇت ئىچىدە ياندۇرۋالغىلى بولىدۇ، ياندۇرۋېلىپ بەش مىنۇت ئىچىدە تەھرىرلەشكە بولىدۇ.
14. ئاۋاز، يېزىق، رەسىم، سىن، ئىسىم كارتىسى، ئورۇن ئۇچۇرى، ھەمبەھرلىگەن ئۇلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ياندۇرۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما قىزىل بولاقنى ياندۇرۋالغىلى بولمايدۇ.
15. ئۈندىداردىكى دوستنى قوش يۈنىلىشتە ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ. يەنى سىز دوستىڭىزنى ئۆچۈرۋەتسىڭىز، دوستىڭىزنىڭ تىزىملىكىدىكى سىز ئۆچۈرۈلمەي ساقىلىنىپ تۇرىۋېرىسىز.
16. قارشى تەرەپنىڭ سىزنى ئۆچۈرۋەتكەن ياكى قارا تىزىملىككە تىقىۋەتكەنلىكىنى بىلىشنىڭ مۇنداق ئىككى ئامالى بار.
بىرىنجىسى: گۇمان قىلغان تورداشقا خالىغان سوممىدا پۇل يۆتكەشنى سىنايسىز، پۇل سوممىسىنى كىرگۈزسىڭىز ئەگەر قارشى تەرەپ سىزنى ئۆچۈرۋەتكەن ياكى قارا تىزىملىككە تىقىۋەتكەن بولسا “请确认你和他(她)的好友关系是否正常” دەپ ئەسكەرتىش چىقىدۇ.
ئىككىنجىسى: توپ قۇرۇپ قارشى تەرەپنى توپقا تارتسىڭىز سىزنى ئۆچۈرۋەتكەن ياكى قارا تىزىملىككە تىقىۋەتكەن بولسا توپتىكى نامىنىڭ رەڭگى كۆك رەڭدە كۆرۈنىدۇ.
17. ئۈندىداردىكى سۆزلىشىش خاتىرىسى ئۆزىمىزنىڭ يانفونىدا ساقلىنىدۇ. ئۆچۈرۋەتمىسىڭىز ساقلىنىپ تۇرىۋېرىدۇ. ئۈندىدارنى يانفوندىن ئۆچۈرۋەتسىڭىز (卸载 قىلسىڭىز) بارلىق سۆزلىشىش خاتىرىسى ئۆچۈرۈلىدۇ. سۆزلىشىش خاتىرىسنى زاپاسلىۋالمىغان بولسىڭىز ئۈندىدارنى قايتا قاچىلىسىڭىزمۇ سۆزلىشىش خاتىرىسنى تاپالمايسىز. ئۈندىدارنى ئۆچۈرۋەتمەي تۇرۇپ قايتا قاچىلىسىڭىز سۆزلىشىش خاتىرىسى ئۆچۈرۈلۈپ كەتمەيدۇ. ئۈندىدارنىڭ مۇلازىمىتېرى سۆزلىشىش خاتىرىسىنى ساقلىمايدۇ.
18. ئۈندىداردىكى يىغىپ ساقلىغۇچ (收藏) نىڭ سىغىم چەكلىمىسى 2G ، يەككە ھۆججەت 25M دىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
19. ئۈندىداردىكى يىغىپ ساقلىغۇچقا يېزىق، ئاۋاز، سىن، رەسىم، ئورۇن ئۇچۇرى، تور بەت، مۇزىكا... قاتارلىقلارنى ساقلىۋېلىشقا بولىدۇ.
20. يىغىپ ساقلىغۇچقا ساقلىۋالغان ئاۋازنى باشقىلارغا يوللاشقا بولمايدۇ، باشقىلىرىنى يوللاشقا بولىدۇ.
21. ئۈندىداردا «ئەسلەتمە» (备忘录) ئىقتىدارى بار. 收藏 گە كىرىپ، ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى + نى بېسىپ ئەسلەتمە ئۇچۇرنى يېزىپ، ئاندىن ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى ئۈچ چېكىتنى بېسىپ، 在聊天中置顶 نى چېكىپ تەڭشەپ قويسا، بۇ ئەسلەتمە ئۇچۇر سۆزلىشىش كۆزنىكىنىڭ ئەڭ ئۈستىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
22. نۆۋەتتە ئاندوريد ۋە ئايپەد نەشىرىدىكى ئۈندىداردا ئېكراننى يانتۇ قىلىشنى قوللايدۇ. ئايفون نەشىرى قوللىمايدۇ.
23. ئۈندىداردىكى توپ مەسئۇلىنىڭ توپ ئۇقتۇرۇشى يوللاش، باشقۇرغۇچى بەلگىلەش ھوقۇقى بار. توپتا پاراڭلىشىش جەريانىدا قانۇنسىز مەزمۇن بايقالسا توپ مەسئۇلى چاتما جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
24. توپ باشلىقى توپتىن چېكىنسە، بۇ توپقا ئىككىنجى بولۇپ كىرگەن ئادەم توپ باشلىقى بولىدۇ. چېكىنگەن توپ باشلىقى قايتا بۇ توپقا كىرسە ئىلگىرىكى توپ باشلىقىلىق سالاھيىتى ئەسلىگە كەلمەيدۇ.
25. ئادەم سانى 40 تىن ئاشقان توپتا ئاندىن باشقۇرغۇچى بەلگىلەشكە بولىدۇ. ئادەم سانى 200 دىن ئاشقان توپقا ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاش ئارقىلىق كىرگىلى بولمايدۇ.
26. توپ باشلىقى توپتىن چېكىنسە توپ تارقىلىپ كەتمەيدۇ. توپنى تارقىتىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى: توپ باشلىقى توپتىكى بارلىق ئەزالارنى تېپىپ چىقىرۋېتىپ، ئاندىن ئۆزى چىقىپ كېتىش.
27. ئۈندىدار توپىنىڭ ئىككىلىك كودىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 7 كۈن.
28. ئۈندىدار توپىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 9 ئادەم ئاۋازلىق پاراڭلىشالايدۇ.
29. توپتىن ئاكتىپلىق بىلەن چېكىنسە توپ ۋە توپتىكى سۆزلىشىش خاتىرىسى ئۆچۈدۇ. مۇلازىمىتېر سۆزلىشىش خاتىرىسىنى ساقلىمايدۇ. ئەگەر توپ باشلىقى تەرىپىدىن توپتىن چىقىرىلسا چىقىرىلىشتىن بۇرۇنقى سۆزلىشىش خاتىرسىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.
30. سۆزلىشىۋاتقاندا، قارشى تەرەپ سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنى تاپشۇرۋېلىپ، 10 سېكۇنت ئىچىدە خەت كىرگۈزگەن بولسا «قارشى تەرەپ كىرگۈزۋاتىدۇ» (对方正在输入) دەپ ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ.
31. ئۈندىداردىكى چەكلىمىلەر: ئۈندىدارغا دوست قوشۇش چەكلىمىسى 5000 ئادەم (ھازىر 5000 دىن كۆپ ئەزا قوشسا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆپ قوشقان ئادەم بىلەن پەقەت پاراڭلاشقىلى بولىدۇ، دوستلار چەمبىرىكىنى كۆرگىلى بولمايدۇ) ؛ ئۈندىدار نامىنىڭ خەت چەكلىمىسى 16 خەت (ئۇيغۇرچە 16 ھەرپ). ئۈندىداردىكى ئىمزانىڭ خەت چەكلىمىسى 30 خەت. ئۈندىدار توپىدىكى ئادەم چەكلىمىسى 500 ئادەم؛ سالون يازمىسى ماۋزوسنىڭ خەت چەكلىمىسى 64 خەت (بوشلۇقنى قوشقاندا ئۇيغۇرچە 64 ھەرپ) ؛ بىر ئادەم ئەگىشەلەيدىغان ئۈندىدار سالون چەكلىمىسى 999، سالون يازمىسىنىڭ خەت چەكلىمىسى 50 مىڭ خەت.
32. دوستلار چەمبىرىكىنىڭ ئۈستىدىكى ئاپپارات سىنبەلگىسىنى ئۇزۇنراق بېسىپ تۇرۇپ يېزىق كىرگۈزۈپ، ساپ يېزىقلىق چەمبىرەك ئۇچۇرى يوللاشقا بولىدۇ.
33. دوستلا چەمبىرىكىگە يوللايدىغان خەت چەكلىمىسى 1500 خەت.
34. دوستلار چەمبىرىكىگە سىن چىقارغاندا ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 15 سېكۇنتلۇق سىن ئېلىپ يوللاشقا بولىدۇ.
35. ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىكى مەزمۇنلارنى دوستلىرىنىڭ كۆرۈش ۋاقىتنى بەلگىلەشكە بولىدۇ. يەنى ئۈچ كۈن، بىر ئاي، يېرىم يىل دەپ بەلگىلەپ قويسا شۇ ۋاقىتتىن بۇرۇنقى چەمبىرەك مەزمۇننى دوستلىرى كۆرەلمەيدۇ.
36. شەخسىي كىملىككە بىر سالون قۇرغىلى بولىدۇ. شىركەت ھېساباتىغا 2 سالون قۇرۇشقا بولىدۇ.
37. شەخسىي سالوننى بىر يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم ئىسىم ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. كارخانا، تاراتقۇ، ھۆكۈمەت ۋە باشقا ئورگان نامىدا قۇرۇلغان سالوننى دەلىللەش باسقۇچىدا بىر قېتىم ئىسىم ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بار.
38. سالوندا ۋاقىت بەلگىلەپ يازما يوللاشقا بولىدۇ. ئىككى كۈن ئىچىدىكى خالىغان بىر ۋاقىتقا توغىرلاپ ئاپتوماتىك يوللاشقا بولىدۇ. ۋاقىت بەلگىلەپ يوللاشقا تەڭشەلگەندىن كېيىن ۋاقىت توشۇپ بولغۇچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ. ئەمەلدىن قالدۇرۋەتسە شۇ كۈنلۈك يوللاش قېتىم سانىنى ئىگىلىمەيدۇ.
39. ھەر بىر سالون يازمىسىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ سىن قىستۇرۇشقا بولىدۇ. سالون ئارقا سۇپىسىغا چىقارغان ئۈچ ئاۋاز قىستۇرۇشقا بولىدۇ. باشقا مۇزىكا قىستۇرۇشنىڭ چەكلىمىسى يوق.
40. ئۈندىدار سالونى مۇشتەرى نومۇرى (订阅号) ۋە مۇلازىمەت نومۇرى (服务号) دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. مۇشتەرى نومۇرى سالونىغا ھەر 24 سائەتتە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 8 يازما يوللاشقا بولىدۇ. مۇلازىمەت نومۇرى سالونىغا ھەر ئايدا تۆت قېتىم (ھەپتىدە بىر قېتىم) ، ھەر قېتىمدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 8 يازما يوللاشقا بولىدۇ.
41. سالون يازمىسى يوللىنىپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 خەت (ئۇيغۇرچە 20 ھەرپ) نى ئۆزگەرتىشكە، ئالماشتۇرۇشقا، ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ. ماۋزو، رەسىم، سىننى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ھەر بىر يازمىنى پەقەت بىر قېتىم ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بار.
42. يېڭى قۇرغان سالوننىڭ ھازىر سۆز قالدۇرۇش ئىقتىدارى ئېچىلمايدۇ. سۆز قالدۇرۇش ئىقتىدارى بار سالونغا ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى سۆز قالدۇرۇش ئىقتىدارى بار سالون سېتىۋېلىش.
43. سالوننى يۆتكەشتە، A سالوننى B سالونغا يۆتكىمەكچى بولسا A سالون شەخسىي سالون، كارخانا سالونى بولسا بولىدۇ، ئەمما B سالون چوقۇم كارخانا سالونى بولۇشى كېرەك. شەخسىي سالوننى شەخسىي سالونغا يۆتكىگىلى بولمايدۇ.
44. ھازىر مۇشتەرى نومۇرى سالوننى مۇلازىمەت نومۇرى سالونغا كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ئىشلىمەيدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئېھتىياج بولسا سالون يۆتكەش ئىقتىدارىدىن پايدىلانسا بولىدۇ.
55. ئۈندىدار سالونى يۆتكەلسە ئەسىلدىكى سالوندىكى ئەزالار، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسى، ئىجادىيەت قوغداش ئىقتىدارى، سۆز قالدۇرۇش ئىقتىدارى يۆتكىلىدۇ. تارتۇقلاش ئىقتىدارى يۆتكەلمەيدۇ.
56. بىر سالوننى يەنە بىر سالونغا يۆتكەشكە ئادەتتە 7-10 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ، يۆتكەش مەزگىلىدە ئەسىلدىكى سالوندا يازما يوللاشقا بولمايدۇ. يۆتكىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەسىلدىكى سالوندىكى ئېلان كىرىمى ئاي ئاخىرىدا ئاپتوماتىك راسچوت قىلىنىدۇ.
57. ئۆزىنىڭ سالونىغا تىزىملاتقان ئېخەت/ھېسابات نومۇرىنى ئۇنتۇپ قالسا، 「公众平台助手」ئۈندىدار ئەپچىسى ئارقىلىق كۆرۈشكە بولىدۇ.
58. سالون باش رەسىمىنى بىر تەبئىي ئايدا بەش قېتىم ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. ئۆزگەرتكەن باش رەسىم تەستىقلانغاندىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. باش رەسىم سىغىمى 2M دىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.
59. سالون يازمىسىنىڭ خەت سانى 300 دىن ئاشسا ئاندىن ئىجادىيەت قىلىپ بەلگىلەشكە بولىدۇ. (رەسىمدىكى خەت ھېساب ئەمەس)
60. سالون ئىلتىماس قىلىپ 30 كۈنگىچە تاماملانمىسا ئىلتىماس قىلىش باسقۇچى ئاخىرلىشىدۇ. ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تىزىملاتىشقا ئىشلەتكەن ئېخەت ئۇچۇرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. يېڭىدىن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
61. سالوندا توپ يوللاش شەكىلىدە (تېمىدىن باشقا) ئايرىم يېزىق، رەسىم، ئۈن، سىن يوللاشقا بولىدۇ. بۇنداق يوللانغان خەت سانى چەكلىمىسى 600، ئۈن چەكلىمىسى 5M، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 60 مىنۇت، سىن چەكلىمىسى 20M
62. سالون ماتېرىيال ئامبىرىغا (素材管理) چىقارغان رەسىم، ئۈن، سىنلارنى كۆپ قېتىم يازمىغا قىستۇرۇپ يوللاشقا بولىدۇ، ئۈنۈملۈك ۋاقىت چەكلىمىسى يوق.
63. باشقا سالونغا يوللغان ئىجادىيەت يازمىسىنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز سالون ئىگىسى بىلەن ئاقىلىشىپ رۇخسەت قىلسا سىزنىڭ سالونىڭىزنى ئاق تىزىملىكىكە (白名单) قوشۇپ قويسا ئاندىن كۆچۈرسىڭىز نورمال بولىدۇ، بولمىسا تېمىنىڭ ماۋزوسىلا كۆرۈنۈپ، مەزمۇنى ئەسىلدىكى سالوندىكى يازمىغا يۆتكىلىدۇ.
64. سالونغا ئەگەشكەن ئادەم سانى 500 دىن ئاشسا ئاندىن ئېلان ئېچىلىدۇ. بىر كارخانا، ياكى شەخسنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 سالوندا ئېلان ئېچىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.
65. ئۈندىدار ئەپچىسىنى باغلايدىغان سالوننىڭ سان چەكلىمىسى يوق.
66. ئۈندىدار ئەپچىسىنىڭ باش رەسىمىنى بىر تەبئىي يىلدا بەش قېتىم ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، سىغىمى 5M دىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
67. ئۈندىدار ئەپچىسى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن نامىنى ئىككى قېتىم ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بار. ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزگەرتمەكچى بولسا دەلىللەتكەندىن كېيىن ئاندىن بولىدۇ.
68. كارخانا، ھۆكۈمەت، تاراتقۇ ۋە باشقا ئورگانلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 ئۈندىدار ئەپچىسى تىزىملاتسا بولىدۇ. شەخىس ياكى شەخسىي تىجارەت كېنىشكىسىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 5 ئۈندىدار ئەپچىسى قۇرۇشقا بولىدۇ. ئۈندىدار ئەپچىسىنىڭ سانى بىلەن سالون سانىنىڭ مۇناسىۋىتى يوق.
69. شەخسى نامدا قۇرغان ئۈندىدار ئەپچىسى ئۈندىدار دەلىللەشنى، ئۈندىداردا چىقىم قىلىشنى قوللىمايدۇ.
70. ھەر بىر ئۈندىدار ئەپچىسىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 ئاچقۇچلۇق سۆز (ئىزدەيدىغان) بەلگىلەشكە بولىدۇ، بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن ھەر ئايدا ئۈچ قېتىم ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
71. دەلىللەپ بولغان ئۈندىدار ئەپچىسىگە ئۈندىداردا چىقىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. دەلىللەپ بولغان ئەپچىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 ئەپ ئاچقۇچى باغلاشقا بولىدۇ.
72. «ئۈندىدار ھەرىكىتى» ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 98800 قەدەمنى خاتىرلەيدۇ. باشقىلارغا قانچىلىك ماڭغىنىڭىزنى كۆرسىتىشنى خالىمىسىڭىز بۇ ئىقتىدارنى تاقاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
73. ئۈندىداردا چىقىم قىلغاندا بىر يىلدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 200 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىشقا بولىدۇ.
74. ئۈندىداردا قارشى تەرەپكە پۇل يۆتكىگەندە پۇلنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ھېساباتىغا كىرىش ۋاقتىنى بەلگىلەشكە بولىدۇ، 2 سائەت ياكى 24 سائەت دەپ بەلگىلەپ قويۇشقا بولىدۇ.
75. ئۈندىداردا قارشى تەرەپكە ئاتقان قىزىل بولاقنى قارشى تەرەپ 24 سائەتكىچە ئالمىسا ئاپتوماتىك قايتىپ كېلىدۇ. ئۈندىدار ھېساباتىدىن ئاتسا ئۈندىدار ھېساباتىغا، بانكا كارتىسىدىن ئاتسا بانكا كارتىسىغا قايتىپ كېلىدۇ.
76. توپتا قىزىل بولاق ئاتقاندا بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 ئادەمگە، بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 200 يۈەن ئېتىشقا بولىدۇ. بىر قېتىمدا ئاتىدىغان قىزىل بولاق 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
77. بىر كۈندە قىزىل بولاق ئېتىشنىڭ يۇقىرى چېكى 100 مىڭ يۈەن. بانكا كارتىسىدىن چىقىم قىلىش چەكلىمىسى بانكا تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
78. قارشى تەرەپنى دوستقا قوشمىغان بولسىڭىز قىزىل بولاق ئاتقىلى بولمايدۇ. دوسقا قوشۇلۇپ بولغان ئادەمگە قىزىل بولاق ئېتىپ ئاندىن كېيىن ئۆچۈرۋەتسىڭىز ياكى قارا تىزىملىككە تىقىۋەتسىڭىز قارشى تەرەپ قىزىل بولاقنى ئالالايدۇ. دوستقا قوشمىغان ئادەمنى سىكانېرلاش ئارقىلىق بىۋاستە پۇل يۆتكەشكە بولىدۇ.
79. پارولسىز چىقىم قىلىش (刷卡免密支付) ئىقتىدارىنى ئاچقاندىن كېيىن ھەر قېتىمدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 1000 يۈەننى پارولسىز چىقىم قىلغىلى بولىدۇ. ھەر كۈنى 10 قېتىم پارولسىز چىقىم قىلغىلى بولىدۇ.
80. ئۈندىداردىكى ئۆسۈم بېرىدىغان 零钱通 نىڭ يۇقىرى چېكى 5 مىليون.
81. ئۈندىداردىكى ئىزدەش 搜一搜 ئىقتىدارى ئارقىلىق ئەپچە، تاۋار، ھاۋارايى، پاي چېكى ئۇچۇرى، مۇزىكا، خەۋەر... قاتارلىقلارنى ئىزدەشكە بولىدۇ.
82. ئىزدەشتىكى دوستلار چەمبىرىكىنى تاللاپ ئاچقۇچلۇق سۆز ئارقىلىق دوستلار چەمبىرىكىدىكى مەزمۇنلاردىن ئىزدەشكە بولىدۇ.
83. ئۈندىداردىكى لەيلىمە كۆزنەك (浮窗) ئارقىلىق سالون يازمىسى، ئەپچە، ناخشا-مۇزىكا، ساقلىۋالغان خاتىرە، ھۆججەت، سىرتقى ئۇلانمىلارنى لەيلىمە كۆزنەك قىلىشقا بولىدۇ. بىر ۋاقىتتا ئەڭ كۆپ بولغاندا 5 لەيلىمە كۆزنەك قىلىشقا بولىدۇ.
84. قوش ئەپ ئېچىشنى قوللايدىغان ئاندرويد يانفونلاردا قوش ئۈندىدار ئېچىشقا بولىدۇ. ئالما ئايفون، ئايپەدتە قوش ئۈندىدار ئېچىشقا بولمايدۇ.
85. قوش ئەپ ئېچىشنى قوللىمايدىغان يانفوندا 设置-切换帐号 نى بېسىپ، يەنە بىر ئۈندىدارنىڭ ھېسابات پارولىنى كىرگۈزۈپ يەنە بىر ئۈندىدارنى تېزلىكتە ئېچىشقا بولىدۇ.
86. سۆزلىشىش خاتىرىسىنى زاپاسلاش ياكى باشقا يانفونغا يۆتكەش ئۈچۈن 设置-通用-聊天记录备份于迁移 گە كىرىپ مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.
87. ئۈندىدارنى كومپىيۇتېردا ئاچسا ئۈندىداردىكى دوستلار تىزىملىكىدە 文件转输助手 دەپ بىر «دوست» پەيدا بولىدۇ. بۇ ھۆججەت يوللاش ياردەمچىسى ئارقىلىق كومپىيۇتېر-يانفون ئارىسىدا خالىغانچە رەسىم، ھۆججەت يوللاشقا بولىدۇ. يەككە ھۆججەت يوللاش چەكلىمىسى 20Mb
88. ئۈندىدار سالونىدىكى ئېنگىلىزچە خەت، سان، ئۇيغۇرچە ئارىلاش كەلگەن جۈمىلىدە خەتنىڭ ئورنى توغرا بولمىسا ئالپ سالونىدىكى، ئالپ تورىدىكى بىرەر يازمىنى ئېچىپ كۆچۈرۈپ سالونىڭىزغا چاپلاپ، ئاندىن چاپلىغان خەتنى ئۆچۈرۋېتىپ ئۆزىڭىزنىڭ خېتىنى يازسىڭىز ئۆلچەملىك چىقىدۇ. ياكى 135editor.com نى ئېچىپ تەھرىرلەيدىغان خەتنى شۇ تەھرىرلىگۈچكە يېزىۋېلىپ ئاندىن سالونغا چاپلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
89. كۆزنەك دېگەندەك ئەپلەرنىڭ ھەقلىق VIP لىقىنى ئاچتۇرۇپ، ئۈندىداردا پۇل تۆلىسىڭىز كېيىنكى ئايدىمۇ ئاپتوماتىك پۇل تۇتىۋالىدۇ. ئۈندىداردىكى 我-支付 نى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى ئۈچ چېكىتنى بېسىپ، چىققان تىزىملىكتىن 扣费服务 نىڭ ئىچىگە كىرسىڭىز ھەق تۇتىۋالىدىغان بارلىق مۇلازىمەت كۆرۈنىدۇ. شۇ يەردىكىلەرنى ئۆچۈرۋەتسىڭىز ئاپتوماتىك پۇل تۇتىۋېلىش توختايدۇ.
90. ئۈندىداردا سودا قىلىپ، قارشى تەرەپكە پۇل ئۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن مالنى ۋاقتىدا تاپشۇرۋالالمىسىڭىز جىددىيلىشىپ 投诉 نى بېسىپ تېڭشۈنگە ئەرز قىلماڭ. بەلكىم قارشى تەرەپ مەلۇم سەۋەبتىن يانفون ئىشلىتەلمىگەندۇ ياكى تېز يوللانما سەۋەبىدىن كېچىكىپ كەتكەندۇ. بۇنداق چاغدا ئۈندىداردا ئەرز قىلسىڭىز تېڭشۈن قارشى تەرەپنىڭ ئۈندىدارنى ۋاقىتلىق توڭلىتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قارشى تەرەپ بىلەن تېخىمۇ ئالاقىلاشقىلى بولمايدۇ. تېڭشۈن يا ئۇ تۆلىگەن پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ ئېلىپ بەرمەيدۇ. شۇڭا بۇنداق چاغدا سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇرۇڭ، تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ؛ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىنمۇ ئالاقىلىشالماي ئالدانغانلىقىڭىز جەزملەشسە ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئۇرۇندىكى ساقچىلارغا دېلو مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部