+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-10-26 12:27 6662 قېتىم كۆرۈلدى 4 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ماشنىلىق ئۆگىنىش نۆۋەتتىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكا - سۈنئىي ئەقىلنىڭ يادرولۇق قىسىمى. ئىلگىرى بۇ ھەقتە تونۇشتۇرۇش خاراكتىرلىك قىسقا يازمىلارنى يوللىغانتۇق. بۈگۈندىن باشلاپ ئالپ تورىدا مەخسۇس سەھىپە قۇرۇپ ماشىنلىق ئۆگىنىش ھەققىدە نۆلدىن باشلاپ دەرسلىك يوللىنىدۇ. ماشىنلىق ئۆگىنىشكە مۇناسىۋەتلىك ماتېماتكا بىلىملىرىدىن باشلاپ سۆزلىنىپ، ئاخىردا ماشىنلىق ئۆگىنىش ئالگورزىمىنى يېزىش ئۆگىتىلىدۇ.
بۇ دەرسلىكلەرنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، بىلگەنلىرىنى خەلق بىلەن تەڭ بەھىرلىنىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلگەن «TEU» ئەپەندى تەييارلىغان. ئالدى بىلەن «TEU» ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.
بۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى چۈشىنىش ئىقتىدارى، ماتېماتكا بىلىملىرىنى تەلەپ قىلىدىغان ماقالە؛ شۇڭا يازمىنىڭ كۆرۈلۈشى «ھېلىقىدەك» ماۋزو قويۇۋالغان سالون يازمىلىرىدەك يۇقىرى بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ ماقالىنى كۆرگەن تورداشلاردىن چەمبىرەككە، توپلارغا يوللاپ تەشۋىق قىلىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. قانچە كۆپ كۆرۈلسە شۇنچە ياخشى داۋاملاشتۇرىمىز.
ئادەمدەك ياشاش ئۈچۈن بىلىم ئۆگىنىش، بولۇپمۇ مۇشۇنداق يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىللەش زۆرۈر.

241f95cad1c8a7860b5e92fb6c09c93d71cf50cb.jpg

ماشىنىلىق ئۇگنىش دىگەن نىمە ؟ ماشىنىلىق ئۇگنىش ئالگورىزىمىچۇ ؟ ئۇلار قايسىلار ؟
ماشىنىلق ئۇگنىش :
ماشىنىلىق ئۇگنىش بولسا ئالگورىزىم ۋە سىتاستىكىلىق مودىلىللارنىڭ كومپىيوتۇر پىروگىراممىسى  ئارقىلىق، بىزنىڭ يوليورقىمىزسىز ، يەنى خۇلاسىلەش، نۇسخا تونۇشلارغا تايىنىپ،  مەلۇم بىر سىناقنى تاماملاشنى كۆرسىتىدۇ ، ماشىنىلىق ئۆگنىش سۈنئى ئەقىلنىڭ تارماق پىنى ھىسابلىنىدۇ.  ماشىنىلىق ئۇگنىش ئالگورىزىمى بولسا بار بولغان  سانلىق ئۇچۇرلار ئاساسىدىكى ماتىماتكىلىق مودىللارنىڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى يەنى  كەلگۇسنى قىياس قىلشى ھىسابلىنىدۇ . ماشىنىلىق ئۇگنىش ئالگورىزىمى نۇرغۇنلىغان ئەپلەردە ، يۇمشاق دېتاللاردا ئىشلىتىلدىغان بولۇپ مەسلەن، چىراي ۋە ئاۋاز تونۇش ،  يېزىق تونۇش ، ئېخەت سۈزگۇچ ، بىئولوگىيلىك ئالاھىدىلىكنى تونۇش ، سەھىيە ۋە داۋالىنىش ، ماشىنا ئادەم ، ئىلىكتورۇنلۇق ئويۇن  قاتارلىقلار ...

1-e1554183536297.png

ماشىنىلىق ئۇگنىش سىتاستىكىغا ناھايىتى يېقىن بولۇپ كومپىيوتىر ئارقىلىق قىياس قىلىش ، كەلگۈسنى پەرەز قىلدىغان پەن ھىسابلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ماتېماتكا ۋە سىتاستىكا قاتارلىق پەنلەر ناھايىتى مۇھىم ئاساس ھىسابلىنىدۇ .
مىسال :  بىز ئۆزىمىزدە بار بولغان سانلىق ئۇچۇرلانى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق  بىر خۇلاسىگە ئېرشىمىز ، ھەمدە مۇشۇ سانلىق ئۇچۇرلار ئارقىلق ماتىماتكىلىق مودىل تۇرغۇزمىز ،  يېڭى سانلىق ئۇچۇرلارنى مۇشۇ ماتىماتكىلىق مودىل ئارقىلىق قىياس قىلمىز . مانا بۇ ماشىنىلىق ئۆگنىش ھىسابلىنىدۇ .  
مىسال : بىز ھايۋانلانىڭ رەسمىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلق توخۇنىڭ ئىككى پۇتى بارلىقنى ، مۆشۈكنىڭ تۆت پۇتى بارلىقنى كۇزتىمىز، نەتىجىدە بىر خۇلاسىگە ئىرشىمىز ، ھەمدە ئېرشكەن خۇلاسە ئاساسىدا ماتىماتكىلىق مودىل تۇرغۇزۇپ يېڭى بىر ھايۋاننىڭ مۆشۈك ياكى توخۇ ئىكەنلىكنى قىياس قىلىمىز ، بەلكىم سىز ئىتنىڭمۇ تۆت پۇتى بار تۇرسا دىيشىڭىز مومكىن ، ناھايىتى توغرا ، دىمەككى بىز يەنىمۇ ئىنچىكە سانلىق ئۇچۇرلارغا مۇھتاج دىگەن گەپ ، بىر ئۈستەل بىلەن مۆشۈكنىڭ پەرقى نىمۇ ؟ ئويلىنىڭ ...
ماشىنىلىق ئۆگنىشنىڭ تۈرلىرى :
ماشىنىلىق ئۆگىنىش چوڭ جەھەتتىن كۆزەتكۈچلىك ئۆگىنىش ، كۆزەتكۈچسىز ئۆگىنىش ۋە يېرىم كۆزەتكۈچلىك ئۆگىنىش ، مەجبۇرىي ئۆگىنىش قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ.  
ماشىنىلىق ئۆگنىش ئالگورىزىمنىڭ تۈرلىرى :
ماشىنىلىق ئۆگىنىش ئالگورىزىمنىڭ تۇرلىرى چوڭ جەھەتتىن تۆت بولۇپ تۈرلەش ، تۈپلەش ، ئايرىش ، ئۆلچەم كېمەيتىش قاتارلىقلار ، بۇ تۆت چوڭ ئالگورىزىم ئىچدىن بەك كۆپ كىچىك تارماقلارغا ئايرىلىدۇ ، كېيىنچە تەپسىلى تونۇشتۇرمىز .

  
سىلۇشتۇرما سۆزلۇكلەر
  
  
机器学习
  
  
ماشىنىلىق ئۆگىنىش
  
  
算法
  
  
ئالگورىزىم
  
  
推理
  
  
خۇلاسىلەش
  
  
统计学
  
  
سىتاستىكا
  
  
监督学习
  
  
كۈزەتكۈچلىك ئۆگىنىش
  
  
非监督学习
  
  
كۈزەتكۈچىسىز ئۆگىنىش
  
  
半监督学习
  
  
يېرىم كۈزەتكۈچىلىك ئۆگىنىش
  
  
强化学习
  
  
مەجبۇرى ئۆگىنىش
  
  
分类
  
  
تۇرلەش
  
  
聚类
  
  
تۇپلەش
  
  
回归
  
  
ئايرىش
  
  
降维
  
  
ئۆلچەم كېمەيتىش
  
  
  
  
  


ماشىنىلىق ئۆگىنىشنىڭ قىسقىچە تارىخى
ماشىنىلىق ئۆگىنىش سۈنئى ئەقىلنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ ، ھازىر ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىش باسقۇچغا كىرىپ بولدى . ئەڭ دەسلەپكى ماشىنىلىق ئۆگىنىش ئالگورىزىمى ئالدىنىقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، يۇز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى كومپىيوتېرنىڭ بارلىققا كىلشى  نۇرغۇن كىشلەرگە ئىلھام ئېلىپ كەلگەن. خەب (Donald Olding Hebb ) ، ئالەن تۇرىڭ (Alan Turing ) قاتارلىق كىشلەر ئۆزىنىڭ يېڭچە پىكرىلىنى ئوتتورغا قويوشقا باشلىغان. گەرچە ماشىنىلىق ئۆگىنىشنىڭ تارىخى خېلى ئۇزۇن بولسىمۇ ، كومپىيوتۇر ھىسابلاش سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى ، سانلىق ئۇچۇرلارنىڭ يېتەرسىز بولۇشى تۈپەيلى ماشىنىلىق ئۆگىنىش كىشلەرنىڭ دىققەت ئېتبارىنى ئانچە قوزغىيالمىغان .

alan_turing_and_binary_code_image_640.jpg

1950- يىلى ئالەن تۇرىڭ مەشھۇر تۇرىڭ سىنقىنى ئېلىپ بىرىپ ، كومپىيوتۇردا زادى ئەقىل بولامدۇ يوق شۇنى سىناق قىلغان .
1952- يىلى ئاردىر سەمىيىل تۇنجى كومپىيوتېر پىروگوراممىسنى يازغان بولۇپ ، بۇ پىروگىرامما دۆلەتلار ئارا شاھمات مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى .
1957- يىلى فىرەن روسىنبىلەت تۇنجى كومپىيوتېر نىرۋا سىستىمىسنى كەشىپ قىلغان بولۇپ ، ئادەم مىڭسىنىڭ ھەركەت ھالىتىگە تەقىلىد قىلغان .
1979- يىلى سىتەنفورد ئۇنۋىرسىتى سىتەنفورد ماشىنىسنى كەشىپ قىلىدى ، بۇ ماشىنا ئەتراپتىكى توسالغۇلارنى سىزەلەيتتى .
1990- يىلى ماشىنىلىق ئۆگىنىش زور سانلىق ئۇچۇرلانى بىر تەرەپ قىلىشقا باشلىغان .
1997-  سۈنئى ئەقىل تۇنجى دۇنياۋى شاھمات چىمپىيونىنى مەغلۇپ قىلغان .
2006- يىلى جەففىرى خىنتون چۇڭقۇرلاپ ئۆگىنىش نەزىريەسىنى ئوتتورغا قويغان بولۇپ ، بۇ نەزىريە بىلەن رەسىم ۋە كىنولاردىكى سانلارنى ۋە يېزىقلارنى پەرقلەندۇرگىلى بولاتتى .
2016- يىلى ئالفاگو  دۇنياۋى قورشاۋ شاھمات ماھىرلىرنى يېڭىپ ،  ئىنسانلارنىڭ  ئۆزىگە رەقىپ بولالمايدىغانلىقنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى .
مانا مۇشنىڭدىن باشلاپ  ئىلۇن ماسىك ، سىتىفىن خاۋكىڭ قاتارلىقلار  سۇنئى ئەقىلنىڭ ئىنسانلارنى ھالاكەتكە ئىلىپ باردىغانلىقنى ئاگاھلاندۇردى ، يەنى بەزى كىشلەر سۈنئي ئەقىلنىڭ ئادەم مېڭسىگە ئوخشاش تەپەككۇر قىلالمايدىغانلىقنى ،سۇنئى ئەقىل بىلەن ئادەم مىڭسىنى سىلۇشتۇرۇش مومكىن بولمايدىغانلىقنى ،  ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوقلىقنى ئوتتورغا قويدى .  
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-  يىللىرى ماشىنىلىق ئۆگىنىش مۇستەقىل بىر پەن بولۇپ شەكىللەنگەن بولۇپ ، ھازىرغىچە قىرىق يىلچە ۋاقىت بولدى. كىيىنكى قىرىق يىل ناھايىتى تېز تەرەققى قىلغان بولۇپ ، بولۇپمۇ مۇشۇ يېقىنقى ئون يىل ئىچدە يۇقىرى پەللىگە چىقتى دىيىشكە بولىدۇ.
يېڭى ئەسىرنىڭ كىرشى بىلەن  ئۇچۇر تېخنىكىسنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى ،  يېڭى بىر ئەۋلاد ئۆزەكلەرنىڭ ئىجاد قىلنىشى كومپىيۇتېرنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى،  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سانلىق ئۇچۇرلارنىڭمۇ ھەسسىلەپ ئېششىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى . كىشلەر بارغانسىرى زور سانلىق ئۇچۇرلارنى يېڭچە تەپەككۇر بىلەن بىر تەلەپ قىلىشنىڭ زۆرۆرىيتىنى ھىس قىلىپ يەتتى.
ئىلاۋە : سانلىق ئۇچۇر ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ، بۇندىن كىيىنكى دەۋىردە بايلىق ھەرگىزمۇ پۇل بىلەن ، نىفىت بىلەن ، قىزىلما بايلىقلار بىلەن ئۆلچەنمەستىن ، سانلىق ئۇچۇرلارنىڭ ئاز كۆپلىكى بىلەن ئۆلچىندىغان دەۋىر يىتىپ كەلدى .   دېمەك سانلىق ئۇچۇر ناھايىتى مۇھىم دىگەن گەپ ، بۇنچە مۇھىم بولغان سانلىق ئۇچۇرلانى بىر تەرەپ قىلىش ، ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلنىش  دەل ماشىنىلىق ئۆگىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بولدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى دۆلىتىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق 2025 پىلانى، بەش جى تورى قاتارلىقلار  ، گىرمانىيەنىڭ سانائەت تۆت پىلانى ، ياپۇنىيەنىڭ جەميەت بەش پىلانى قاتارلىقلاردۇر .

داۋامى بار، دىققىتىڭلار داۋاملىق ئالپ تورى، ئالپ سالونىدا بولسۇن.

داۋامى بۇ يەردە

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4تەجرىبە +120 يىغىش سەۋەبى
kilimat + 30 مەن قوللايمەن
BILIGART + 30 مەن قوللايمەن
nimjapa + 30 مەن قوللايمەن
Boy卍HEr〇 + 30 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

4ئادەم ئىنكاس يازدى

alptegin ۋاقتى: 2019-10-26 13:28:26
مۇشۇ سەھىپە كەم ئىدى، مۇئەللىپنىڭ ئۇشبۇ ساھە ئۈستىدە ئۆگەنگەنلىرىنى بىزگە سۇنغانلىقىدىن بەك خۇرسەنت بولدۇم. كۈندە يازمىڭىزغا قارايمەن ئەمىسە.
Boy卍HEr〇 ۋاقتى: 2019-10-26 15:22:00
نېمە دىيشىمنى بىلمىدىم ، كۆپ رەھمەت
nakix ۋاقتى: 2019-10-26 21:12:41
ئالىپ توردا يەنە ئەقلى ئىختىدارلىق تىلۋىزور ۋە تور تىلۋىزىيە قۇتىسى توغرىلىق سەھىپىمۇ كەمچىل
ahlak1 ۋاقتى: 2019-11-6 10:13:52
بەك ياخشى دەرس بوپتۇر رەھمەت سىزگە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部