+تېما يوللاش
hawaskar27 يوللانغان ۋاقتى:2019-10-21 22:30 2160 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hawaskar27 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2019-10-21 22:35  

پىروگراممىر دوستلار ماڭا ئوخشاش قوساققا ئامراق كېلىدۇ ھەقاچان، تائاملارغا ھەۋىسىم بولغاچ ئۆزۈم بەزىدە ئۇنى بۇنى ئىتىشنى ئۆگۈنۈپ قويىمەن، ماڭا ئوخشاش تائاملارغا ھەۋىسى بارلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئۆزۈم تائام رىسالىسى ئەپچاق ياساپ ئىسمىنى ئانار قويۇپ ئېلىپ كەلدىم. تۆۋەندە ئەپچاق بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى.
ئانار تائام رىسالىسى كۆپچىلىكنىڭ يېڭى تائام تەييارلاش ئۇسۇللىرىنى ئۆگۈنىۋېلىشى، تاماقنى تېخىمۇ ئوخشايدىغان قىلىپ ئىتىشىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئەڭ يېڭى ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ ياسالغان بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك ئالتە خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە:
1.jpg

تائام رىسالىسى كۆرۈش

ئەپچاققا ھازىرغىچە مىڭدىن ئارتۇق تائام رىسالىسى يوللانغان بولۇپ، ھازىر ھەر كۈنى يەنە 20-30 دىن يېڭى تائاملارنى قوشۇۋاتىمىز، سىز ئاڭلاپ باققان، ئاڭلاپ باقمىغان مەززىلىك تائاملارنىڭ ھەمىسى بار.
5.jpg 4.jpg 3.jpg 2.jpg

ئەقلىي ئىقتىدار

ئۆزىڭىزگە لازىملىق تائاملارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىزدەپ تېپىشىڭىز ۋە تائام دۇنياسىغا بولغان قىززىقىشىڭىزنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىش تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك قولايلىق ئەقلىي ئىقتىدارلارنى قوشتۇق، سىز يىمەكچى بولغان تائامنى ياكى كۆتاتنى رەسىمگە تارتسىڭىز ئەپچاق ئۆزى رەسىمنى تونۇپ سىزگە تارتقان رەسىمدىكى تائام ياكى كۆكتاتنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تائام رىسالىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تائام ئىزدىگەندە پەقەت تائامنىڭ ئىسمىنىڭ باش قىسمىنى كىرگۈزسىڭىزلا ئاخىرىنى ئۆزى پەرەز قىلىپ تېپىپ بېرىدۇ. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ تۈرنى بىرلەشتۈرۈپ تائام ئىزدىيەلەيسىز، مەسىلەن سىزنىڭ چۈشتە گۈرۈچ ۋە سەۋزىدىن ئىتىلگەن تاماقنى يىگۈڭىز بولسا، كۆپ تاللاش كۆزنىكىدىن چۈشلۈك تاماق+سەۋزە+گۈرۈچ تۈرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىزدىسىڭىز كۆڭلىڭىزگە ياقىدىغان تائامنى تېپىپ بېرىدۇ.
6.jpg 7.jpg 8.jpg

پۇل تاپالايسىز

ھازىر ئۈندىداردا ۋاكالەتچى بولسىڭىز پۇل تاپىسىز، ئەزا بولسىڭىز پۇل تاپىسىز، پۇل تۆلىسىڭىز پۇل تاپىسىز دىگەندەك كىشىلەرنى ئالدايدىغان يالغان ئۇچۇرلار ناھايىتى كۆپ، بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئازراق بولسىمۇ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئائىلە چىقىمىنى قامداشنى كۈچلۈك ئارزۇ قىلىدىغان ئائىلە ئاياللىرىنى ئالدىماقتا، بىز مۇشۇنداق يالغان ئۇچۇرلارغا ئالدىنىپ ئىقتىسادىي زىيان ۋە كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋېلىۋاتقان خانىم-قىزلارغا ھىستاچلىق قىلىش بىلەن بىرگە ھەقىقىي بولغان ھىچقانداق دەسمايە تەلەپ قىلمايدىغان پۇل تېپىش ئۇسۇلىنى ئۇلارغا سۇندۇق. ئۇ بولسىمۇ ئۆزىڭىز ئەڭ ئۇستا بولغان تائامنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلىنى ئەپچاققا يوللىسىڭىز، بىز ئەپچاققا قويۇپ بېرىمىز، شۇنىڭ بىلەن باشقىلار مۇشۇ سىز چىقارغان تائام رىسالىسىنى كۆرسە، كۆرۈش قېتىم سانىغا ئاساسەن ئېلان كىرىمىنى سىزگە بېرىمىز! قانداق بۇلامدىكەن؟
9.jpg 10.jpg 11.jpg

دۆلەت تىلى ئۆگۈنىسىز

كۆپچىلىكنىڭ تائام سەي-كۆكتاتلارنىڭ دۆلەت تىلىدىكى ئۆلچەملىك ئاتىلىشىنى ئۆگۈنۈپ تىل سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈۋېلىشى ئۈچۈن ئەپچاق قوش تىللىق قىلىپ ياسالدى، ھەمدە ئەپچاققا قوش تىل لۇغىتى ۋە قوش تىل دەرىسخانىسى تەسسىس قىلىندى.
12.jpg 13.jpg 14.jpg

چۈشۈرۈش ھاجەتسىز

مەزكۇر ئەپ ئۈندىدارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ ئۈندىدارنىڭ ئىچىگە سەپلەنگەن ئەپچاق بولۇپ يافۇنغا ئايرىم چۈشۈرۈش ھاجەتسىز، پەقەت ئۈندىداردا تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلىسىڭىز ياكى ئۈندىدارنىڭ ئىزدەش كۆزنىكىدىن Anar菜谱 دەپ ئىزدىسىڭىزلا شۇ ھامان كىرىپ ئىشلىتەلەيسىز.
gh_972b6daa336e_344.jpg
食谱小海报.jpg

1ئادەم ئىنكاس يازدى

yushanjiang ۋاقتى: 2019-10-24 01:23:59
رەھمەت سىزگە ، تەشەككۈر !ياخشى ئىشتىن بىرنى قىپسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部