+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-10-9 11:37 1738 قېتىم كۆرۈلدى 5 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2019-10-9 11:37  

يانفونلارنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلىكىدە يانفون سېتىۋالماقچى بولغانلار قايسى ماركىنى تاللاشتا بېشى قاتىدۇ. بىزدىن قايسى ماركىلىق يانفون ياخشى دەپ سورايدىغانلار كۆپ.

ئالما
ئالما يانفونغا ھەر خىل قاراشتىكىلەر بار. قانداقلا بولمىسۇن ئالما سىزىمچان ئېكرانلىق ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ باشلامچىسى. ھەر قانچە «سەت» لايىھە ئىشلەتسىمۇ باشقا يانفونلار ئالمىنى دوراپ باقىدۇ.

20191007214925113.jpg

ئارتۇقچىلىقى:
1. ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىنتايىن راۋان. ئالما A تۈرىدىكى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ بىلەن ئۆزىنىڭ iOS سىستېمىسى بىرلىشىپ ئىنتايىن راۋان، گۈزەل بىر سىستېمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. باشقا ھېچقانداق يانفون راۋانلىقى، سۈرئەت جەھەتتە ئالمىغا يېتەلمەيدۇ.
2. ئالمىغا پىشىپ يىتىلگەن تېخنىكىنى ئىشلىتىدۇ. سىناق باسقۇچىدىكى تېخنىكىنى ئىشلىتىپ ئىشلەتكۈچىلەرنى تەجىربە ئوبېيكتى قىلمايدۇ. مەسىلەن: 3D چىراي تونۇش تېخنىكىسى جەھەتتە باشقا يانفونلار تېخى ئالمىغا يەتمەيدۇ. ئىگىسى قارا كۆزئەينەك تاقىۋالسىمۇ ياكى قاپقاراڭغۇ كېچىدىمۇ تېز سۈرئەتتە چىراي تونۇيدۇ.
3. بىخەتەرلىكى ئىنتايىن يۇقىرى. ئىگىسىنىڭ شەخسىيىتىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قوغدايدۇ.
4. رەسىم تارتىش سۈپىتى يۇقىرى.
5. ئىشلەتكەن ماتېرىيال، ھۈنەر سەنئەت يۇقىرى دەرىجىدە.
كەمچىلىكى:
1. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا چىققان ئايفونلارغا ئىنتىل ئاساسىي بەلباغ ئىشلىتىلگەچكە، سىگنالى كۇۋالكوم ئاساسىي بەلباغ ئىشلىتىلگەن ئاندرويد يانفونلارغا قارىغاندا ئازراق ئاجىز. يەر ئاستى ئۆي، چەت يېزىلاردا سىگنال ئاجىزلاپ قالىدىغان ئىشلار بار.
2. باھاسى قىممەت.
3. سىستېمىسنىڭ چەكلىمىلىكى يۇقىرى. ئاندرويدقا ئوخشاش خالىغان ئەپنى قاچىلاپ، خالىغان ئىقتىدارنى چىقىرىپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. مەسىلەن: كۆپ ئۈندىدار ئاچقىلى بولمايدۇ ...
4. بۇرۇن چىققانلىرىنىڭ باتارىيە سىغىمى كىچىك. (بۇ يىل چىققان 11 پرو مەكسنىڭ باتارىيەسى چوڭ)

خۇاۋېي
دۆلىتىمىزدىكى ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى بار كارخانا. ئۆزى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ياسىيالايدۇ.

20191007170600709.jpg

ئارتۇقچىلىقى:
1. خۇاۋېي دۆلىتىمىزدىكى ئاساسلىق خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرىنى ياسايدىغان بولغاچقا، يانفوننىڭ سىگنالى كۈچلۈك.
2. رەسىم تارتىش ئىقتىدارى ياخشى. رەسىم تارتىش جەھەتتە ئالما، سامسۇڭدىن تۆۋەن تۇرمايدۇ.
3. باتارىيە سىغىمى چوڭ، توكى ئۇزۇن يىتىدۇ.
4. ئۆزىنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى ۋە ماشىنا تىلى تەرجىمانى (ئېكران يۈزىدە كۆرۈنگە ئەپنى ماشىنا تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئىجرا قىلدۇردىغان تەرجىمان) بولغاچقا سىستېمىنىڭ سۈرئىتى راۋان.
كەمچىلىكى:
1. باھاسى قىممەت.
2. مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنىڭ ئىقتىدارى كۇۋالكومغا يەتمەيدۇ. GPU سى نىسبەتەن ئاجىز، چوڭ تىپتىكى ئويۇن ئوينىغاندا تازا راۋان ئەمەس.
3. سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى ياخشى ئەمەس.

سامسۇڭ
سامسۇڭنى ئاندرويد سىستېمىلىق يانفونلارنىڭ ئەڭ ئالدى دېيىشكە بولىدۇ.

20190829160546705.jpg

ئالاھىدىلىكى:
1. لايىھە، سۈپەت جەھەتتە باشلامچى ئۇرۇندا.
2. سامسۇڭنىڭ AMOLOED ئېكرانى دۇنيا بويچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا. باشقا يانفون كارخانىلىرىمۇ AMOLOED ئېكراننى سامسۇڭغا ياسىتىدۇ.
3. رەسىم تارتىش سۈپىتىمۇ ئىنتايىن ياخشى.
كەمچىلىكى:
1. باھاسى بەك قىممەت.
2. سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى ناچار.
3. باتارىيە سۈپىتىدە ئاسان مەسىلە كۆرۈلىدۇ، توكىنىڭ يىتىشىمۇ تازا ياخشى ئەمەس.
4. سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇردۇق دەپ ناچارلاشتۇرۋەتكەن. مەسىلەن: خەت نۇسخىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۋەتكەن. ئايرىم فونت قاچىلىمىسا ئۇيغۇرچە خەت ئۇلانمايدۇ.

شىياۋمى
ئىقتىدار باھا نىسبىتى بىلەن بازار ئىگىللىگەن. ياشلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى تاللىشى.

20190829174746282.jpg

ئالاھىدىلىكى:
1. باھاسى ئەرزان، كۆپ ساندىكى كىشىلەر سېتىۋالالايدۇ.
2. ئىقتىدارى كۈچلۈك. MIUI سىستېمىسى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە.
3. سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى ياخشى (شىياۋمى مەخسۇس دۇكىنى بار يەردە)
كەمچىلىكى:
1. قىزىش ئەھۋالى بار.
2. ئېچىرقىتىپ سېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئىستىمالچىلارنى، بولۇپمۇ يانفون سودىگەرلىرىنى بەزدۈرۋەتكەن.
3. سىستېمىسىدا ئېلان كۆپ.

ۋىۋو vivo
ئەمىلىي دۇكانلارغا، ئېلانغا ئەھمىيەت بىرىپ بازار ئىگىللىگەن.

20190910120553738.jpg

ئالاھىدىلىكى:
1. سىرتقى قىياپىتىدە يېڭىلىق كۆپ.
2. ئەمىلىي دۇكانلىرى بەك كۆپ، ئىشىكتىن چىقىپلا سېتىۋالغىلى بولىدۇ.
3. سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى ياخشى.
كەمچىلىكى:
1. چاپلاپ ساتىدىغان پۇلى جېق.
2. Y تۈرىدىكىلىرىنىڭ ئىقتىدارى بەك تۆۋەن.
3. توكى ئۇزۇن يەتمەيدۇ.

ئوپپو
ۋىۋوغا ئوخشاش ئەمىلىي دۇكان، ئېلانغا بەك كۈچەيدۇ.

20190910122649635.png

ئالاھىدىلىكى:
1. رەسىم تارتىش ئىقتىدارى، رەسىمنى گۈزەللەشتۈرۈش، ئاقارتىش ئىقتىدارى ياخشى. شۇڭا قىزلار بەك ياختۇردۇ.
2. سىستېمىسى ئاددىي، مەشغۇلات قىلىش ئاسان.
3. ئەمىلىي دۇكانلىرى كۆپ. سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى ياخشى.
4. يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەۋاتىدۇ، ئالدى كامېرا، ئېكران بارماق ئىزى تونۇش جەھەتتە مۇستەقىل تېخنىكىسى بار.
كەمچىلىكى:
1. ئىقتىدار باھا نىسبىتى تۆۋەن. باھاسى يۇقىرى، شۇ باھاغا چۇشلۇق سەپلىمىسى يۇقىرى ئەمەس.
2. تەقلىد قىلىپ ياساشقا ئامراق.

باشقا يانفونلار ھەققىدە كېيىنكى يازمىلاردا توختىلىمىز.

بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان، تۇلۇقلايدىغان كۆز قاراش بولسا ئىنكاس قالدۇرساڭلار بولىدۇ.

5ئادەم ئىنكاس يازدى

begtash ۋاقتى: 2019-10-9 15:32:00
一加يانفۇنلىرىنىڭمۇ ئارتۇقچىلىق كەمچىلىكىنى ئومۇملاشتۇرۇپ يازغان بولسىڭىز؟
ehrami ۋاقتى: 2019-10-10 00:55:09
ئوپپو بىلەن ۋىۋۇ بىر شىركەتنىڭ ، ئەمما ئىككى ماركىنىڭ ئۆز ئالدىغا خاسلىقى يوق، قايسى ياخشىراقتۇ؟
elbilge ۋاقتى: 2019-10-10 22:06:11
نۇبىيا،مېيزۇنىڭ تېلفونلىرىچۇ
kixmix ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
بۇ تېمىدىكى نۇرغۇن قاراشلار ناھايىنى ئورۇنلۇق بولۇپتۇ،تۆۋەندىكىسى ئۆزەمچە سەل ئوخشىمايدىغانراق قاراشلىرىم:
مېنىڭ نەچچە يىللىق خېرىدارلارنىڭ يانفۇنلىرىنى ھەرقايسى يانفۇنلارنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا ئاپىرىش تەجرىبىلىرىمگە ئاساسلانغاندا سامسۇڭ بىلەن خۇاۋېينىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى خېلى يامان ئەمەس.
خۇاۋېينىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى چۈشۈپ قاپتۇ،سۈپىتى بەك ياخشى،  ياۋرۇپا،ئامېركىنىڭ سۈپەت سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ بازارلىرىغا كىرىپ خىرىس پەيدا قىلغان يانفۇن .   ھەقىقەتەن قىممەت يانفۇنلىرى بار ،ئەمما ئەرزان تېلېفۇنلىرىنىڭ سۈپىتى باشقا شۇ باھادىكى يانفۇنلاردىن ياخشى چىقىدۇ.شۇڭا باھاسىنى قىممەت دەپ ئېيتساق سەل يۈزەكى بولۇپ قالىدۇ.
يانفۇننىڭ سۈپىتىنى بەكرەك ئويلىشىدىغانلارغا ئالما ،سامسۇڭ،خۇاۋېي ۋە يىجىيا يانفۇنلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن. سەۋەبى ھەممىسى ياۋرۇپا ،ئامېركىلاردا سۈپەت جەھەتتىن پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان يانفۇنلار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部