+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-10-8 11:48 482 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تۆنۈگۈن ئورگان تور بېتىدە  « نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى ، بىز نېمە ئۈچۈن نوبېل مۇكاپاتىغا دىققەت قىلىمىز ؟ » ناملىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى : بىز نوبېل مۇكاپاتىغا كۆڭۈل بۆلىمىز ، چۈنكى ھەر يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ۋە ئۇنى چۈشىنىشنىڭ ھەممىسى بىر قېتىملىق كوللېكتىپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىلىم - پەن روھىغا مەدھىيە ئوقۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ماقالىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى:

9719-ifrwayw3955900.png

638a-ifrwayw3956688.png

10-ئاينىڭ 7-كۈنى 2019-يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ۋە مىدىتسىنا مۇكاپاتى ۋىليام كالىن(William Kaelin)، پىتىر راتكىلىف (Peter Ratcliffe) ۋە گىرىگ سىمىنزا (Gregg Semenza) غا ھۈجەيرىنىڭ تۆۋەن ئوكسېگىن مۇھىتىدىكى رېئاكسىيەسىنى ئېچىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن بېرىلدى.
بۇ 2019-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، بىر نەچچە كۈندە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى، خېمىيە مۇكاپاتى...قاتارلىق مۇكاپاتلار تارقىتىلىدۇ.
نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىۋاتقىنىغا 100 يىل بولدى. 2018 - يىلىغىچە 590 تۈرلۈك نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلدى ، جەمئىي 935 شەخس ياكى تەشكىلات مۇكاپاتقا ئېرىشتى . بۈگۈنگە قەدەر نوبېل مۇكاپاتى ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەڭ مۇھىم شەرەپلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە .

«پۈتۈن ئىنسانىيەتنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرگۈچىلەرگە تەقدىم قىلىش» نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ، مۇكاپاتنىڭ ئارقىسىدىكى ھەر بىر تەتقىقات نەتىجىسى بىزنىڭ تونۇشىمىز ۋە تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتمەكتە.
1961 - يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئامېرىكا بىئو خىمىيە ئالىمى كالۋىن (Melvin Ellis Calvin) ئۆسۈملۈكنىڭ فوتوسىنتېز رولىغا مۇناسىۋەتلىك «كالۋىن ئايلىنىشى» نى ، يەنى ئۆسۈملۈكنىڭ خلوروپلازمىسى فوتوسىنتېز رولى ئارقىلىق كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىدنى قانداق قىلىپ ئورگانىزمنىڭ كاربون - سۇ بىرىكمىسىگە ئايلاندۇرۇش جەريانىنى بايقاپ ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ ئاساسىي ھاياتلىق جەريانىنى تۇنجى قېتىم ئېچىپ بەردى.
1969- يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى-گېرمانىيە پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق بىئولوگ دېل برۇك (Max Delbruck)، ئامېرىكىلىق ئېرسىيەتشۇناس Alfred Day Hershey ۋە ئىتالىيەلىك Salvador Edward Luria دىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا DNA نىڭ ئېرسىيەت ئۇچۇرىنىڭ ماددىي ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، DNA نىڭ قوش بۇرمىلىق قۇرۇلمىسىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەمدە شۇ سەۋەبتىن مولېكۇلا ئىرسىيەتشۇناسلىقى، ھەتتا پۈتكۈل مولېكۇلا بىيولوگىيەسىگە ئاساس سالدى.  
2017-يىلى، ئامېرىكا ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى رەينىر ۋېيس (Rainer Weiss) ، كالىفورنىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى كىپ سورن (Kip Stephen Thorne) ۋە بەرىي بارىش (Barry Clark Barish) لازېر نۇرلۇق ئىنتېرفېرومېتىر تارتىش كۈچى رەسەتخانىسى LIGO نى لايىھىلەپ، شۇ يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە لايىھىسى ئىككى قارا ئۆڭكۈرنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان تارتىش كۈچى دولقۇنى سىگنالىىنى تەكشۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنسانلار قارا ئۆڭكۈرنى ئاڭلاشقا باشلىدى. نوبېل مۇكاپاتىنىڭ كەينىدە ئىنسانلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.
نوبېل مۇكاپاتى ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىش، ئۆزىنىڭ ياشاش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىشىگە شاھىد بولدى.  پېنىتسىللىننىڭ بايقىلىشى ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە قاتارلىق باكتېرىيەلەرنىڭ يۇقۇملىنىشىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك داۋالاپ، نۇرغۇن ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇپ قالدى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تەتقىقاتى ۋە كرىستال لامپا ئېففېكتىنىڭ بايقىلىشى،  ئېلېكترون ئىلمىدە ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى،  ئاپتۇماتلاشتۇرۇش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلدى…
بۇ يىل نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىجادىي بايقىشى،  ھاياتلىقتىكى ئەڭ مۇھىم ماسلىشىش جەريانى مېخانىزمىنى چۈشەندۈردى.  ئوكسىگېن سەۋىيىسىنىڭ ھۈجەيرە مېتابولىزمى ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەردى. ئۇلارنىڭ بايقىشى قان ئازلىق، راك ۋە باشقا نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق.
بىزنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا دىققەت قىلىشىمىزدىكى سەۋەب ، ھەر يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ۋە ئۇنىڭغا بولغان دىققەت - ئېتىبارىمىزنىڭ ھەممىسى بىر قېتىملىق كوللېكتىپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىلىم - پەن روھىغا بولغان ئالقىش، مەدھىيە.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

elbilge ۋاقتى: 2019-10-8 14:54:36
ئالىملار ئىنسانىيەتنىڭ سەرخىلى،گۈلتاجى
ئالىملارغا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرىمىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部