+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-10-6 13:02 1217 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
نۆۋەتتە يانفوندا چىقىم قىلىش، ئۈندىداردا دوست قوشۇش، سالونغا كىرىش، ئەپ چۈشۈرۈش، تور بەتنى ئېچىش... قاتارلىقلارنى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپلا قىلالايمىز.
ئىككىلىك كود دېگەن نېمە؟ ئۇ قانداق پەيدا بولغان؟ نېمىشقا شۇنچىۋالا ئومۇملىشىپ كېتىدۇ؟

ئىككىلىك كود بۇرۇنقى بىرلىك كود يەنى، تاياقچە كودنى كېڭەيتىپ ياسالغان. بىر ئۆلچەملىك تاياقچە كودقا يەنە بىر ئۆلچەمنى قوشۇپ ياسالغان. شۇڭا ئىككىلىك كود دېيىلىدۇ. ئاق قارا تىك تۆتبۇلۇڭلۇق نەقىشلەر ئارقىلىق ئىككىلىك سىستېمىدىكى سانلىق مەلۇماتنى ئىپايدىلەيدىغان بەلگە. ئادەم كۆرۈپ چۈشىنەلمەيدىغان، يانفون كۆرۈپلا چۈشىنەلەيدىغان «خەت».

1000.jpg

تاياقچە كودنى 1948-يىلى ئامېرىكا يېڭى جېرسىي شىتاتىدىكى Norman Joseph Woodland ئىسىملىك ياش يەنە بىر ھەمكارلاشقۇچىسى Bernard Silver بىلەن بىللە كەشىپ قىلىپ، 1949-يىلى پاتېنت ئىلتىماس قىلغان.
ئۇ چاغدا ئۇ ئىككىيلەن Drexel ئۇنۋېرستىتىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، شۇ يەردىكى بىر تاللا بازىرىنىڭ غۇجايىنى مەكتەپنى زىيارەت قىلغاندا مەكتەپ مۇدىرىدىن مەھسۇلاتقا رەت نومۇرى بەلگىلەيدىغان بىر خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان. مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭغا قىزىقمىغان، ئەمما بۇنى ئاڭلىغان Bernard Silver بۇنىڭغا ناھايتى قىزىقىپ Norman Joseph نى ئىزدەپ بىللە تەتقىق قىلىشقا باشلىغان.

1000 (1).jpg

ئۇلار نۇرغۇن قېتىم مەغلۇپ بولغان. ئوقۇشتىن چېكىنگەندىن كېيىن بوۋىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن. ئاخىرى مورس كودىدىكى چېكىت سىزىقچىلار ئارقىلىق كودلاش ئۇسۇلىدىن ئىلھام ئېلىپ تاياقچە كودنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇچاغدىكى تاياقچە كود چەمبەر شەكىلىدە ئىدى.

1000 (2).jpg

ئەمما ئۇ چاغدا سىكانېرلاش تېخنىكىسى ناچار بولغاچقا بۇ كەشپىياتنى ئىشلىتىدىغان ئادەم چىقمىغان. بۇ كەشپىيات پاتېنتىنىڭ پۈتۈن ئىشلىتىش ھوقۇقىنى 15 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا Philco شىركىتىگە سېتىۋەتكەن.
1970-يىلى دۆلەتلىك يېمەكلىك زەنجىرسىمان سېتىش جەمىيىتىنىڭ تەلىپى بويچە Logicon شىركىتى يېمەكلىك سانائىتىگە بىر تۇتاش كود چىقارماقچى بولغان. ئۇلار Norman Joseph Woodland نىڭ لايىھەسىدىن پايدىلىنىپ، ھەمدە ئۇنى قاتناشتۇرۇپ ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان تاياقچە كودنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
1974-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئوخائو شىتاتى ترويا شەھىرىدىكى Marsh ناملىق بىر تاللا بازىرى تۇنجى بۇلۇپ بۇ خىل تاياقچە كودنى تاۋارغا بېسىپ ئىشلەتكەن.
ھازىر پۈتۈن دۇنيادا ھەر كۈنى 5 مىليارد قېتىمدىن ئارتۇق تاياقچە كود سىكانېرلىنىدۇ. تاللا بازىرى، كۈتۈپخانا، دوختۇرخانا، پوچتىخانا، بانكا... قاتارلىق ئورۇنلاردا ھەر خىل مەھسۇلات، ئارخىپ، ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى تاياقچە كود سىكانېرلاپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

1000.png
بۇ رەسىمدىكى تاياقچە كود بېسىلغان سېغىز ئامېرىكا دۆلەتلىك تارىخ موزېيىدا مەڭگۈلۈك ساقلىنىدىغان بۇيۇم قاتارىدا ساقلانماقتا.

1992-يىلى Norman Joseph Woodland ئامېرىكا دۆلەتلىك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ ئامېرىكىدىكى تېخنىكا مۇۋاپىقىيەت ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپات.

ئىككىلىك كود
ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان ئىككىلىك كود تاياقچە كود ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. بىر ئۆلچەملىك تاياقچە كودنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇر مىقدارى ئىنتايىن چەكلىك. تاياقچىنىڭ كەڭلىكىگە ئاساسەن سانلىق مەلۇمات خاتىرلەيدۇ، ئۇزۇنلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بىر تاياقچە كودنىڭ سىغىمى ئاران 20 ئېنگىلىزچە ھەرپ ياكى سان. تېخىمۇ مۇرەككەپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر خاتىرلەش ئېھتىياجىدىن چىقالمايدۇ.
ئىككىلىك كودنى ياپونىيەلىك Masahiro Hara كەشىپ قىلغان. ئىككىلىك كودنىڭ تولۇق ئاتىلىشى Quick Response Code بولۇپ، تېزلىكتە ئىنكاس قايتۇردىغان ماتېرسا كودى دېگەن مەنىدى، قىسقارتىپ QR كودى دېيىلىدۇ.
Masahiro Hara دۇنيا بويچە بىرىنجى ئورۇندا تۇردىغان ماشىنا زاپچاسلىرى تەمىنلەش شىركىتى DENSO WAVE نىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، ئىشچىلار ھەر كۈنى نۇرغۇن زاپچاسلارنىڭ تاياقچە كودىنى سىكانېرلايتى. تاياقچە كودنىڭ ئۇچۇر مىقدارى ئاز بولغاچقا، ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە نۇرغۇن قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن. سىكانېرلاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن Masahiro Hara تاياقچە كودنى ماتېرسا شەكىلىدە تىزىپ، تىك تۆتبۇلۇڭ ھالىتىگە ئەكىلىپ ئۇچۇر مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇ ئاخىرى ھازىرقى ئىككىلىك كودنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

1000 (3).jpg

Masahiro Hara ئىككىلىك كودنى كەشىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن 2014-يىلى ياۋروپا كەشپىياتچىلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. Denso Wave شىركىتى ئىككىلىك كودنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئىگە، ئەمما بۇ تېخىنىكىنى ھەقسىز ئىشلىتىشكە ئېچىۋەتكەن، باشقىلار ئىشلەتسە پاتېنت ھەققى ئالمايدۇ. ئۇلار پەقەت ئىككىلىك كود سىكانېرلىغۇچ سېتىشقا تاينىپ پۇل تاپىدۇ.
Masahiro Hara ئىككىلىك كودنى ماشنا زاپچاسلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى سىكانېرلاشقا قولايلىق بۇلۇش ئۈچۈن كەشىپ قىلغان بولۇپ، بۈگۈنكىدەك كەڭ ئىشلىتىدىغانلىقىنى، شىددەت بىلەن ئومۇملىشىدىغانلىقى خىيالىغا كىرمىگەن.

1000 (4).jpg

2010-يىلى 10-ئايدا ئالىپاي تۇنجى بولۇپ دۆلەت ئىچىدە ئىككىلىك كود سىكانېرلاپ چىقىم قىلىش تېخنىكىسىنى ئىشلەتتى. خېرىدار سودىگەر تەمىنلىگەن ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپلا چىقىم قىلالايدىغان بولدى. 2013-يىلى ۋېيشىن (ئۈندىدار) نىڭ 5.0 نەشىرىگە چىقىم قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلغان بۇلۇپ، مۇشۇ نەشىرىدىن باشلاپ ئۈندىداردا ئىككىلىك كود سىكانېرلاپ چىقىم قىلىش ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.
2016-يىل 8-ئاينىڭ 3-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى «كود سىكانېرلاپ چىقىم قىلىش كەسپى ئۆلچىمى» (条码支付业务规范) نى تارقىتىپ، ئىككىلىك كود سىكانېرلاپ چىقىم قىلىشنىڭ بىخەتەر ئۆلچىمىنى بېكىتتى، ئىككىلىك كود چىقىم قىلىشنىڭ ئورنى ئېتراپ قىلىندى.

1000 (5).jpg

كۆچمە چىقىم قىلىش ، ئۈندىداردا دوست قوشۇش، سالونغا كىرىش، ئەپ چۈشۈرۈش، تور بەتنى ئېچىش، ھەمبەھىر ۋېلىسپىت، توكسىكىلىت ئىشلىتىش، تاۋارنىڭ ئۇچۇرنى كۆرۈش...قاتارلىقلاردا ئىككىلىك كود سىكانېرلاپلا قىلالايمىز.

1000 (1).png

دۆلىتىمىزدە ئىككىلىك كود شۇنچىلىك ئومۇملاشتىكى كۆكتات بازىرىدىن بەش موچەنلىك بەسەي ئالسىڭىزمۇ ئىككىلىك كود سىكانېرلاپ چىقىم قىلالايسىز. دۆلىتىمىزدىن باشقا دۆلەتلەردە، ھەتتا ئىككىلىك كود بارلىققا كەلگەن ياپونىيەدە ئىككىلىك كود ئۇنچىۋالا كەڭ ئىشلىتىلمەيدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىككىلىك كود ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىلھامى بىلەن ياپونىيەدە بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ھەقىقى تۈردە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىۋاتقىنى دۆلىتىمىز.
ئۇنىڭدىن باشقا دۆلىتىمىزنىڭ 汉信码 دەيدىغان يەنە بىر كودى بار. ھازىر باج تالونىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

uqkun77 ۋاقتى: 2019-10-7 00:26:41
رەھمەت، تولۇق چۇشىنىۋالدىم.
مومكىن بولسا 汉信码 نىمۇ چۇشەندۇرۇپ قويغان بولسىڭىز
喵帕斯 ۋاقتى: 2019-10-8 16:27:55
بۇنىڭ بارلىققا كىلشى راسلا بىر ئەسىر بولاپتىكەن ئەمەسمۇ… دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلمىغان بولسا كىچكىپ بىلەتتىكەنمىز،،،  بۇ  汉信码 ئەمدى ئاڭلا ۋاتمەن بەلكىم مەنمۇ ئۇچۇرشۇپ باققان بولسۇم مۇمكىن،  چۈشەنچەم تولۇق بولمىغاچقا…
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部