+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-10-5 12:24 1180 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
قانداق يانفون بولسۇن يېڭى ۋاقىت توكى ئۇزۇن يېتىدۇ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن توك تۇرماس بۇلۇپ قېلىپ بىر كۈندە ئىككى ئۈچ قېتىم توكقا چېتىشقا مەجبۇر بولىمىز. باتارىيە قېرىپ كەتسە ئالماشتۇرۇش بەك ئاۋارىچىلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالما شىركىتى بۇ قېتىم يېڭىلىغان iOS13 ئۈچۈنچى تەرەپ باتارىيەسى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلمىدى. ئايفوننىڭ باتارىيەسىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئالمىنىڭ ئۆزىنىڭ شۇ يانفونغا ماس كېلىدىغان باتارىيەسنى ئالماشتۇرۇش زۆرۈر.
يانفون بەك كونىراپ كەتمىسە توغرا زەرەتلەش ئۇسۇلىنى ئىشلەتسە باتارىيەنىڭ قېرىشىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ.

d789a37414bb4cd68a57dbf78d217b23.jpg

1. يانفوننى كېچىچە توكقا چېتىپ قويۇش
كۆپىنچە كىشىلەر ئاخشىمى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال توكقا چېتىپ قويۇپ، ئەتىگىنى ئويغاندا توكتىن ئاجىرتىدۇ. بۇنداق قىلسا باتارىيەنىڭ قېرىشى تېزلىتىۋېتىدۇ. ھازىر ھەممە يانفون دېگۈدەك تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. ئاستا بولغاندىمۇ 3 سائەتتە ئاساسەن توكى توشۇپ بولىدۇ. يانفون ئۇزۇن ۋاقىت توكقا چېتىلىپ تۇرغاندا يانفوننىڭ توكى %100 بولغاندا زەرەتلەشتىن توختايدۇ. %100 دىن تۆۋەنلىسە يەنە زەرەتلەيدۇ. كېچىچە مۇشۇنداق دەۋرلىنىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ باتارىيەگە بولغان زىيىنى ئېغىر. يىنىك بولغاندا باتارىيەنى تېز قېرىتىۋېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا قىزىپ، ئوت كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭا توك توشقاندا يانفوننى توكتىن ئاجىرتىۋېتىش ئەڭ توغرا ئۇسۇل. كېچىسى زەرەتلەشكە توغرا كەلگەندە ئاپتوماتىك توكتىن ئۈزۈلدىغان زەرەتلەش سىمى، ۋاقىت بەلگىلەپ توكتىن ئۈزۈلدىغان روزېتكا (定时插座) دېگەنلەرنى ئىشلىتىپ 3 سائەتكە توغرىلاپ قويسا، ۋاقىت توشقاندا توكتىن ئايرىۋېتىدۇ.
bf174aa5199b441fb0bf742e453c8825.jpg

2. توكقا چېتىش تەرتىپىگە دىققەت قىلماسلىق
يانفوننى توكقا چاتقاندا، ئاۋۋال يانفوننى سىمغا چېتىپ، ئاندىن زەرەتلىگۈچ بېشىنى روزېتكىغا سالغاندا، ياكى ئاجىراتقاندا شۇ دەقىقىدە پەيتلىك يۇقىرى بېسىملىق ئىمپۇلىس پەيدا بولىدۇ. بۇ يۇقىرى بېسىم باتارىيەنى زەخمىلەندۈردۇ. دىققەت قىلساڭلار بۇنداق توكقا چاتسا روزىتكىدىن ئۇچقۇن چىققاننى كۆرگىلى بولىدۇ. ھازىرقى يانفونلار ئاساسەن تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. تېز زەرەتلەش ئۈچۈن زەرەتلىگۈچنىڭ قۇۋۋىتى يۇقىرى بولۇشى كېرەك. يۇقىرى قۇۋۋەتلىك زەرەتلىگۈچنى توكقا چاتقاندىكى پەيتلىك ئىمپۇلىس بېسىمى تېخىمۇ يۇقىرى.

bcbd5e8994684338a0e0e1b73209af2b.jpg

شۇڭا توكقا چېتىشتىكى توغرا ئۇسۇل: ئاۋۋال زەرەتلىگۈچ بېشىنى روزېتكىغا چېتىش، ئاندىن سىمنى يانفونغا چېتىش كېرەك. توكتىن ئاجىراتقاندا ئاۋۋال يانفوننىڭ سىمىنى ئاجىرتىپ، ئاندىن زەرەتلىگۈچنى توكتىن ئاجىرتىش كېرەك.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

kichikoghul ۋاقتى: 2019-10-5 20:20:43
رەھمە،  بۇرۇنراق بىلگەن بولسام بولاركە.
Eliyop ۋاقتى: 2019-10-8 11:12:08
ھەممە ئادەم بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ئادەمگە ئەسقاتىدىغان ياخشى تىما، رەھمەت تىما ئىگىسى، رەھمەت ئالىپ تورى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部