+تېما يوللاش
tehnikqi يوللانغان ۋاقتى:2019-10-5 10:02 2110 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
10.4ـ چېسلا كەچتە،  بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ‫5g يان تېلېفونىنىڭ تورغا چىقىش ئايلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئاشكارىلىدى، 199 يۈەن بىر ئايدا 40g  ئېقىم مىقدارى ۋە 500 مىنۇت سۆزلىشىش ۋاقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەگەر تورغا كىرگىنىگە ئۈچ يىل توشقان كونا ئابونتلار بولسا 70% ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ، يەنى بىر ئايلىقى 140 يۈەن.

100236vrxq2qxz9rztbfz4.jpg

گەرچە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈچ چوڭ تىجارەت كارخانىسى ئىچىدە ھەق ئېلىشى ئىزچىل ئەڭ تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ 5g تورغا چىقىش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى 4g غا نىسبەتەن ئېيتقاندا يەنىلا نەچچە ھەسسە قىممەت، 5g سۈرەت نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىممىتى 1g/s، بۇ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنىڭ 5g سۈرەت چەكلىمىسى 500M/s بولۇپ، تور سۈرىتىنىڭ يېرىمىنى بىۋاستە كەسكەنگە باراۋەر، مەملىكەت بويىچە ئېقىم مىقدارى 40g بىر ئايدا ھەر بىر جى تور دىن ئېشىپ كەتسە 5 يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ , ‫4gتورىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىدىن 5 ھەسسە يۇقىرى.

100238ytlnivv9c4zcv95l.jpg

شۇ ئايلىق ئېقىم ئىشلىتىش يۇقىرى چېكى 200g بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر ئايلىق ئېقىم مىقدارىنى نۆللەشتۈرۈش تەدبىرى قوللىنىلمايدۇ، ئىشلىتىپ بولالمىغان ئېقىم مىقدارى ئاپتوماتىك ھالدا كېلەر ئايغا ئاغدۇرۇلۇپ ئىشلىتىلىدۇ.
كونا ئابونتلارنىڭ باھاسى 70% چۈشۈرۈلگەندىن كېيىنكى باھاسى 140 يۈەن بولۇپ، نۆۋەتتە بېيجىڭ، گۇئاڭجۇ، شېنجېندىن ئىبارەت 4 چوڭ بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ 5g سىگنالىنىڭ قاپلاش نىسبىتى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاندىن باشقا، قالغان شەھەرلەرنىڭ 5g قۇرۇلۇشىدا تېخى ئېنىق نىشان يوق، ئەمەلىيەتتە بۇ ھەر ئايدا 140 يۈەنگە 40g يان تېلېفون ئېقىم مىقدارى سېتىۋېلىپ 5g نىڭ تور سۈرىتىنى سىناپ باققانغا باراۋەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈرەت چەكلىمىسىنىڭ يېرىمى بار
ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئەمەلىي ئىشلىتىدىغىنى يەنىلا 4g تورى.

100239x2vamnhtz77mhgye.jpg

بۇ باھاغا ئىشىنىمىزكى، قول سېلىپ ئىشلىمەكچى بولغان نۇرغۇن ئابونتلار نەسىھەت قىلىپ چېكىندۈرۈلدى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىمۇ 2021ـ يىلى 1ـ سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ مۇھىم رايونلىرىدىكى 5g سىگنالىنىڭ تولۇق قاپلىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ، باشقا شەھەرلەرنىڭ 5g تورى ۋە ئەمەلىي تورىنىڭ مۇقىملىقى ۋە سۈرىتىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، كۆپچىلىك يەنىلا ياۋاشلىق بىلەن مۇقىم 4g يان تېلېفون ئىشلىتىڭلار پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن ئاندىن 5g يان تېلېفونى ۋە 5g تورغا چىقىش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى ئالماشتۇرۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

BilimJahan
سالۇنى تەييارلىدى.
كودنى سىكانىرلاپ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارغا ئىرىشىڭ.

100240fksu7s6ehi6ffmee.jpg




人的价值在于知识点。

1ئادەم ئىنكاس يازدى

Alper9 ۋاقتى: 2019-10-6 00:51:54
مەن تېخى تۈنۈگۈن 48سوملۇق  4جى 花卡يۈرۈشلۈكىگە ئۆزگەرىتتىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部