+تېما يوللاش
شەرەر يوللانغان ۋاقتى:2019-10-4 14:26 1109 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
«شەرەر سالون ياردەمچىسى(https://aliptori.com/forum.php?mod=viewthread&tid=56132)» ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولدى. بۇ ئارلىقتا يەنە نۇرغۇنلىغان ياخشى تەكلىپ-پىكىرلەرنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالدۇق. بۇ ئاساسىدا سۇپىمىزنى يەنە بىر قىتىم يېڭىلاپ چىقتۇق.

يېڭىدىن قوشۇلغان ئىقتىدارلار تۆۋەندىكىچە:
● خاس تىزىملىك بەلگىلەشكە بولىدۇ.
conditional_menu_add.jpg

«خاس تىزىملىك» ئىسمىدىنلا بىلىشكە بولىدىكى بۇ ئىشلەتكۈچىگە خاس بولغان بىر خىل تىزىملىكتۇر. يەنى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىشلىتىۋاتقان مەشغۇلات سېستىمىسى(ئاندىروئىد ۋە ئالما)، ئۈندىدار ئەپنىڭ تەڭشەلگەن تىلى(خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە، كورىيانچە...)، ئىشلەتكۈچىنىڭ جىنسى(ئەر ۋە ئايال)، تۇرىۋاتقان رايۇنى ۋە بەلگىلەنگەن بەلگىسىنىڭ(خەتكۈچ) ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن ئالاھىدە تىزىملىكتۇر. «خاس تىزىملىك ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە(https://mp.weixin.qq.com/s/f61Xpzk5rhV9W8YbCe62TA)» دېگەن بۇ يازمىدا بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار مىساللار ئارقىلىق تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن.

● ھۆججەت، مەزمۇن، رەسىم تارتىش، ئالبۇم، ئورۇن، سايىلەش قاتارلىق تىزىملىك خاسلىقلىرى قوشۇلدى.
menu_property_other.jpg

ھۆججەت(رەسىم، ئۈن ۋە سىن) ۋە مەزمۇن(图文) ھازىرچە ئىلگىرى باشقا سۇپىلاردىن قوشقان بولسىڭىز، نورمال قوللاش ئۈچۈن قوشۇلدى. ئەمما نۆۋەتتە تېخى سۇپىمىزدىن ھۆججەت تاللاشقا بولمايدۇ. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى بولسا كىيىنكى نەشىرلەردە بۇ ئىقتىدار قوشۇلىشىمۇ مۇمكىن.
رەسىم تارتىش، ئالبۇم، ئورۇن، سايىلەش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قايتا ئېچىش(二次开发) ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە بولىدۇ.

● بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلدى.

خاس تىزىملىك بەلگىلەش


تۆۋەندىكى چىپار كود ياكى https://wechat.ixinchuang.com/Menu بۇ ئۇلانما ئارقىلىق «شەرەر سالون ياردەمچىسى»گە كىرىپ، سالون ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، تىزىملىك بەلگىلەش بېتىگە كىرىمىز.


قارايدىغان بولساق بەت ئۈستىدە تۆۋەندىكىدەك بىر قۇرنىڭ قوشۇلغانلىقىنى بايقايمىز.
menu_bar.jpg

بۇ يەردىكى قوشۇش كونۇپكىسىنى بىسىپ، «خاس تىزىملىك قوشۇش» رامكىسىنى ئاچىمىز. بۇ يەردە ئىشلەتكۈچىلەر گورۇپپىسى، جىنسى، سېستىمىسى، تىلى، ئۆلكە ۋە شەھەر قاتارلىق ئۇچۇرلار بولۇپ، نۆۋەتتە سىز باشقا بىر خىل تىزىملىكنى كۆرسەتمەكچى بولغان ئىشلەتكۈچىلەر توپىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. تاللاپ بولغاندىن كىيىن «قۇرۇش» كونۇپكىسىنى بېسىپ، يېڭى تىزىملىك ھالىتىگە كىرىمىز.
conditional_menu_add_active.jpg

بۇ چاغدا قارايدىغان بولساق، ئۈستىدىكى بالداققا يېڭى تۈر قوشۇلغان بولۇپ، ئادەتتىكى تىزىملىك ۋە خاس تىزىملىكلەرنى بۇ يەردىن ئالماشتۇرۇپ كۆرۈشكە ۋە تەھرىرلەشكە بولىدۇ.
menu_bar_added.jpg

ئۇنىڭدىن باشقا خاس تىزىملىك ھالىتىدە، بۇ بالداقنىڭ ئاستىدا يەنە بىر بالداق بولۇپ، بۇ يەردە بىز بايا تاللىغان ئالاھىدىلىكلەر كۆرسىتىلگەن. بۇلارنى چېكىش ئارقىلىق بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزگەرتىشكىمۇ بولىدۇ.
conditional_bar.jpg

ئەمدى قوشىۋالغان خاس تىزىملىك ھالىتىدە يېڭىدىن تىزىملىك بېكىتسىڭىز بولىدۇ. بۇ جەريان ئادەتتىكى تىزىملىك بېكىتكەنگە تامامەن ئوخشاش.
work_area.jpg

ئەگەر خاس تىزىملىكنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، شۇ خاس تىزىملىك ھالىتىدە تۇرۇپ ئۈستىدىكى بالداقنىڭ يەنە بىر چىتىدىكى «ئۆچۈرۈش» كونۇپكىسىنى بىسىپ ئۆچۈرسىڭىز بولىدۇ.
menu_bar_remove.jpg

ئاخىرىدا، بارلىق تىزىملىكنى تەھرىرلەپ بولغاندىن كىيىن، «ساقلاش» كونۇپكىسىنى بىسىپ ساقلىۋەتسىڭىزلا كۇپايە.

يېڭى قوشۇلغان ئىقتىدارلارنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى چىپار كودنى سايىلەپ «شەرەر سالونى»نى قوشىۋالغاندىن كىيىن، ئۈندىدارىڭىزنىڭ تىلىنى ئىنگىلىزچە تەڭشەپ، سالونىمىزغا كىرسىڭىز بولىدۇ.
qrcode_for_gh_bd78f04cf069_430.jpg

شەرەر سالونى چىپار كودى



conditional_menu_preview.jpg

تىزىملىك ئۈنۈمى


ئەگەر تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلارنىڭ قوشۇلىشىنى ئۈمۈد قىلسىڭىز، دوست-يارەنلىرىڭىزگە تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ. سىلەرنىڭ قىزغىنلىقىڭلار بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى ۋە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى.


سۇپا ئىشلىتىش داۋامىدا يولۇققان ھەرقانداق مەسىلە ۋە تەكلىپ پىكىرلەر بولسا ئاستىدىكى چىپار كودنى سايىلەپ مۇلازىمەتچى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

menu_bar_remove.jpg

2ئادەم ئىنكاس يازدى

ئۇچقۇن` ۋاقتى: 2019-10-5 12:52:42
ھەقىقەتەن ياخشى بىر ياردەمچى بوپتۇ ، رەھمەت قوللايمىز !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部