+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-10-4 12:35 1232 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
9-ئاينىڭ 30-كۈنى جۇڭگو خەلق بانكىسى گوفۇباۋ (国付宝) نىڭ پاي ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغان بولۇپ، PayPal قارمىقىدىكى مېي يىن باۋ 美银宝 ئۇچۇر تېخنىكا (شاڭخەي) چەكلىك شىركىتى گوفۇباۋنىڭ %70 پاي ھوقۇقىنى سېتىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن پايپال گوفۇباۋنىڭ ئەمىلىي كونترول قىلغۇچىسىغا ئايلىنىپ جۇڭگو چىقىم قىلىش مۇلازىمەت بازىرىغا رەسمى كىردى.

20190930_190859_533.png

مېي يىن باۋ ئۇچۇر تېخنىكا (شاڭخەي) چەكلىك شىركىتى 2004-يىل 8-ئايدا قۇرۇلغان، تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالى 1 مىليارد 480 مىليون يۈەن، پايپال پاي چېكىنى تولۇق كونترول قىلىدۇ.
گوفۇباۋ 2011-يىل 1-ئايدا قۇرۇلغان، تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالى 104 مىليون يۈەن. 2011-يىلى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئىنتېرنېت تورى چىقىم قىلىش، كۆچمە چىقىم قىلىش كەسپى ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن. 2015-يىلى فوند چىقىم قىلىش كەسپى ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن. 2016-يىلى چېگرا ئاتلاپ خەلق پۇلى چىقىم قىلىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن. 2016-يىلى ئالدىن ئىستىمال قىلىش كارتىسى تارقىتىش ۋە قۇبۇل قىلىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن. بۇ شىركەت ئاساسلىقى ئېلېكتىرونلۇق سودا ، چېگرا ھالقىغان سودا ، ئاۋىئاتسىيە ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى كارخانىلارنى چىقىم مەھسۇلاتلىرى ۋە يۈرۈشلەشكەن كەسىپلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ .

Paypal.jpg

PayPal خەلقئارالىق كۆچمە چىقىم قىلىش سۇپىسى. باش شىتابى كالفورنىيەدە. Alipay غا ئوخشايدۇ. 2018-يىلى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك تىزىملىكىدە 402-ئورۇندا تۇرغان. پايپالنىڭ جۇڭگوغا كىرىشى ئالىپاي ۋە ئۈندىدار چىقىمدانىغا بىر كۈچلۈك رىقابەتچىنىڭ قوشۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۈچلۈك رىقابەتكە بەرداشلىق بېرەلمىگەن سامسۇڭ، سونىي شىركەتلىرى جۇڭگودىكى يانفون ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنى ئىشتىن توختاتتى.
سامسۇڭنىڭ جۇڭگودا ئۈچ زاۋۇت قۇرغان بۇلۇپ 2018-يىل باشقا ئىككى زاۋۇتىنى تاقىۋەتكەن. 10-ئاينىڭ 3-كۈنى يەنە بىر زاۋۇتنىڭمۇ تاقالغانلىقى ئاشكارىلاندى.
سامسۇڭنىڭ جۇڭگودىكى بازار ئۈلىشىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى زاۋۇتنىڭ تاقىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىدا سامسۇڭ 2013-يىل %15 نى ئىگەللىگەن بولۇپ، ھازىر %1 گە چۈشۈپ قالغان. بۇ بازارنى خۇاۋېي، شىياۋمى شىركەتلىرى ئىگەللىۋالدى.

Samsung-Galaxy-S7-vs-Xperia-Z5-15.JPG.jpg

سونىيمۇ جۇڭگودىكى يانفون ياساش زاۋۇتىنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سونىي بېيجىڭدىكى زاۋۇتىنى تاقاپ، تايلاندتا يانفون ئىشلەپچىقىردىكەن.

3ئادەم ئىنكاس يازدى

begmurad ۋاقتى: 2019-10-4 15:43:57
مىنىڭچە خاتا بۇپقالدىمۇ قانداق ئەسلىدە جىفۇباۋ ئامىركىغا كىرىپ كۆچمە چىققم قىلىش بازىرىنى ئىگەللىسە بۇلاتتى. پەيپال نىڭ جوڭگوغا كىرىشى  بۇ خۇددىي لۈكچۈنلۈككە ئۈزۈم ئالامسە دىگەندەك ئىش بوغاندەك تۇرىدۇ.
Miradiljan ۋاقتى: 2019-10-5 12:30:58
begmurad يوللىغان ۋاقتى  2019-10-4 15:43
مىنىڭچە خاتا بۇپقالدىمۇ قانداق ئەسلىدە جىفۇباۋ ئامىرك ...

دىگنىڭىز توغرا بۇرادەر ، دۆلەت ئىچىدىكى ئابونىتلارغا نىسپەتەن ئۇلارنىڭ بۇ قىلغىنى تۇرپانلىق دوسىتلارغا ئۈزۈم ۋە يىمىش (كىشمىش) ئالامسە دىگەنگە ئوخشايدۇ ، چۈنكى دۆلەت ئىچىدە ئۈندىدار ۋە ئالىپاينىڭ رىقابىتى كەسكىن ، ئارلىقتا سامسۇڭ ، شىياۋمى ، ئالما ، قاتارلىقلار ئۆزىنىڭ چىقىمدانلىرىنى بازارغا سالدى لىكىن ئاساسەن مەغلۇپ بولدى دىيىشكىمۇ بولىدۇ ، بانكا بىرلەشمىسىمۇ يۈن شەن فۇ چىقىمدانىنى چىقاردى ، گەرچە ھەممە بانكا بىرلىشىپ چىقارغان بىلەنمۇ ، يەنىلا ئابونىتلار ئالىپاي بىلەن ئۈندىدارغا كۆنۈپ كەتكەن ، مېنىڭ خېلى بېلىم سەۋيەلىك دوسلىرىم ئارىسىدىمۇ يۈنشەنفۇ ئىشلىتىدىغانلار بەكلا ئاز ، يۈنشەنفۇنىڭ ئالىپاي ۋە ئۈندىدار چىقىمدانى بىلەن بىۋاستە رىقابەتلىشىششىگە تېخى بالدۇر ، چۈنكى يۈنشەنفۇنىڭ پۇل چىقىم قىلىشتىن باشقا ئىقتىدارلىرى ئاساسەن يوق ۋە مۇكەممەل ئەمەس ، بولۇپمۇ خېلى مۇكەممەل ئىناۋەت سېستىمىسى قۇرۇپ چىققان ئالىپايغا تاقابىل تۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ، ئۈندىدارمۇ تېخى ئەمدىلەتىن ئىناۋەت نۇمۇر سېستىمىسى چىقاردى ، لىكىن ئۈندىدارنىڭمۇ ئالىپاينىڭ ئىناۋەت سېستىمىسى بىلەن رىقابەتلىشىشكە ۋاقىت بار  .
ئەمدى مۇنداق مەسىلە بار ، تەرەققىياتقا ئەگىشىپ دۆلەت سىرتىدىن مال سېتىۋىلىشمۇ بىر يۈزلىنىش بولۇپ قالدى ، گەرچە دۆلەت ئىچىدىكى بازاردا ئالىپاي ۋە ئۈندىدار ئاسىي ئورۇندا تۇرسىمۇ دۆلەت ھالقىپ مال سېتىۋىلىش ۋە دۆلەت ھالقىغان ئوبروتتا   ئاساسىي ئورۇندا تۇرالمايدۇ ، چىڭلوڭنىڭ 绝地逃亡 دىگەن كىنوسىنى كۆرگەن بولساڭلار بىلىسىلەر ، بىر چەتئەللىكنى قوغلاپ موڭغۇلىيەگە بېرىپ قىلىپ قاتناش قۇرالى ئۈچۈن ئۈچ چاقلىق تىراكتور سېتىۋالغاندا ھېلىقى موڭغۇل بالا دەيدۇكى ۋىسا كارتا سۈرەمسىز ياكى مەستىر كارتىمۇ دەپ  ، پېقىر ئۆز ۋاقتىدا ئېنگىلىز تىلى ئۆگەنگەن ۋاقىتتا مېنىڭ ئېنگىلىز تىلى مۇئەللىمىم ئاساسىي جەھەتتىن ئامازان تورىدىن مال ئالاتتى ، مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا پايپالدىن ھېساب ئاچقان ،(گەرچە پايدىلنالمىغان بولساممۇ ، ئاقسالىق قىلىش ئۈچۈن ، ) پايپالنىڭ دۆلىتىمىز ئىچىگە كىرىشى بەلكىم ئومومىي بازارنى ئەمەس ئۆزىگە ماس كېلىدىغان خەلقارا بازارنى نىشان قىلغان بولىشى مۇمكىن (پۈتۈنلەي شەخسى قاراش ھە)
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部