+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-10-3 12:27 973 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مىكروسوفتنىڭ قاتلىنىدىغان Surface يانفونى چىقىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقىلىپ يۈرگەن. بۇ رىۋايەتسىمان يانفوننىڭ ھەر خىل پاتېنت رەسىملىرى، ئۇقۇم ئۈلگىسىنىڭ رەسىملىرى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.
تۆنۈگۈن كەچتە مىكروسوفت ئاخىرى قاتلىنىدىغان تاختا كومپىيۇتېر Surface Neo ۋە قاتلىنىدىغان يانفون Surface Duo نى رەسمىي ئېلان قىلدى.

5d94d8826227688a78010b24_1024.jpg

Surface Neo تاختا كومپىيۇتېر ئوتتۇرىدىن 360 گىرادۇس قاتلىنىدىغان ئىككى 9 دىيۇملۇق ئېكرادىن تۈزۈلگەن. ئىنتىل  Lakefield مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن.

5d94d8826227688a78010b25_1024.jpg


Windows 10 ئاساسىدا يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان Windows 10X سىستېمىسى قاچىلانغان. ئىككى ئېكراندا ئوخشىمىغان ئىككى يۇمشاق دېتالنى بىرلا ۋاقىتتا ئىجرا قىلدۇرغىلى بولىدۇ. Surface Slim Pen قەلىمى ۋە سىرتتىن سىمسىز ئۇلىندىغان كۇنۇپكا تاختىسى بار. سىمسىز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.

20191003111233_3098.jpg

بۇ تاختا كومپىيۇتېرغا قاچىلانغان Windows 10X سىستېمىسى pc كومپىيۇتېرنىڭ Win 32 دېتاللىرىنى ۋە مىكروسوفت ئەپ دۇكىنىدىكى UWP دېتاللىرىنى قوللايدۇ.
Surface Neo تاختا كومپىيۇتېرنىڭ باھاسى تېخى ئاشكارىلانمىدى. 2020-يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن.

ئۇزۇندىن بېرى كۈتكەن مىكروسوفتنىڭ يېڭى يانفونىغا Surface Duo دەپ نام بېرىلگەن. بۇ يانفوننى قاتلىغاندا 5.6 دىيۇمغا، ئاچقاندا 8.3 دىيۇمغا ئايلىنىدۇ. 360 گىرادۇس ئايلىنىدىغان ئىككى ئېكراندىن تۈزۈلگەن.  USB-C ئېغىزى بار. تېلېفون ئۇرۇشنى، قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىشنى قوللايدۇ (تېلفون ئۇرغىلى بولمىسا يانفون دەمدا؟)

5d94d8826227688a78010b26_1024.jpg

20191003_000741_38.jpg

بۇ يانفونغا مىكروسوات بىلەن گوگول چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ مەخسۇس ياسىغان Android سىستېمىسى قاچىلانغان. (ئادەمنى ئەڭ ئۈمىتسىزلەندۈردىغان ئىش بوپتۇ، ۋىندوۋسنىڭ ئاندرويدقا تەسلىم بولۇشى دەيمىزمۇ بۇنى)

20191003_000721_317.jpg

20191003_004506_438.jpg

بۇ يانفونمۇ 2020-يىلى بازارغا سېلىنىدۇ. باھاسى ئاشكارىلانمىدى.
Surface Duo غا كۇۋالكوم 855 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا  AMD مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن Surface Laptop 3 خاتىرە كومپىيۇتېر ئېلان قىلىندى. باھاسى 999 ئامېرىكا دوللىرىدىن باشلىنىدۇ.
5d94d8826227688a78010b27_1024.jpg

3ئادەم ئىنكاس يازدى

بىليار ۋاقتى: 2019-10-3 16:29:17
ئۇستاز تەلىم بەرسىڭىز؛ مىكروسوفت، گوگىل، ئالمىدەك يۇمشاق دىتال تېخنىكىسى يۇقىرى ماگىناتلار، ئىنتىل، AMD، NVIDA، كۇۋالكۇم، بىرادكوم، سامسۇڭ،نوكىيا،خۇۋاېيدەك قاتتىق دىتال تېخنىكىسى يۇقىرى شىركەتلەر ھەممىسى بىرلىشىپ بىرلىككە كەلگەن ئوخشاش ئۆلچەم ۋە ئۆز-ئارا توسالغۇسىز قوللايدىغان كىلشىم ھاسىل قىلىپ بارلىق پاتېنىتتىن ۋە تېخنىكىسىدىن ئورتاق بەھىرمان بولغان ئەھۋال ئاستىدا (ھازىرچە بۇلارنىڭ بۇنداق ئىتتىپاق قۇرۇشى مۇمكىن بولمىسىمۇ )مىكروسوفىتنىڭ ۋىندوس سىستىمىسىنىڭ exe ئىجرا قىلىش پىروگىراممىسىنى تاختا كومپىيوتىر، يانفۇندا بىۋاستە نورمال قوللاپ ئىجرا قىلالايدىغان (كومپىيوتىرنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ بۇيرۇق توپلىمى ئىنتىلنىڭx86 رامكىسى، يانفۇن، تاختا كومپىيوتىر مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ بۇيرۇق توپلىمى ARM نىڭ ARM v7بۇيرۇق توپلىمى رامكىسى بولسىمۇ ) يانفۇن، تاختا كومپىيوتىر، كومپىيوتىر ھەممىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئوخشاش مەشغۇلات سىستىمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش مۇمكىنمۇ ؟ئۇستاز تەلىم بەرسىڭىز.
Alper9 ۋاقتى: 2019-10-3 18:23:43
ۋىندوۋىسفون ياخشىتى بۇنېڭدىن، ئاندروئد قاچالانغان بولسا راسلا ئەپسۇسلۇق ئىش بۇ.
kabil001 ۋاقتى: 2019-10-3 23:18:20
ۋىندوسفون ئەمدى تۈپيىلتىزىدىن يوقايدىكەندە؟!  ئاندىروئىدنىڭ بۇنچىۋالا ئومۇملىشىپ كېتىشىنى ھېچكىم ئويلىمىغان بولغىيتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部