+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-10-2 12:23 1542 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يانفوندا ئويۇن ئوينايدىغان تورداشلار خېلى كۆپ. بولۇپمۇ ئوغۇللار يانفون تاللىغاندا ئويۇن ئوينىسام راۋان سۆرەمدۇ، ئىسسىقلىق تارقىتىشى ياخشىمۇ دېگەننى ئويلىشىدۇ. تۆۋەندە باھاسى مۇۋاپىق، ئويۇن  ئويناش سۈرئىتى راۋان، ئىسسىقلىق تارقىتىشى ياخشى، توكى ئۇزۇن يېتىدىغان،  ئىقتىدار باھا نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئۈچ خىل يانفوننى تەۋسىيە قىلىمىز.

iQOO
iQOO غا كۇۋالكوم 855 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. مەخسۇس ئىسسىقلىق تارقىتىش قۇرۇلمىسى بار. ئۇزۇن ۋاقىت ئويۇن ئوينىسىمۇ قېتىۋالىدىغان، قىزىپ كېتىدىغان ئىشلىرى يوق.
باتارىيەسى 4000 مىللىئامپىر ، 44w لىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.
ئېكرانى: 6.31 دىيۇم  .  Super AMOLED ، ئېكرانى بارماق ئىزى تونۇيدۇ. NFC قوللايدۇ، Type-C ئېغىزى بار.

iqoo.jpg

باھاسى 3230 يۈەندىن باشلىنىدۇ.

iQOO Neo دەپ يەنە بىرسى بار. ئۇنىڭغا كۇۋالكوم 845 سەپلەنگەن. باتارىيەسى 4500 مىللىئامپىر.
بۇنىڭ باھاسى 1830 يۈەندىن باشلىنىدۇ.
neo.jpg

شىياۋمى 9
كۇۋالكوم 855 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، ئويۇن ئوينىغاندا ئىنتايىن راۋان. ئالدى كامېراسى تۈشۈك شەكىلدە ئورنىتىلغان. ھەقىقى پۈتۈن ئېكران ھۇزۇرنى سۈرگىلى بولىدۇ.
باتارىيەسى 3300 مىللىئامپىر. 27w لىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.
ئېكرانى: 6.39 دىيۇم  .  AMOLED ، ئېكرانى بارماق ئىزى سېزىدۇ. NFC قوللايدۇ.

20190829174746282.jpg

شىياۋمى 9 نىڭ بىزدىكى باھاسى 2250 يۈەندىن باشلىنىدۇ. ئىگە تەرەپ تورىدا ئۇنىڭدىن قىممەت.

روڭياۋ 荣耀V20
بۇنىڭغىمۇ ئالدى كامېراسى تۈشۈك شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خۇاۋېينىڭ بايراقدار دەرىجىلىك مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى بوبرا كىيىك 980 سەپلەنگەن. يۇقىرى تېخنىكىلىق GT سۇيۇقلۇق ئارقىلىق سوۋۇتۇش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان. ئويۇننىڭ راۋانلىقى، ئىسىقلىق تارقىتىشى ئىنتايىن ياخشى.
باتارىەيسى 4000 مىللىئامپىر، 22.5W تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.
ئېكرانى: 6.4 دىيۇم  .  LCD ، NFC قوللايدۇ. Type-C ئېغىزى بار.

20190901180058251.jpg

بۇ يانفوننىڭ باھاسى 2099 يۈەندىن باشلىنىدۇ.


ئويۇن ئويناش مەيلى كومپىيۇتېر بولسۇن، مەيلى يانفون بولسۇن مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئىچكى ساقلىغۇچ، سىنكارتا ، ئېكران قاتارلىق بارلىق قاتتىق دېتاللىرىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ھەرىكەتكە كەلتۈردىغان مەشغۇلات بولۇپ؛ قاتتىق دېتالغا يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ. شۇڭا يانفوندا ئويۇن ئويناشنى ياختۇردىغانلار 2000 يۈەندىن تۆۋەن يانفونلارنى ئويلاشمىساڭلارمۇ بولىدۇ.
بۇ يانفونلارنىڭ ھەممىسى ئالپ يانفون بازىرىدا بار.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

elbilge ۋاقتى: 2019-10-3 00:11:59
شىياۋمى 9 نىڭ باھاسى ئورگان تورىدىن ئەرزانكەنغۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部