+تېما يوللاش
tehnikqi يوللانغان ۋاقتى:2019-10-2 10:16 1719 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۈگۈن يۈز بەرگەن بىر ئىش نۇرغۇن تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئۇ بولسىمۇ بەيدۇ تور كۆرگۈچتىن ئىبارەت بۇ چوڭ كەسىپنى ئۈزۈل ـ كېسىل تاقىدى.
بەزى تورداشلار ئالقىش ياڭراتتى، بەزى تورداشلار ئازراق سېغىندى.
بۇ بەلكىم چوڭ خەۋەر بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما جۇڭگو ئىنتېرنېت تورىدىكى ئۈچ ماگىناتقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم تەسىرى بار.


101607zzixse572c23y57x.jpg


بەيدۇ تور كۆرگۈچ، بەيدۇنىڭ كۈچلۈك ئىزدەش سۇپىسىغا تايىنىپ، ئابونتلارنىڭ تورغا چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئاساسىدا، ئۇ بەيدۇ سىستېمىسى كەسپى ئەۋزەللىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئابونتلارغا تېخىمۇ قولايلىق بولغان كۆرۈش ئۇسۇلى، تېخىمۇ راھەت بولغان بەيدۇ ئالاھىدە تورغا چىقىش تەسىراتى ئېلىپ كەلدى.
ئەمما بىزگە سەككىز يىل ھەمراھ بولغان بۇ تور كۆرگۈچ بۈگۈن ئۈزۈل كىسىل توختىتىلدى.
101609a1g1gzqkku1gkk5i.jpeg

يېقىندا، بەيدۇ تور كۆرگۈچى ئۆزىنىڭ ئورگان تورىدا بەيدۇ PC تور كۆرگۈچىنىڭ مۇلازىمەتنى توختىتىش ئۇقتۇرۇشى نى ئېلان قىلدى، ئەمەلىيەتتە، بۇ يىل 5ـ ئايدا، بەيدۇ PC تور كۆرگۈچىسىنىڭ بىر قىسمى تىجارەت ۋە ئاسراشنى توختاتقان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار ئۈستەل يۈزىدىكى بەيدۇ، بەيدۇ قورال ئىستونى، بەيدۇ ئادرېس ئىستونى، بەيدۇ ئەڭ تېز سۈرەتلىك تور كۆرگۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، خائو 123 تور كۆرگۈچ قايتا يېڭىلانمىغان
ئابونتلارنىڭ باشقا تور كۆرگۈچكە ئالماشتۇرۇشقا يېتەرلىك ۋاقتى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار يەنىلا تور بەت كۆرۈش قاتارلىق ئاساسىي ئىقتىدارلارنى ھازىرغىچە ساقلاپ كەلگەن.

101610sffttwdwdrwxaoiz.jpg

ئەمما ئابونتلار ئىشلىتىدىغان بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلار ھازىردىن باشلاپ بەيدۇ PC تور كۆرگۈچىسىنىڭ تور بەت كۆرۈش قاتارلىق ئاساسىي ئىقتىدارلىرىنى رەسمىي توختىتىدۇ، تەسىرگە ئۇچرىغان ئابونتلارنىڭ باشقا تور كۆرگۈچلەرنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئەگەر سىز بەيدۇ PC تور كۆرگۈچنىڭ ساقلاش قىسقۇچىدىكى مەزمۇنلارنى  زاپاسلىماقچى بولسىڭىز، ئورگان دەرسلىكى بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.

101611cqcc6dd9s999oasd.jpg

ئەگەر باشقا ئىقتىدار جەھەتتە مەسلىھەت سوراشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر بولسا، يەنىلا پوچتا يوللانمىسى يولى ئارقىلىق بەيدۇ PC تور كۆرگۈچ ئۆمىكى بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەل قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئىگىلنىشچە، بەيدۇ PC تور كۆرگۈچىسى 2011ـ يىلى 6ـ ئاينىڭ 15ـ كۈنى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، 2019ـ يىلى 9ـ ئاينىڭ 30ـ كۈنىگىچە مۇلازىمەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى رەسمىي جاكارلاپ، بۈگۈنگىچە
سەككىز يىل ۋاقىتنى بېسىپ ئۆتكەن

101612fl2baa0i3qghb1aa.jpg
人的价值在于知识点。

2ئادەم ئىنكاس يازدى

kichikoghul ۋاقتى: 2019-10-2 18:15:30
مەن بەيدۇنىڭ ئىزدەش قورالىدىن باشقا ھېچنىمىسىنى ئىشلىتىپ باقماپتىكەنمەن تېلېفون  ياكى كومپيۇتېرد.
oyqan1 ۋاقتى: 2019-10-10 17:52:27
قايسى كۈنى بەيدۇدىن كىسىۋالغان رەسىمگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ئىزدەي دەپ ئاپارات بەلگىسىنى باسسام ئىنكاس يوقتى ، نىمىش بولغاندۇ دەپتىمە تېخى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部