+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-10-1 12:19 1768 قېتىم كۆرۈلدى 14 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2019-10-1 11:54  

بۇ قېتىم ئېلان قىلىغان iPhone 11 نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى 4Gb غا كۆتۈرۈلدى. ئالدىنقىسىنىڭ 3Gb ئىدى.  4Gb ئىچكى ساقلىغۇچ ھازىر ئاندرويد سىستېمىلىق يانفوننىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك يانفونىغا سەپلىنىۋاتىدۇ. ئاندرويدتقا نىسبەتەن 6Gb لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ھېچنىمە ئەمەس، 8/12G لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئاساسىي ئېقىم بولۇپ قالدى.
شۇنداقتىمۇ 4Gb لىق  iPhone 11 نىڭ سۈرئىتى، راۋانلىقى ئىچكى ساقلىغۇچى 8Gb لىق ئاندرويد يانفوندىن ياخشى. نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟

12L5BB4E867U_6.jpg

ئىچكى ساقلىغۇچ دېگەن نېمە؟
تولۇق ئاتىلىشى: خالىغانچە ئوقۇشقا يېزىشقا بولىدىغان ساقلىغۇچ، ئېنىگىلىزچىسى Random Access Memory قىسقارتىپ RAM دېيىلىدۇ. مەلۇم پىروگرامما (كود) ئىجرا بولۇشتا CPU نىڭ بۇيرۇقى بىلەن قاتتىق دېسكىدىن ئىچكى ساقلىغۇچقا كىرىپ ئىجرا بولىدۇ. شۇڭا ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ سىغىمى، سۈرئىتى يانفون، كومپىيۇتېرنىڭ سۈرئىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتدۇ.
ئادەتتە 4Gb لىق ئىچكى ساقلىغۇچ بار كومپىيۇتېرمۇ راۋان ئىشلەيدۇ. ئىلگىرى 32 بىتلىق سىستېما ئىشلەتكەن چاغدا 2Gb لىق ئىچكى ساقلىغۇچتىمۇ نورمال خىزمەت قىلاتتى.
كىچىككىنە ئاندرويد سىستېمىلىق يانفونىغا نېمىشقا 12G لىق ئىچكى ساقلىغۇچ زۆرۈر بولۇپ قالدى؟
ئاندرويدنىڭ يادروسى Linux ، ئۇچۇق كودلۇق مەشغۇلات سىستېمىسى. پەقەت Linux لا بولۇپ، ئۇچۇق كودلۇق بولغان بولسىمۇ تېزلىككە، راۋانلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيتى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى تور بېكەتلەرنىڭ مۇلازىمىتىرى Linux ، بىر قوزغىتىپ قويسا نەچچە يىلغىچە شۇنداق راۋان ئىشلەيدۇ.

iMacAirPower04.jpg

يادروسى Linux ئۆزى ئەمەس؟! گەپ شۇ يەردە. ئاندرويد ئىجرا بولۇش ئۈچۈن مەۋھۇم جاۋا مۇھىتى ھازىرلاپ شۇنىڭدا ئىجرا بولىدۇ. يەنى Linux مەشغۇلات سىستېمىسى ئىچىگە يەنە بىر جاۋا مۇھىتى قۇرۇپ شۇنىڭدا ئىجرا بولىدۇ. كود بىۋاستە 0 ۋە 1 گە ئايلىنىپ ئىجرا بولماي، جاۋا مۇھىتى ئىچىگە كىرىپ ئاندىن ئىجرا بولىدۇ. ئاندرويدتا ئىجرا بولىدىغان كود بىر باسقۇچنى ئارتۇق باسىدۇ. جاۋا مۇھىتىمۇ سىستېما ئىجرا بولغان ھامان ئىجرا بولۇپ ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ بىر قىسىمىنى ئىگەللىۋالىدۇ.
خېلى يۇقىرى سەپلىمىلىك كومپىيۇتېردا «توخۇ يىيىش» ئويۇنى ئوينىسا قېتىۋالىدۇ. بۇ ئويۇننى ئويناش ئۈچۈن CPU ، سىنكارتا ياخشى بولۇش بىلەن بىرگە 16G لىق ئىچكى ساقلىغۇچ بولسا ئاندىن بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئويۇن ئەسلى يانفون ئۈچۈن چىقارغان ئويۇن. كومپىيۇتېردا مەۋھۇم ئاندرويد مۇھىتى ھازىرلاپ ئاندىن ئىجرا بولىدۇ.

20171106104053433.jpg

ئۇنىڭدىن باشقا، ئايفوندا بىر ئەپتىن چېكىنگەندە تولۇق چېكىنىدۇ، ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگەللىۋالمايدۇ. ئاندرويدتا ئۇنداق ئەمەس، ئەپتىن چېكىنگەندىن كېيىنمۇ ئىچكى ساقلىغۇچتا تۇرۇشى كېرەك. بولمىسا نورمال ئۇچۇر قۇبۇل قىلالمايدۇ، بولۇپمۇ تورغا ئۇلىندىغان ئەپلەر.
ئايفوندا بىر ئەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئىچكى ئالمىنىڭ مۇلازىمىتىرى بىلەن ئۇلىنىپ، يانفوننىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىدىن بىكار بولىدۇ. كەينى سۇپىدا ئەپنىڭ ئاخىردا ئىجرا بولغان بەت ئۇچۇرى ساقلىنىپ قېلىپ، ئۆزى ئىچكى ساقلىغۇچتىن چىقىپ كېتىدۇ، CPU غا بۇيرۇق بىرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

微信图片_20191001114047.jpg

ئاندرويدتا تۇغۇلۇشتىن ئۇنداق مىخانىزىم قوللانمىغان. ئەپتىن چېكىنسىڭىز ئېكراندا كۆرۈنمىگەن بىلەن ئارقا سۇپىدا (ئىچكى ساقلىغۇچتا ) تۇرىۋېرىدۇ. ئاندرويدنى ياسىغان گوگۇلنىڭ مۇلازىمىتىرى بولسىمۇ ئالمىغان ئوخشاش ئەپ چېكىنگەندە ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىرىغا ئۇلىندىغان قىلىنمىغان. شۇڭا تولۇق چېكىنىۋەتسە ئەپ توردىن ئۇچۇر قۇبۇل قىلالمايدۇ. مەسىلەن ئۈندىدارنى كۆزنىكىنى ئىتىپ يانفون باش بېتىگە قايتىپ كەتسىڭىزمۇ ئۈندىداردىن ئۇچۇر كەلسە قۇبۇل قىلالايسىز. ئالمىدا ئۈندىدار چېكىنسىمۇ ئالمىنىڭ مۇلازىمىتىرى بىلەن ئۇلىنىش قۇرۇپ، ئەپ چېكىنگەندىمۇ ئۇچۇر قۇبۇللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئاندرويدتا ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىرى بىلەن ئۇلىنىش قۇرۇلمىغاچقا ئەپ چېكىنگەندە ئۇچۇر قۇبۇللاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگىللەپ تۇرىدۇ.
شۇڭا ئاندرويدتا قاچىلانغان ئەپ كۆپەيگەنسىرى، ئىشلەتكەن ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگىللىۋالدىغان «قالدۇق» لار كۆپىيىپ قاتتىق دېتال بايلىقىنى ئىگەللىۋېلىپ، راۋانلىقىغا تەسىر يېتىدۇ.
بەزى ئاندرويد يانفوندا ھەممە ئەپنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگىللىۋېلىپ يانفوننى قاتۇرۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئارقا سۇپىدا 5 ياكى 10 ئەپ ئىجرا بولسۇن دەپ چەكلىمە بار. مەلۇم ئويۇن ياكى ئەپتىن چىكىنىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن قايتا ئاچساڭلار تولۇق چېكىنگەن ھالەتكە قايتىپ ئىسىم، پارولنى قايتا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. بۇ خىل ئىش ۋىۋو، ئوپپونىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك يانفونلىرىدا كۆپ ئۇچىرايدۇ.
شۇ سەۋەبتىن ئاندرويد يانفوننىڭ راۋان قىلىش ئۈچۈن ئىچكى ساقلىغۇچنى چوڭايتىش زۆرۈر.

Pantalla-del-Samsung-Galaxy-S10-2.jpg

ئاندرويد 8 دىن باشلاپ  كودنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاپ، ئەپكە مەنبەسىدىن ھوقۇق بېرىش تۈزۈمىنى قوللىنىپ، ئەپلەرنىڭ رۇخسەتسىز ئارقا سۇپىنى ئۆزلىكىدىن ئىگىللىۋالدىغان ئىشىنى ئۆزگەرتتى. تەرجىمە قىلغۇچ (ئەپ ئىجرا بولىدىغاندا ماشىنا تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئىجرا بولىدۇ) نى ياخشىلاش، API زىيارەت ھوقۇقىنى تارايتىش، يادرولۇق قىسىمىنى گوگۇل ئۆزى باشقۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئاندرويدنىڭ راۋانلىقىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى.

ئاندرويدنىڭ يۇقارقىدەك ئاجىزلىقى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇچۇق كودلۇق بولغاچقا ماسلىشىدىغان ئۈسكۈنىلەر كۆپ. ئىقتىدارى كۆپ خىل. خالىغان ئەپلەرنى قاچىلىغىلى بولىدۇ. يانفونغا ئۆزى خالىغان ئىقتىدارنى چىقارغىلى بولىدۇ.
ئالمىنىڭ ئىككى ئۈندىدارنى بىرلا ۋاقىتتا ئاچقىلى بولماسلىق دېگەندەك كەمچىلىكلىرىمۇ بار.

ئاخىرىدا تورداشلارغا ئەسكەرتىدىغىنىم، ئىنكاس يازغاندا سوغۇققان بولساڭلار. ئۆزى قانداق يانفون ئىشلەتسە شۇ يانفوننى ماختاپ، باشقىلار ئىشلەتكەننى تىللايدىغان ناچار ئادەت باركەن. خالىغان ئادەم ئالما ئىشلىتىدۇ، خالىغان ئادەم ئاندرويد سىستېمىلىق يانفون ئىشلىتىدۇ. كىمنىڭ قانداق يانفون ئىشلىتىشى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى.

14ئادەم ئىنكاس يازدى

تادان ۋاقتى: 2019-10-1 16:02:33
ئاندىروئىدنىڭ دۇنياغا پەيدا بولىشى پەقەت يېڭى مەشخۇلات سىستىمىسى بولۇپ پەيدا بولىشى ئەمەس، پەقەت پەقەت لىنۇكىس ئۇستىدە بىر مەۋھۇم مۇھىت قۇرغان خالاس،خۇددى باي ئىشنى ئۆزى قىلماي ئادەم ياللاپ ئىشلەتكەندەك شۇڭا ئىچكى ساقلىغۇچقاتەلەپ يۇقۇرى…
ئالما،  مىكروسوفىت قاتارلىقلارنىڭ تېلفۇنى ئوخشىمايدۇ،  ئۇلار ھەقىيقى كومپىيۇتىر تىلى بويىچە يۇرۇشىدۇ،  ئارلىقتا باشقا جەريان يوق شۇڭا راۋان، ئىچكى ساقلىغۇچقا تەلەپ يۇقۇرى ئەمەس…
باھا مەسىلىسىگە كەلسەك بۇ تېلېفون زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشى بىز ئارتۇقچە مۇلاھىزە قىپ بولالمايمىز…
لىكىن ئالما ئاندىروئىدنىڭ جىدىلى ئۇزۇن بولدى ،  نىمىشقا مەسىلىنى مەنبەدىن چۇشەنمەيمىز،  نىمىشقا شۇنداق ياخشى قاتتىق دىتال سەپلىمىسى بار ئاندىروئىد تېلفۇن بىر نەچچە يىل بولماي  چوقۇم كىيىنكى يىلى مودىدىن قالىدۇ،  ئەمىلىيەتتە ھەممىسى كىشىلەرنىڭ شۆھرەت پەرەسلىكىدىن پايدىلىنىپ پۇل تىپىشنى مەخسەت قىلغان،  مەيلى ئالما،  مەيلى ئاندىروئىدنىڭ تۇتقان يولى شۇ،  ھازىرقى تۆۋەنرەك سەپلىمىدە تېلېفوننى تۆۋەنرەك ئاندىروئىدتا تامامەن بىر مەزگىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ،  شۇنچە كۆپ پۇلغا ئالغان تېلېفوننىڭ 80پىرسەن ئىقتىدارى بىكار تۇرمامدۇ،  بىز پەقەت كارخانىلارنىڭ كولدۇرلىتىش ئوبىكتى خالاس…
alnida ۋاقتى: 2019-10-1 14:05:17
قارىغاندا ئالمىنىڭ باھاسىغا ئوخشاش باھالىق ياخشىراق ئاندىروئىد تېلىفۇنلىرىنى بىرەر يىل ئىشلىتىپ باقمىغان ئوخشايلا تەخسىر ...
aliptori ۋاقتى: 2019-10-1 14:07:59
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2019-10-1 14:17  
alnida يوللىغان ۋاقتى  2019-10-1 14:05
قارىغاندا ئالمىنىڭ باھاسىغا ئوخشاش باھالىق ياخشىراق ئ ...


بۇ يەردە باھانىڭ گېپى بولۇنمىدى. مېنىڭ قانداق يانفون ئىشلىتىشىمنىڭ بۇ تېما بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئىككى سىستېمىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى ھەققىدە گەپ بولۇۋاتىدۇ. چۈشىنىشكە سەۋىيە يەتمىسە ئىنكاس يېزىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
قاسقاس ۋاقتى: 2019-10-1 15:00:20
مەن دەل ئەكىسچە ئويلايمەن،  ئالما تىلفۇننىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى كىچىك بولغان بىلەن،  بىرە ئۇيۇن ئويناۋاتقان بولساق ياكى،  توردىن كىنو كۆرەۋاتقان بولساق،  تىلفۇن ئۇرۇش ياكى باشقا سەۋەپلەر بىلەن چىكىنىپ باشقا مەشخۇلاتلارنى تۈگەتكەندىن كىيىن،  ئۇيۇنغا ياكى كۆرۈۋاتقان كىنوغا قايىتساق،  دەل جايىدىنلا چىقىدۇ،  لىكىن مەن ئۈچ يىلدىن بۇيان ھەرخىل ئاندىروئىد يانفۇنلارنى ئىشلىتىپ كەلدىم،  ھەممىسىدە ئوخشاش كىسەل ھېلىغۇ ئۇيۇنكەن بىرە توربەتكە خەت كۆچۈرۈپ چاپلاش دىگەندەك،  ئاددى مەشخۇلاتلارنى قىپبولغىچە ئارقا سۇپىدىكى ئەپلەر چىكىنىپ كىتىپ قايتا باشتىن كىردىكەن،  مەن تېخى ئاندىروئىد تىلفۇنلارنىڭ،  ئارقا سۇپىدىكى ئەپلەرنى ئۇزاقراق ساقلايدىغان قىلدىغان ئامال تاپالماي يۈرىمەن ئىچكى ساقلىغۇچ شۇنچە چوڭ تۇرسىمۇ يەنىلا چىكىنىپ كىتىدىكەن،  بىر گەپ قىلسام ئىشەنمەسلىكىڭلار مۇمكىن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئالما 5sتە بىر ئۇيۇن ئويناۋېتىپ تىلفۇننى قايتا قوزغىتۋەتسەممۇ،  چىكىنىپ كەتمەي جايىدىنلا چىققانتى،  
بىليار ۋاقتى: 2019-10-1 15:16:10
ۋىندوسفون سىستىمىسىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى ئالمىغا ئوخشامدىغاندۇ ياكى ئاندروىدقا ئوخشامدىغاندۇ ؟ۋىندوس سىستىمىسىدىكى exe پىروگىراممىسى ۋىندوسفون سىستىمىلىق يانفۇندا بىۋاستە نورمال ئىجرا بولامدىغاندۇ ؟بىلدىغان ئۇستازلار دەپ بەرسەڭلار بولۇپتىكەن ؟
aliptori ۋاقتى: 2019-10-1 15:51:00
بىليار يوللىغان ۋاقتى  2019-10-1 15:16
ۋىندوسفون سىستىمىسىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى ئالمىغا ئوخش ...

ۋىندوۋسفوننىڭ سىستېمىسىمۇ ئالمىغا ئوخشايدۇ، بىۋاستە ئىجرا بولىدۇ. ئەمما كومپىيۇتېرنىڭ exe پروگراممىسى ئىجرا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئەپلىرى ئايرىم.
ablimitt ۋاقتى: 2019-10-1 20:38:44
بۇنىڭدىن ياخشى بىلىمگە ئىگە بولدۇق، دىمەك لىنوئېكىس سېستىمىسى راۋانكەندە، ئۇنداقتا كومپىئوتىرلارغا شۇنى قاچىلىساق باشقا يۇمشاق دېتاللارغا تەسىرى بارمۇ ياكى بەزى مەشغۇلاتلارنى قوللىمامدۇ؟ نەچچە يىل بۇرۇن دۆلىتىمىز ئۆزىنىڭ لىنوئېكىس سېستىمىسىنى تەتقىق قىلىپ شۇنى ئىشلىتىدۇ دىگەنتى. ۋورىد نى قوللامدۇ؟
aliptori ۋاقتى: 2019-10-1 23:00:27
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2019-10-1 20:38
بۇنىڭدىن ياخشى بىلىمگە ئىگە بولدۇق، دىمەك لىنوئېكىس س ...

لىناكىس مۇستەقىل مەشغۇلات سىستېمىسى. ئۇنىڭ يۇمشاق دېتاللىرى ئايرىم. ۋىندوۋسنىڭ دېتاللىرى ئىجرا بولمايدۇ. لىنكاسنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى كۈچلۈك ۋورد، ئېكسېل دېتاللىرى، فوتوشوپقا ئوخشاش رەسىم بىر تەرەپ قىلىش دېتاللىرى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە لىناكىس ھەقسىز بولۇش، ئوچۇق كودلۇق بولۇش دېگەن ئىدىيە بىلەن بارلىققا كەلگەن. شۇڭا لىناكىس مەشغۇلات سىستېمىسى ھەمدە يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ھەممىسى ھەقسىز.
ablimitt ۋاقتى: 2019-10-2 10:05:03
aliptori يوللىغان ۋاقتى  2019-10-1 23:00
لىناكىس مۇستەقىل مەشغۇلات سىستېمىسى. ئۇنىڭ يۇمشاق دې ...

رەھمەت سىزگە، مەن بىر چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقاي ئەمىسە.
كىيىك ۋاقتى: 2019-10-2 18:30:30
قاسقاس يوللىغان ۋاقتى  2019-10-1 15:00
مەن دەل ئەكىسچە ئويلايمەن،  ئالما تىلفۇننىڭ ئىچكى ساقل ...

ئاندىرويىد يانفۇننىڭ ئارقا سۇپدىكى ئەپلەرنى ئاپتۇماتىك تاقۋىتىش ئىقتىدارنى ئىتىپ قويسىڭىز چىكنىپ كەتمەيدۇ، ئارقا سۇپدىكى ئەپلەرنى ئاپتۇماتىك تازلاپ يانفۇن سۈرئىتگە بوشلۇق ھازىرلايدىغان ئىقتىدارى بار شۇ ئىقتىدارنى ئۆزڭىزنىڭ ئەھۋالغا قارتا ئاچسىڭىز ياكى ئىتۋەتسىڭىز يۇقرىدا تىلغا ئالغان ئىشلىرڭىز ھەل بولدۇ، ئانىدىرويىد يانفۇنمۇ ھازىر ئۇنچە ناچار ئەماس
urum131 ۋاقتى: 2019-10-2 19:11:38
  تىمىدا دىيىلگىنى بويىچە بولسا كومپىيۇتىرغا قاچىلايدىغان ئاندىرويىدمۇ(مەسىلەنhoenixOS....دىگەندەك سىستىما) كومپىيۇتىرنىڭ قاتتىق دىسكا، CPU... لىرىغا تەقسىملىنىپ ئىجرا بولماي ئىچكى ساقلىغۇچىغىلام جاپا سالىدىغان سىستىمىمۇ؟
       مۇشۇنى بىر بىلىۋالسام، بىلىدىغىنىڭلارنى ئايىمىساڭلار تورداشلار، رەھمەت !!!!!
sultanbiz ۋاقتى: 2019-10-2 23:25:10
aliptori يوللىغان ۋاقتى  2019-10-1 23:00
لىناكىس مۇستەقىل مەشغۇلات سىستېمىسى. ئۇنىڭ يۇمشاق دې ...

لىنۇكىس سېستىمىسىنىڭ قايسىسىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرى كۆپ؟ قايسىسى ۋىندوۋىسقا ئەڭ يېقىن؟
قاسقاس ۋاقتى: 2019-10-3 21:11:55
كىيىك يوللىغان ۋاقتى  2019-10-2 18:30
ئاندىرويىد يانفۇننىڭ ئارقا سۇپدىكى ئەپلەرنى ئاپتۇما ...

ئارقا سۇپىدىكى ئەپلەرنى قەيەردىن تاقايدۇ،  تەڭشەكتىن ھېچ تاپالمىدىم،  
tursun1995 ۋاقتى: 2019-10-3 21:25:46
ئاندىروئىد   يانفۇنلارنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىدىكى ئەپلەرنى ئىجرا بۇلۇشنى چىكىندۈرىدىغان ئەپ بارمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部