+تېما يوللاش
sewr0998 يوللانغان ۋاقتى:2019-9-30 09:18 1448 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

خۇاۋېي ئامېرىكىنىڭ زاپچاسلىرىنى ئىشلەتمەي 5G ئاساسىي پونكىت ئىشلەپچىقىرالايدۇ

01.jpg


شياڭگاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، رېن جېڭفېي 9-ئاينىڭ 26-كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا زاپچاسلىرىدىن ئايرىلغان خۇاۋېي يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، ھەمدە ئامېرىكا زاپچاسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان 5G ئاساسىي پونكىتىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ، كېلەر يىلى مەھسۇلات مىقدارى ئاشىدۇ.

  خۇاۋېي ئىستراتېگىيە بۆلۈمىنىڭ لىدىرى جاڭ ۋېنلىن رېيتېر ئاگېنتلىقىغا: خۇاۋېينڭ ئامېرىكا زاپچاسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان ئاساسىي پونكىتىنىڭ ئىپادىسى ئامېرىكا زاپچاسلىرىدىن قېلىشمايدۇ. لېكىن تېخىمۇ ئىنچىكە تەپسىلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى خالىمايدۇ.  


iPhone 11 Pro Maxنىڭ ماتېرىيال تەننەرخى



يېقىندا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاپپاراتلار iPhone 11 ProMax نى چۇۋۇش ئارقىلىق، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە BOM ماتېرىيال تەننەرخىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا iPhone 11 ProMax 512GB نىڭ ماتېرىيال تەننەرخىنى تەخمىنەن 490.5 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 3493 يۈەن خەلق پۇلى)، دۆلەت ئىچى نۇسخىسىنىڭ ئورگان تەرەپ سېتىلىش باھاسى 126999 يۈەن بولۇپ، ماتېرىيال تەننەرخى تەخمىنەن %27.5 نى ئىگىلىگەن.

02.jpg


  سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، iPhone 11 نىڭ ئارقا كامېرا تەننەرخى 73.5 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، پۈتۈن تېلېفون تەنەرخنىنىڭ %15 نى ئىگىلىگەن.  ئۇنىڭدىن قالسا OLED ئېكران ۋە A13 تەقلىدىي ئۆزەك بولۇپ، تەننەرخى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 66.5 ئامېرىكا دوللىرى ۋە 64 ئامېرىكا دوللىرى.

  iPhone 11 يۈرۈشلۈكلىرىنىڭ ئېكران ۋە ساقلىغۇچ جەھەتتىكى تەننەرخى تۆۋەنلەپ، كامېرا، بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە ئاساسىي بەلباغ جەھەتلەردە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ پەقەت ماتېرىيال تەننەرخى، سېتىلىش باھاسىنى تەبىئىي ھالدا تەتقىقات، سېتىش يولى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىراجەتنى ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ، ئەمەلىي سېتىش باھاسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق.  


vivo U3x تېلېفونى سېتىلىشقا باشلىدى


تۈنۈگۈن vivo ئورگان تەرەپ «كەمتەر»لىك بىلەن تور سودا بازىرىغا يېڭى تىپتىكى vivo U3xنى چىقاردى، بۇ ئادەتتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بولۇپ، لېكىن سەپلىمىسى تۆۋەن ئەمەس، ئۇنىڭ 5000mAh چوڭ باتارېيەسى ۋە 18W قوش ماتورلۇق تېز زەرەتلەش، ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭلۇق AI سۈرەتكە ئېلىش، ھەمدە كۇۋالكوم 665 بىر تەرەپ قىلغۇچ قوللىنىلغان.

vivo U3xغا 6.35 دىيۇملۇق تامچە ئېكران قوللىنىلغان، ئېكران نىسبىتى 19.3:9، ئېنىقلىقى 1544* 720، ئالدىغا 8 مىليون پىكسېللىق كامېرا، ئارقىغا 13 مىليون پېكسىللىق ئاساسىي كامېرا + 8 مىليون  پىكسېللىق ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا + 2 مىليون پىكسېللىق  ئۈچ كامېرا ئورنىتىلغان.

03.jpg


  vivo U3x ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 64GB لىق ساقلاش، ئۈچ كارتا ئوقۇرى لايىھەسىنى قوللايدۇ، ئەڭ يۇقىرى 256GB MicroSD كىڭەيتىشنى قوللايدۇ.  3GB + 32GB لىق نۇسخىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 799 يۈەن، 3GB + 64GB لىق نۇسخىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 899 يۈەن، 4GB + 64GB لىق نۇسخىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 999 يۈەن.  


realme X2 Pro ئاشكارىلاندى

04.jpg


كۆكچىش تېخنىكا بىرلەشمىسى (SIG) نىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بىر خىل تىپى RMX1931 لىق realmeنىڭ يېڭى تېلېفونى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى دەلىللەشتىن ئۆتكەن. «لايىھە تەسۋىرى» دە تىلغا ئېلىنغان تەپسىلاتىدا، بۇ تېلېفونغا كۇۋالكوم 855 ئۆزەك (ئەڭ يۇقىرى ئاساسىي چاستوتا 2.84GHz) ، ھەمدە بىر پارچە 6.55 دىيۇملۇق FHD ئېكران سەپلەنگەن.  realme يېڭى تېلېفونىغا 1950mAh باتارىيە ئورنىتىلغان، ئۇ يەككە توك ئۆزىكىگە ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن، 1950mAh بولغان قوش ئېلېكتر ئۆزەكلىك باتارېيە، يەنى SuperVOC تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ، لېكىن كونكرېت 50W نۇسخىسىمۇ ياكى 65W نۇسخىسىمۇ ۋاقتىنچە نامەلۇم.

  تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە بار، Realmeنىڭ يېڭى تېلېفونىغا Realme X2 Pro دەپ نام بېرىلىشى مۇمىكىنكەن، 90Hzلىق تامچە ئېكران ئورنىتىلغان بولۇپ، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.  


تېڭشۈن ئۈندىدار چىقىمدان نومۇرى رەسمىي يولغا قويۇلدى

05.jpg


ئۈندىدار چىقىمدانى ئورگان تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈندىدار چىقىمدان نومۇر چېكى ئەڭ ئالدى بىلەن تاكسى توسۇشنى قاپلىغان بولۇپ، ئاۋۋال تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئاندىن پۇل تۆلەش ئەندىزىسى رەسمىي يولغا قويۇلغان، ئابونت ئۈندىدار چىقىمدانى نومۇر مۇلازىمىتىنى ئاچقاندىن كېيىن، نومۇر ئۆلچەمگە يەتكەندە يەنى «ئاۋۋال تاكسى توسۇپ ئاندىن پۇل تۆلەش» پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، ئاپتوموبىلغا چىقىپ ئالدىن پۇل تۆلىمەي، كۆزلىگەن جايغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك پۇل تۇتۇپ قالىدىكەن.


SIM كارتىدىن يەنە يېڭى يوچۇق بايقالدى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرى ۋە تېلېفون ئورۇن ئۇچۇرىنى ئوغۇرلىيالايدۇ

06.jpg


يېقىندا، SIM كارتىسىدا بىر ئېغىر يوچۇق Simjackerنىڭ ساقلانغانلىقى ئاشكارىلاندى، ، بۇنىڭ بىلەن يىراقتىن ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئابونتلار ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋالدا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ نىشانلانغان تېلېفونغا ھۇجۇم قىلسا ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى نازارەت قىلسا بولىدۇ. ھازىر بىخەتەرلىك تەتقىقاتچىلىرى يەنە بىر SIM كارتىسىدىكى يوچۇقنى بايقىغان بولۇپ، قىسقا ئۇچۇر ۋە تېلېفون ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىنى يوللىغىلى بولىدىكەن.

  engadget خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Ginno بىخەتەرلىك تەجرىبىخانىسى بۇ يېڭى يوچۇقنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان: WIBattack.  

WIBattack قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق يانفوننى يۇقۇملاندۇرىدۇ. ھۇجۇم ئۇچۇرى ھالقىلىق بىخەتەرلىك ئىقتىدارى ئىشلىتىلمىگەن SIM كارتىسىدا ئىجرا قىلىنىدۇ.  مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى ئۇچۇر يوللاپ، تېلېفون قىلالايدۇ ھەمدە زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ تور كۆرگۈچىسىنى ئالاھىدە بېكەتكە كۆرسىتىپ، تېكىست ۋە ئورۇن ئۇچۇرىنى يوللىيالايدۇ.

  بۇ يوچۇقنى ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئورنىغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئابونتلارنى ئالدامچىلىق تور بېكىتىگە قارىتالايدۇ، ھەمدە ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققى ئالالايدۇ. Ginno پۈتۈن يەر شارىدىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش جەمئىيىتىگە WIBattack تىن قىسقىچە دوكلات بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ كەسپىي تەشكىلاتنىڭ قانداق تەدبىر قوللىنىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى تېخى ئېنىق ئەمەس.  

مەنبە : LearnFans سالونى
07.jpg

2ئادەم ئىنكاس يازدى

ehrami ۋاقتى: 2019-10-1 13:20:27
ئاۋۇ ۋىۋو   تېلېفوننىڭ سەپلىمىلىرى خېلى يامان ئەمەس ئوخشامدۇ نېمە ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部