+تېما يوللاش
sewr0998 يوللانغان ۋاقتى:2019-9-30 09:13 576 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
  تۈنۈگۈن، «ئالەم بوشلۇقى تەلۋىسى» ئېلون ماسك SpaceXنىڭ ئەڭ يېڭى ھەركىتىدىن شەپە بەردى. پىلان بويىچە «يۇلتۇزلار ئارا ئالەم كېمىسى» مارىسقا قويۇپ بېرىلىدۇ. تۇنجى تۈركۈم مارىسقا بېرىش ۋەزىپىسى بەلكىم 2020-يىلى تاماملىنىشى مۇمكىنكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇھىم نۇقتا قىلىپ بۇ يۈز ئادەم سىغىدىغان ئۇزاق مەزگىللىك پىلانىت ساياھەت كېمىسى بولغان ئالەم كېمىسىنى تونۇشتۇردى.

2002-يىلى 6-ئايدا، «كېرىمىنىي پولات ئادىمى» ئېلون ماسك SpaceXنى قۇردى.
2008-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، بۈركۈت 1-نومۇر مارشال تاقىم ئارىلىدىن قويۇپ بېرىلىپ، تۇنجى قېتىمدا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا يەرشارى ئوربېتىسىغا كىردى. بۇ تۇنجى شەخسىي شىركەت تەتقىق قىلىپ چىققان سۇيۇق يېقىلغۇلۇق توشۇغۇچى راكېتا.

تا ھازىرغىچە، SpaceX ئاللىبۇرۇن 78 قېتىم مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا راكېتا قويۇپ بەردى، ھەمدە دۇنيادىكى بىردىنبىر قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئوربېتا راكېتاسى بىلەن ئالەم ئۇچقۇرىنى (航天器) ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىپ، يەنە يەرشارىغا قايتۇرۇپ، ئۇندىن كېيىن يەنە ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرالىغان شىركەت.

11 يىلدىن كېيىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئېلون ماسىك كۆپچىلىككە SpaceX نىڭ ئەڭ يېڭى ھەرىكىتىنى تونۇشتۇردى، يەنى «يۇلتۇزلار ئارا ئالەم كېمىسى» (Starship)نى مارىسقا يوللاشنى ئويلاشقانلىقىنى،  تۇنجى تۈركۈم مارىسقا بېرىش ۋەزىپىسى بەلكىم 2020-يىلى تاماملىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇھىم نۇقتا قىلىپ بۇ يۈز ئادەم سىغىدىغان ئۇزاق مەزگىللىك پىلانىت ساياھەت كېمىسى بولغان ئالەم كېمىسىنى تونۇشتۇردى.

01.jpg

02.jpg


ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئالەم كېمىسى ئادەملەرنى ئاي شارى، مارىسقا ئۇنىڭدىنمۇ يىراققا چىقىرىدۇ



ئامېرىكا تېكساس شىتاتىنىڭ Boca Chica دا، تېخى بايىلا قۇراشتۇرۇش تاماملانغان Starship MK1نىڭ سىناق راكېتاسى ۋە بۈركۈت 1-نومۇرلۇق راكېتا بىلەن بىر يەرگە قويۇلدى، ماسىك ئىككى ئىككى غايەت زور نەرسە ئالدىدا ئۆزىنىڭ نوتۇقىنى باشلىدى.

03.jpg


ماسىك يۇلتۇزلار ئارا ئالەم كېمىسىنىڭ لايىھە ئۇقۇمىنىڭ كۆپ قېتىم ئۆزگىرىشىدىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈردى، يېڭى لايىھەدىكى ھەربىر تەپسىلاتلارنى، پارامېتىر، قۇرۇلمىلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

04.jpg


يۇلتۇزلار ئارا ئالەم كېمىسى MK نىڭ ئېگىزلىكى 50 مېتىر، دىيامېتىرى 9 مېتىر، ئېغىرلىقى 85 توننا، 150توننا يۈك كۆتۈرەلەيدۇ، ئىتتىرىش كۈچى 1200 توننىغا يېتىدۇ.

05.jpg
قۇراشتۇرۇپ تاماملانغان ئالەم كېمىسى + دەرىجىدىن تاشىقىرى ئېغىر تىپلىق راكېتا ئېگىزلىكى 118مېتىر، راكېتا 68مېتىر، ئالەم كېمىسى 50 مېتىر


  MK1گە ئۈچ دانە يىرتقۇچ (Raptor) ماتور سەپلەنگەن، ئالدى بىلەن 20 كىلومېتىر ئېگىزلىكنى نىشانلاپ سىناق ئۇچىدۇ، ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا ئوربېتىغا كىرىپ سىناق ئۇچىدۇ.

06.jpg


ئەمما يۇلتۇزلار ئارا ئالەم كېمىسىنى يۆتكەيدىغان دەرىجىدىن تاشىقىرى ئېغىر تىپلىق راكېتا Super Heavyنىڭ 37 دانە يىرتقۇچ ماتورى، ئالتە تال قونۇش پۇتى بار، ئېگىزلىكى 68 مېتىر، دىيامېتىرى 9 مېتىر.

07.jpg


«يىرتقۇچ»  بىر خىل تولۇق ئېقىملىق، كۆپ دەرىجىلىك كۆيۈش تىپىدىكى راكېتا ماتورى بولۇپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مېتان ۋە سۇيۇق ئوكسىگېننى يېقىلغۇ قىلىدۇ.

  ماسكنىڭ بىلدۈرىشىچە، پلانېتىلار ئارا ئالەم كېمىسى 150 توننا  يۈك ئېلىپ ئوربىتىغا كىرىدۇ.  ئۇ ئوربېتا يولىدا توختاپ، ئاي شارى، مارس ياكى تېخىمۇ يىراق جايغا بارىدىغان سەپەر ئۈچۈن يېقىلغۇ تولۇقلايدۇ.

گەرچە بىر يېقىلغۇ ئالەم كېمىسى بىلەن ئوربىتىدىكى يەنە بىر ئالەم كېمىسىنى تۇتاشتۇرۇش ئاڭلىماققا ناھايىتى مۇرەككەپ بولسىمۇ، لېكىن ماسكنىڭ ئېيتىشىچە، ئوربىتىدا يېقىلغۇ تولۇقلاش بولسا «SpaceXنىڭ بوشلۇق پونكىتى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئاددىيلاشتۇرىدىغان نۇسخىسى» .

08.jpg

يۇلتۇزلار ئارا ئالەم كېمىسى ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان: بىر غايەت زور راكېتا ۋە بىر يولۇچى لار ئالەم كېمىسى.  يەر شارىدا غايەت زور تارتىش كۈچى بولغاچقا، راكېتانىڭ ياردەمچى ئىتتىرگۈچىسىگە تايانغاندىلا ئاندىن غايەت زور يۇلتۇزلار ئارا ئالەم كېمىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ.

يەر شارى ئوربىتىسىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن، يەنە بىر يۇلتۇزلار ئارا ئالەم كېمىسىنىڭ ياردەم بېرىشىگە مۇھتاج.  بىرىنچى يولۇچىلار ئولتۇرغان يۇلتۇزلار ئارا ئالەم كېمىسى يەر شارى ئەتراپىدا توختىغان چاغدا، يەنە بىر ئېغىر تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا ئىككىنچى يۇلتۇزلار ئارا ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىپ «ماي قاچىلىغۇچ» رولىنى ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە ئىتتەرگۈچ (推进剂) قاچىلانغان. ئاندىن كېيىن، «ماي قاچىلىغۇچ» ئوربىتىدا تۇرغان يۇلتۇزلار ئارا ئالەم كېمىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ ھەمدە ئىتتەرگۈچنى كېيىنكىسىگە يۆتكەپ بېرىپ، ئالەم كېمىسىنى 100 توننىدىن ئارتۇق ئاي شارىغا ياكى مارسقا بېرىشقا يېتەرلىك يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

09.jpg


يۇلتۇزلار ئارا ئالەم كېمىسىنىڭ يان قانىتىغا داتلاشماس پولات ئىشلىتىلگەن بولغاچقا، تولۇق قايتا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

10.jpg
ئاي شارى بازىسى


ماسك يەنە كەلگۈسىدىكى ئاي شارى بازىسى ۋە مارس شەھىرىنى تەسۋىرلىدى، يۇلتۇزلار ئارا ئالەم كېمىسى ئاي شارى بازىسى ۋە مارس شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن زور مىقداردىكى ماددىي ئەشيا ۋە خادىملارنى توشۇيدۇ.


  ماسك مۇنداق دېدى: يۇلتۇزلار ئارا ئالەم كېمىسى تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك راكېتا بولۇپ، ئىنسانلارنى ئاي شارى، مارس ۋە تېخىمۇ يىراق جايغا ئاپىرالايدۇ.

  بىر، ئىككى ئاي ئىچىدە، يۇلتۇزلار ئارا ئالەم كېمىسىMK1نى 20 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئوتتۇرا ئوربىتىسىدا ئۇچۇرىدۇھەمدە تىك قوندۇرىدۇ.

ئاخىرىدا، يۇلتۇزلار ئارا ئالەم كېمىسى 100 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئېلىپ، ئۇزۇن ۋاقىت پلانېتىلار ئارا ئۇچىدۇ.


يۇلتۇزلار ئارا ئالەم كېمىسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى: مارس «مۇستەملىكىچى ترانسپورت ئاپتوموبىلى» دىن« يۇلتۇز كېمىسى»گىچە



ماسىك خېلى بۇرۇنلا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، SpaceX نىڭ نىشانى ئادەمنى مارسقا يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى، ئۇزۇندىن بۇيان، ئۇ ئىزچىل غايەت زور ئالەم كېمىسى ۋە راكېتا ياساش ئارقىلىق بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىپ كەلگەن. 2010-يىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ماسك ئالدى بىلەن ئەينى چاغدىكى سىرلىق مارس ئاپتوموبىلىنى «مارس مۇستەملىكە تىرانسپورت ئاپتوموبىلى» (MCS) دەپ ئاتىغان ھەمدە ئۇنىڭغا «چوڭ تىپتىكى بۈركۈت راكېتاسى» دەپ لەقەم قويغان. لېكىن BFR نىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ۋە تاشقى كۆرۈنۈشىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

2016-يىلى، مېكسىكىنىڭ گۋادالاخارادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئالەم قاتنىشى يىغىنى (IAC) يىغىنىدا، ماسك ئاخىرى ئۆزىنىڭ مارس ئۇقۇم ماشىنىسىنىڭ تۇنجى ئوبرازىنى ئاچتى. بۇ قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان راكېتا ۋە ئالەم كېمىسىنىڭ بىرىكمە ئېگىزلىكى 400 فۇت، كەڭلىكى 37 فۇت. بۇ سىستېمىغا 42 يېڭى ماتور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 يولۇچىنى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقالايدۇ.

ماسك بۇ ترانسپورت قورالىنىڭ توشۇش دائىرىسى مارىسلا ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ نامىنى «پلانېتىلار ئارا ترانسپورت سىستېمىسى» دەپ ئاتىدى. بۇ تارىختىن بۇيان ئىنسانلار ياسىغان ئەڭ كۈچلۈك راكېتا بولۇپ، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ساتۇرن V ناملىق راكېتاسى بۇنىڭ ئالدىدا خۇنۈكلىشىپ كەتتى.  

11.jpg
2018-يىلىدىكى «يۇلتۇزلار ئارا ئالەم كېمىسى»نىڭ سەنئەت رەسىمى مەنبە : SpaceX


بىر يىلدىن كېيىن، ماسك بۇ سىستېمىنىڭ كۆلىمىنى كىچىكلەتتى. ئاۋستىرالىيىنىڭ ئادېلايدتا ئۆتكۈزگەن IAC دىكى يەنە بىر مەيدان نۇتۇقىدا، ئۇ يەنە تېخىمۇ تار، تېخىمۇ قىسقا راكېتا ۋە ئۇچار كېمىنى نامايەن قىلدى، بۇ سىستېما پەقەت 31 دانە ماتورغا ئېھتىياجلىق، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش 42 دانە ماتورغا ئېھتىياجلىق ئەمەس. ماسك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ئالەم كېمىسى ۋە راكېتا مەبلەغگە تېخىمۇ ئاسان ئېرىشىدۇ. بۇلتۇرقى نۇتىقىدا، بىز ھەقىقەتەن مەبلەغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەۋاتىمىزدېگەن.

  ماسىك 2017-يىلى IAC دا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەنىدى،  « بىز ئىلگىرى ھەر خىل خىياللارنى قىلغان، ھەتتا Kickstarter غا بېرىپ مەبلەغ توپلاشنىمۇ ئويلاشقان، نەتىجىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغانىدۇق.  لېكىن ماسك SpaceXنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا شىركەتنىڭ بارلىق بايلىقىنى يېڭى راكېتا ياساشقا سەرپ قىلىدىغانلىقىنى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىركەتنىڭ ھازىرقى توشۇش ئىقتىدارىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ھازىر بىز تەننەرخ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپتۇق، ئۇ بولسىمۇ ئالەم كېمىسىنىڭ چوڭلىقىنى كىچىكلىتىش.  پۈتۈن سىستېمىمۇ ئەسلىدىكى «BFR» دېگەن ئىسىمنى ئىشلەتتى.

قۇرۇلمىنى قايتىدىن لايىھىلەشكە پەقەت بىر يىل ۋاقىت كەتتى. 2018-يىلى 9-ئايدا، ماسك بىرىنچى سودا راكېتاسىنى ئېلان قىلدى، ياپونىيەلىك مىلياردېر يۇساكۇ مازاۋا (Yusaku Maezawa) ھەمدە ئالەم كېمىسى لايىھەسىنى يېڭىلىدى. SpaceX ئالەم كېمىسىدە ئۈچ چوڭ پالاقچىنى كۆپەيتىشنى قارار قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ تەگلىكىدىكى ماتورنى تەڭشىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئالەم كېمىسىنىڭ ئىسمىمۇ ئۆزگەردى. 2018-يىلى 11-ئايدا، ماسك بۇ ئالەم كېمىسىگە «يۇلتۇز كېمىسى» دەپ نام بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىققان راكېتاغا «دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر تىپلىق» دەپ نام بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ ئالەم كېمىسىنىڭ ماتېرىيالى كاربونلۇق بىرىكمە ماتېرىيالدىن داتلاشماس پولاتقا ئالماشتۇرۇلۇپ، نۇرغۇن لايىھەلەر يەنىمۇ ئۆزگەرتىلدى. سىستېمىنىڭ لايىھەلىنىشى يەنىلا ناھايىتى راۋان، شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى يېڭى خەۋەرنىڭمۇ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق.  


ماسك: بىز بىر كۆپ سەييارىنىڭ تۈرى بولۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم، ئەمدى مۇشۇنداق قىلىشىمىز كېرەك!  


گەرچە ھازىر قۇياشنىڭ كېڭىيىپ، يەر شارىنىڭ قىزىپ كېتىشىگە يەنە «نەچچە يۈز مىليون يىل» ۋاقىت بولسىمۇ، لېكىن ماسىك بۇ نۇقتىغا سەل قارىمىدى، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەر شارى تەخمىنەن تۆت مىليارد 500 مىليون يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇردى، لېكىن ئىنسانلار پەيدا بولۇشتىن تا ھازىرغىچە بۇ تۆت مىليارد 500 مىليون يىلنىڭ ناھايىتى كىچىك بىر قىسمىلا ئىنسانلارغا تەۋە.

  «تەدرىجىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەگەر ئاڭلىق ھاياتلىقنىڭ يەر شارىدىكى تەدرىجىي تەرەققىياتىغا كېتىدىغان ۋاقتى%10 ئۇزارسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان قۇياش تەرىپىدىن كۆيۈپ كەتكەن بولىدۇ.» SpaceX نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى نۇتۇقنىڭ ئاخىرىدا سۆزلەپ.

12.jpg
2019-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئېللون ماسك (ElonMusk) پائالىيەتتە نۇتۇق سۆزلەۋاتىدۇ


«ئاڭ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ۋە قىممەتلىك نەرسە، بىز بارلىق مۇمكىن بولىدىغان قەدەم باسقۇچ ئارقىلىق ئېڭىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك. تا ھازىرغا قەدەر، 4 مىليارد 500 مىليون يىلدىن كېيىن، بۇ كۆزنەك ئەمدىلا ئېچىلدى.  بۇ كۆزنەكنىڭ ئېچىلىشىنى ساقلاشقا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، ھەمدە ئۇزۇن ۋاقىت ئېچىلماسلىقى مۇمكىن. مەن تۇغما ئۈمىدۋار، لېكىن بۇ كۆزنەك ئۇزۇن مۇددەت ئېچىۋېتىلمەيدۇ، مېنىڭچە ئۇ ئېچىۋېتىلگەندە، بىز بىر كۆپ سەييارىلىك مەدەنىيەتكە ئايلىنىشىمىز كېرەك.


ماسكنىڭ نەزىرىدە، ئىنسانلارنىڭ كۆپ پلانېت مەدەنىيىتىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە ئاڭنى يەر شارىنىڭ سىرتىغا كېڭىيتىش ئۇسۇلى شۇ تاپتا ئۇنىڭ كەينىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.  بۇ Mk1 يۇلتۇزلار ئارا ئالەم كېمىسى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىنسانلارنى ئاي شارى ۋە مارسقا ئېلىپ چىقىدۇ.  ماسك مۇنداق دېدى: ئەڭ بالدۇر بولغاندا كېلەر يىلى، بۇ ئالەم كېمىسى ئىنسانلارنى ئوربېتىغا ئېلىپ چىقالايدۇ.  

مەنبە : LearnFans سالونى
13.jpg

1ئادەم ئىنكاس يازدى

elbilge ۋاقتى: 2019-9-30 23:03:07
ئىنسانىيەت مۇشۇنداق ئىزدەنگۈچىلەرگە “تەلۋە”لەرگە مۇھتاج
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部