+تېما يوللاش
sewr0998 يوللانغان ۋاقتى:2019-9-29 09:07 1003 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئوغرىدىن ساقلىنىپ ئېلېكترونلۇق پۇل تۆلەش ئۇسۇلى

01.jpg


يېقىندا، ئالدامچىلار ئېلېكترونلۇق پۇل تۆلەشتىكى 18 خانىلىق پۇل تۆلەش نومۇرى ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئالىپاي ھېسابات نومۇرىنى ئوغۇرلىدى. تۈنۈگۈن چىقىمدان كۆپچىلىككە، پۇل تۆلەش نومۇرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاپ قويماسلىقنى ئەسكەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالىپاي تەرەپ ئۈچ چوڭ تەدبىر قوللىنىپ پۇل تۆلەش نومۇرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى: 1. پۇل تۆلەش كودى ھەر مىنۇتتا يېڭىلىنىدۇ؛ 2. ئاندىرويىد يانفونلىرى ئېكراندىن رەسىم كېسەلمەيدۇ (ئالما تېلېفونلىرىدا ئەسكەرتىش چىقىدۇ)؛ 3. رەقەملىك كود بېتىگە كىرگەندە ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئەسكەرتىشى ئېنىق چىقىدۇ.

  بۈگۈن ئۈندىداردا چىقىمدانى ئورگان تەرەپ تارقاتقان ھۆججەتتە مۇنداق دېدى،: ئۈندىدار تېخنىكا ۋاستىسى ئارقىلىق «كەسمە رەسىمنى باشقىلارغا يوللاپ بەرگەندىن كېيىن ئوغرىلىقچە پۇل خەجلەش» مۇمكىنچىلىكىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. iOSنىڭ 6.3.22 نەشرىدىكى، ئاندرويد 6.3.23 نەشىرىدىكى ئۈندىداردىن كېيىن، ئەگەر پۇل تۆلەش كودى كەسمە رەسىم مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلسا، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى بىخەتەرلىك ئەسكەرتىشى تاپشۇرۋالىدۇ، ھەمدە پۇل تۆلەش كودى ئارقا سۇپىدا كۈچتىن قالىدۇ.

  بۇ ئابونىتلارنىڭ كېسىۋالغان ئىككىلىك كودنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئالدامچىلارمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنالمايدۇ. ئۈندىدار چىقىمدانى ئابونتلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، پۇل تۆلەش كودى بىخەتەرلىك كۆرسەتمىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەرقانداق شەكىلدە باشقىلارغا ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تۆلەش كودى يوللىماڭ، جۈملىدىن سىزىقلىق كود، ئىككى ئۆلچەملىك كود ۋە 18 خانىلىق رەقەملىك كود قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  


iPhoneنى بەلكىم مەڭگۈلۈك تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولۇشى مۇمكىن

02.jpg


ئالدىنقى ئايدا، ئالما شىركىتى بىر خاتالىق سادىر قىلغانلىقى سەۋەب، يېڭى نۇسخىدىكى iPhoneنى تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئالما ناھايىتى تېزلا يوچۇقلارنى ئوڭشىۋالغان. بۈگۈن، بىر بىخەتەرلىك تەتقىقات خادىمى iPhone 4s دىن iPhone X كىچە بولغان «مەڭگۈلۈك، رېمونت قىلغىلى بولمايدىغان bootrom يوچۇقى» نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلكىم مەڭگۈلۈك تۈرمىدىن قېچىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەزكۇر تەتقىقاتچىلار بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ iPhone سايمانلىرىنى ھەمبەھىرلەپ، « checkm8» دەپ ئاتىغان، بۇ خىل قورالنى يىراق مۇساپىلىق ئىجرا قىلغىلى بولمايدۇ، چوقۇم USB ئارقىلىق ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە ئۈسكۈنىنى كېسەككە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.  


جۇڭگو رادىيو تېلېۋىزىيەسى شاڭخەيدە تۇنجى بولۇپ 5G سىناق تورى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى

03.jpg


ئۈلۈشكۈن، جۇڭگو رادىيو تېلېۋىزىيەسى شاڭخەي خۇڭكۇدا تۇنجى تۈركۈمدىكى 5G سىناق ئاساسىي پونكىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ قېتىمقى سىناق تەرىقىسىدە خۇڭكۇ پۇتبول مەيدانى، 5G يەر شارى يېڭىلىق يارىتىش پورتى قاتارلىق رايونلاردا، SA مۇستەقىل تور تەشكىللەش ئۇسۇلىنى ئاساس قىلىپ تور قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى، سىناق ئاساسىي پونكىت 4.9G چاستوتا بۆلىكى قوللىنىپ، جۇڭگو رادىيو-تېلېۋىزىيەسىنىڭ شاڭخەيدىكى 5G تورىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالىدۇ. جۇڭگو رادىئو تېلېۋىزىيە 5G سىناق تورى قۇرۇلۇش لايىھىسىگە ئاساسەن، تۇنجى ئاساسىي پونكىت بۇ يىل 10-ئايدا ئېچىلىدۇ، بۇ يىل ئىچىدە شاڭخەيدە تەخمىنەن 200گە يېقىن 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرۇلۇپ، شاڭخەينىڭ قوش مىڭ مېگالىق كەڭ بەلباغلىق شەھەر قۇرۇلۇشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.  


خۇاۋېي يېڭى تىپتىكى قاتلانما ئېكران يان تېلېفون لايىھەسى ئېلان قىلىندى

04.jpg


Letsgodigital نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خۇاۋېي شىركىتى 2019-يىلى 2-ئايدا USPTO (ئامېرىكا پاتېنت تاۋار ماركىسى ئىدارىسى) غا« ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنە» پاتېنتىنى ئىلتىماس قىلغان، 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، بۇ پاتېنتنى WIPO سانلىق مەلۇمات ئامبىرى (دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى) غا كىرگۈزۈلگەن ھەمدە ئېلان قىلغان.  خۇاۋىي يېڭى تىپتىكى قاتلانما ئېكرانلىق تېلىفوننىڭ پاتېنت لايىھە چېرتيوژىدا كۆرسىتىلىشىچە، تېلىفوننىڭ قەلەمدە خەت يېزىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، شەكىلى بازارغا سالغان خۇاۋېي Mate X تېلىفونغا ئوخشاش لايىھە قوللىنىلغان، ئەڭ چوڭ ئوخشىمايدىغان يېرى يان تەرەپ ئاستىغا قەلەم ساقلايدىغان كامار چىقىرىلغان.  


پەن-تېخنىكا شىركىتىگە قانداق ئېنىقلىما بېرىش كېرەك؟

05.jpg


يېقىندا ھەمبەھىر ئىشخانا ماگناتى WeWork نىڭ بازارغا سېلىنىشى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى،  مۆلچەر قىممىتى ئاللىقاچان يېرىمىغا چۈشۈپ كەتتى، گەرچە WeWork ئىزچىل ئۆزىنى پەن تېخنىكا شىركىتى دەپ ئاتىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما WeWork قۇرۇق بىنا ئۆيلەرنى ئىشخانا بوشلۇقىغا ئۆزگەرتىپ ئىجارىگە بېرىدىغان سودا ئەندىزىسى ئىدى، خۇددى ئۆي مۆلۈك شىركىتىگە ئوخشايدۇ.

  شۇڭا WeWork IPO غا ئەگىشىپ پەيدا بولغان بىر چوڭ تالاش-تارتىش بولسا،  WeWork زادى بىر پەن-تېخنىكا شىركىتىمۇ؟  بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن چوقۇم بىر ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك، زادى قانداق بولغاندا پەن-تېخنىكا شىركىتى دېيىشكە بولىدۇ؟

داڭلىق تەھلىلچى Ben Thompson يېقىندا بىر ماقالىسىدە بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىپ باققان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بۈگۈنكى كۈندە، يۇمشاق دېتال ئىشلىتىشنى بىر پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ بەلگىسى قىلىشقا بولمايدۇ:

پەقەت بىر شىركەت يۇمشاق دېتال ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇنى تۈرگە ئايرىپ پەن-تېخنىكا شىركىتى دەپ قاراش نەچچە ئون يىل بۇرۇنلا ۋاقتى ئۆتكەن.

06.jpg


  ئۇنداقتا بىر شىركەتنىڭ پەن-تېخنىكا شىركىتىگە تەۋە ياكى ئەمەسلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟  Ben Thompson بەش ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

* يۇمشاق دېتال ئارقىلىق بىر ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا بولغان بولۇش
*يۇمشاق دېتالىنىڭ مارگىنال تەننەرخى(边际成本) نۆل بولۇش
* يۇمشاق دېتال ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقان بولۇش
* يۇمشاق دېتالنىڭ كۆلىمىنى چەكسىز كېڭەيتكىلى بولۇش
* يۇمشاق دېتال ئارقىلىق نۆل سودا تەننەرخىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولۇش

شۇڭا، بىر شىركەتنىڭ پەن-تېخنىكا شىركىتىگە تەۋە ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىش، ئۇنىڭ يۇقىرىقى بەش ئۆلچەمگە قانچىلىك دەرىجىدە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. Netflix نى مىسالغا ئالساق، گەرچە ئۇ بىر ئېكولوگىيەلىك سىستېما بەرپا قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن باشقا تۆت شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ، شۇڭا بىر پەن-تېخنىكا شىركىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما بۇ ئۆلچەمنى تالاش تارتىش بولۇۋاتقان WeWork قا تەدبىقلىساق، WeWork نى بىر پەن تېخنىكا شىركىتى دەپ ئاتاش تەس بولىدۇ. گەرچە WeWork يۇمشاق دېتال ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئارقىلىق ھەر قايسى جايلاردىكى شىركەت ۋە خىزمەتچىلەرنى تۇتاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئۇنىڭ كەسپىنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ناھايىتى تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە WeWorkنىڭ تۆلىگەن ئىجارە ھەققى كىرىمنىڭ ئىچىدىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش تور نۇقتىلىرى سانىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قانداق ئىجارىگە ئېلىشتىن بۇرۇن شىركەتتىن مەسلىھەت سوراش زۆرۈر بولۇپ، WeWork نىڭ رولى ۋە ئەنئەنىۋى ئۆي ۋاستىچىلىرىگە بەك ئوخشايدۇ، سودا تەننەرخى بىر قەدەر يۇقىرى.

Ben Thompson مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم كۆرسەتكۈچى بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇلار قانچىلىك كەم بولسا بولمايدىغان رىقابەت ھالقىسىنى رەقەملەشتۈردى، بۇمۇ ھەددىدىن زىيادە كاپىتالغا تايىنىدىغان WeWorkنىڭ بىر پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ سەۋەبى دەپ قارىلىدۇ.


مەنبە : LearnFans سالونى
07.jpg

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部