+تېما يوللاش
sewr0998 يوللانغان ۋاقتى:2019-9-28 09:31 619 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
لۇۋېيبىڭ ئىككى قېتىم خۇاۋېي پورسىچ يۈرۈشلۈك تېلېفونىنى ساز قىلدى


  ئالدىنقى كۈنى خۇاۋېي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يۈ چېڭدۇڭدىن شياۋمى 19999يۈەنلىك ئايلانما ئېكران ئۇقۇم يان تېلېفونى MIX Alphaكە قانداق قارايسىز دەپ سورالغاندا جاۋاب بېرىپ، پەقەت ئۇقۇم تېلېفونى خالاس، ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتى يوق دەپ باھا بەرگەنىدى.

  تۈنۈگۈن، شىياۋمىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى لۇ ۋېيبىڭ مىكرو بىلوگىدا يۈ چېڭدۇڭنىڭ بۇ سۆزىگە گەپ قايتۇرۇپ، ئەگەر ئايلانما ئېكراننىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتى يوق دېيىلسە، ئۇنداقتا بىر چەت ئەلنىڭ نومۇر تاختىسىنى يان تېلېفونغا چاپلاپ 10 مىڭ يۈەندىن قىممەت سېتىشتىكى «ئەمەلىي قىممىتى» نېمە؟

01.jpg


  تۆت سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، لۇ ۋېيبىڭ يەنە بىر قېتىم مىكرو بىلوگ ئېلان قىلىپ خۇاۋېي ئىستېمالچىلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلدى دەپ گۇمانلاندى.  ئىگىلىنىشىچە، خۇاۋىي تۈنۈگۈن Mate 30 RS پورسىچ لايىھەلەش نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 12999 يۈەن ئىكەن.  

02.jpg



ئالما iOS 12.4.2 رەسمىي نۇسخىسىنى يېڭىلىدى

03.jpg


بۈگۈن سەھەردە، ئالما كونا نۇسخىدىكى iPhone، iPad، iPod touch ئابونتلىرى ئۈچۈن iOS 12.4.2 رەسمىي نەشرىگە يېڭىلاش ئۇقتۇرۇشى ، نەشىرى 16G114 بولۇپ.  iOS12.4.2 نىڭ نەشىر نومۇرىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئوڭشاش خاراكتېرىدىكى كىچىك يېڭىلاش.  بۇ قېتىمقى يېڭىلاش iPhone 5s، iPhone 6، iPhone 6Plus، iPad Air، iPad mini2، iPad mini3 ۋە 6-ئەۋلاد iPod touch قاتارلىق تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرگە ماس كېلىدۇ، بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى iOS 13 نى قوللىمايدۇ.  


مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ۋاقىتى 10-ئاينىڭ 2-كۈنىگە مۇقىملاشتى

04.png


مىكروسوفىت مۇتەخەسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان قاتتىق دېتال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 2015-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بىر مەيدان Surfaceنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بولۇپ قالىدىكەن. Windows 10 قوش ئېكرانلىق قاتلىما ئۈسكۈنىسى توغرىسىدىكى سۆز-چۆچەكلەرمۇ بىر مەزگىل تارقىلىپ كەتكەن. ھازىر مىكروسوفتنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا بۇ شىركەت بەلكىم تۇنجى ئىككى ئېكرانلىق قاتلىغىلى بولىدىغان Windows 10 ئۈسكۈنىسى Centaurus نى نامايان قىلىشى مۇمكىن.


يېپيېڭى SpaceX Starship راكېتاسى شەنبە كۈنىدىكى پائالىيەت ئۈچۈن تەييارلاندى

05.jpg


cnbeta خەۋىرى، ئىگىلىنىشىچە، ماسك شۇ يەر ۋاقتى شەنبە كۈنى كەچتە شىركەتنىڭ تېكساس شىتاتىنىڭ بوكاچكا تەرەققىيات بازىسىدا نۇتۇق سۆزلەيدىكەن، شۇ چاغدا ئۇ بۇ ئەڭ يېڭى Starship لايىھەسى ۋە ئۇنىڭ پىلانىنى تونۇشتۇرىدىكەن، Mk1 بۇ مەيدان پائالىيەت سەھنىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بولىدىكەن.

06.jpg


  ماسكىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، Starship Mk1 نىڭ ئېگىزلىكى 164 فۇت (50 مېتىر) بولۇپ، 10 قەۋەت بىنادىنمۇ ئېگىز. ھازىر ئۇنىڭغا ئۈچ چوڭ تىپتىكى Raptor ماتورى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئەڭ تېز بولغاندا كېلەر ئايدا تۇنجى قېتىم سىناق قىلىنىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇ 12 مىل (20 كىلومېتىر) ئىگىزلىككە ئۇچىدۇ. ماسك يەنە بۇ نۇسخىنىڭ كېيىنكى ئۇچۇشتا ئوربىتىغا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

07.jpg




ھىندىستاننىڭ قاتناش مىنىستىرى:  شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنىڭ بازارغا كىرىشگە يول قويمايمىز

08.jpg


cnbeta خەۋىرى، نارېندرا مودى  (NarendraModi)  رەھبەرلىكىدىكى ھىندىستان ھۆكۈمىتى شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنىڭ بازارغا كىرىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى بۇ مەزكۇر دۆلەتتىكى نەچچە مىليون ئادەمنىڭ ئىشسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ھىندىستان قاتناش ۋە تاشيول مىنىستىرى نىدىن جادكار (NitinGadkari) مۇنداق دېدى: « مەن بىر نەچچە چوڭ كارخانىچىلار بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇلار شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنى ھىندىستان بازىرىغا يۈزلەندۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.  مەن ئۇلارغا شۇنى ئېنىق ئېيتىپ قويايكى، مەن بۇ كەسىپكە يەنە مەسئۇل بولساملا، شوپۇرسىز ماشىنىنىڭ ھىندىستاندا يولغا چىقىشقا يول قويمايمەن. بەزىلەر مەندىن يېڭى تېخنىكىغا قارشى تۇرۇش-تۇرماسلىقنى سورىدى، مەن ھەممىنى دەپ بولدۇم.

نۆۋەتتە، ھىندىستان ئاپتوموبىل كەسپى بىر مەيدان زور كىرزىسنى باشتىن كەچۈرمەكتە.  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 8-ئايدا، ھىندىستاندا ئاپتوموبىل سېتىلىش مىقدارى ئۇدا بەش ئاي تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى %23.55 كە يەتكەن.  ئۇدا داۋاملاشقان كرىزىس سەۋەبىدىن، ھىندىستان ئاپتوموبىل كەسپىدە 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ خىزمەت ئورنى قىسقارتىلدى.  بۇنىڭ ئۈچۈن جادكارى يەنە ئۆزىنىڭ شوپۇرسىز ماشىنىنىڭ شوپۇرلارنىڭ ئىش ئورنىنى بۇلاپ كېتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.  


كەلگۈسىدە خوجايىنلار بارغانسېرى «ماھارەت»كە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەرگىزمۇ ئوقۇش تارىخىغا ئەمەس

09.jpg


  كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئۇچۇر دەۋرىدە، يېڭى قوراللارنىڭ تەرەققىياتى ئۇچقاندەك تېز، خىزمەتنى تاماملاش ئېھتىياجلىق ماھارەت ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتىدۇ. تېخىمۇ كۆپ خوجايىنلار شۇ سەۋەبتىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمەلىي ئىگىلىگەن ماھارىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى،  ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ قولىدىكى دىپلومغا ئەمەس.

  پروگرامما تۈزۈش بىر قەدەر ياش كەسپىي ساھە بولۇش سۈپىتى بىلەن، «ماھارەت»كە تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىدىغان رايون. 2015-يىلى، Stack Overflow بىر قېتىم تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان 26 مىڭ نەپەر پىروگىراممىرلار ئىچىدە يېرىمغا يېقىن ئادەمنىڭ كومپيۇتېر ئىلمى ئىلمىي ئۇنۋانى يوق ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

Linkedinنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، %77 خىزمەتچى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدە بارغانسېرى تېخنىكا ۋە ئىقتىدارغا ئاساسەن خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى؛ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىزمەت ئىزدىگەندە تېخنىكا ئىسپاتى ئالىي مەكتەپ دىپلومىدىن مۇھىملىقىنى ئېيتقان. ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئېيتقاندا، قىسقىچە تەرجىمىھالىغا يېزىلغان ماھارەتلەرنى باھالاش، ئىسپاتلاش ئاسان ئەمەس.

Linkedinنىڭ يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان «ماھارەت باھالاش» ئىقتىدارى بولسا بۇ ئېھتىياجغا قارىتىلغان.  توردا «ئىمتىھان سوئالى» نى ئىشلەش ئارقىلىق، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر قىسقىچە تەرجىمىھالىغا ماھارەت ئىسپاتى قوشسا بولىدۇ، بۇ خىزمەت ئىزدىگۈچىنىڭ ئۆزىنى ئىسپاتلىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولۇپ، تەكلىپ قىلغۇچىلارنى تېخىمۇ قولايلىق تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. تۇنجى تۈركۈمدە تورغا چىقىرىلغان ماھارەت ئېتراپ قىلىش تۈرى Java ۋە  #C قاتارلىق پروگرامما تۈزۈش تىلى، Microsoft Office قاتارلىق خىزمەت مەيدانىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ يىل تىم كۇك مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغانىدى، ئالما 2018-يىلى قوبۇل قىلغان خادىملارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ تولۇق كۇرس دىپلومى يوق، ئۇنىڭ قارىشىچە ئالىي مەكتەپتە ئۆگىنەلەيدىغان ماھارەت بىلەن ئۇلار كەلگۈسىدە تولىمۇ ئېھتىياجلىق دەپ قارىغان ماھارەت ئوتتۇرىسىدا «ماس كەلمەسلىك» مەۋجۇت.  IBMنىڭ CEOسى Ginni Rometty مۇ بۇنى قوللايدۇ. كېيىن كۇكمۇ تولۇقلاپ مۇنداق دېدى،

بىزنىڭ شىركەتنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن چېكىنگەن ئوقۇغۇچى قۇرغان.  شۇڭا، بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىنى سىز چوقۇم ئېلىشقا تېگىشلىك نەرسە دەپ قارىمايمىز.  

مەنبە: LearnFans سالونى
微信图片_20190928092710.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部