+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-9-27 11:32 1037 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مىكروسوفتنىڭ CEO سى Brad Smith مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «قاتىل ماشىنا ئادەم» نىڭ باش كۆتۈرۈشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، شۇڭا يېڭدىن رەقەملىك «جەنۋە ئەھدىنامىسى» تۈزۈپ، كۈنسىرى ئېغىرلىشىۋاتقان ماشىنا ئادەمنىڭ تەھدىتىدىن دۇنيانى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم. ماڭالايدىغان، ئۇچالايدىغان، سۇ ئۈزەلەيدىغان «ماشىنا ئادەم» گە قۇرال، باشقۇرۇلدىغان بومبا قاتارلىقنى سەپلەپ « ئەجەللىك قۇرال سىستېمىسى» بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. ئۇلار پروگرامما ئارقىلىق پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن مۇستەقىل مەشغۇلات قىلالايدۇ. بۇ خىل تېخنىكا نۇرغۇن دۆلەتلەرگە كېڭىيىدۇ.

9617-ifaench0802334.jpg

Brad Smith زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: « ئەجەللىك مۇستەقىل قورال سىستېمىسى» نى ئىشلىتىش بىر قاتار يېڭى ئېتىكا مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۇنى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جىددىي ئىشلار سۈپىتىدە ئويلىنىشىغا توغرا كېلىدۇ.

e0139d1f9a2549668756ae5ab016653d.gif

ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە، كورىيە، روسىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر نىشاننى تاللاش ۋە ھۇجۇم قىلىشتىكى ھالقىلىق ئىقتىدار جەھەتتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە قۇرال سېستىمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى.  
Smith مۇنداق دېدى: «ئادەم ئۆلتۈردىغان ماشىنا ئادەم جەڭ قىلىش ۋە كىمنى ئۆلتۈرۈشنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلسا بولمايدۇ» ، بۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى بىر تۈرلۈك خەلقئارالىق ئەھدىنامە تۈزۈپ، بۇ خىل تېخنىكىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش كېرەك. «پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكى ماشىنا ئادەمنىڭ تەھدىتىگە ئۇچىراۋاتىدۇ، يېڭىدىن رەقەملىك ‹جەنۋە ئەھدىنامىسى› تۈزۈپ، ھەرىكەت قوللىنىپ، قائىدە ئارقىلىق پۇقرالار ۋە ھەربىيلەرنى قوغداش لازىم»


ئامېرىكا بوستون دىينامىك شىركىتى يېڭىچە بىر خىل ماشىنا ئادەمنى ئېلان قىلدى. بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ ھەرىكىتى چاققان، سەكرىگەندە يەرگە مۇقىم چۈشىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا سۈنئىي ئەقىلىي ئىقتىدارنى قوشسا ئىنسان ئەسكەرلىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغانغا قانچىلىك قالىدۇ؟

ee17a3767665414db87ae47e54531030.gif

e41c76cedbf14526a1d8ef697ef49f87.gif

بوستون دىينامىك شىركىتىنىڭ بۇ ماشىنا ئادىمىنىڭ ئىسمى Atlas بولۇپ، بۇ ئۈچۈنچى ئەۋالاد نۇسخىسى. ئېگىزلىكى 1.75 مىتېر، ئېغىرلىقى 82 كىلوگىرام. توك ۋە سويۇقلۇق بېسىمى ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدۇ. ھەرىكىتى ئىنتايىن چاققان بولۇپ، خۇددى بىر تەنھەرىكەتچىگە ئوخشايدۇ.

d4aa84e4e4d64e848441ace1df386eef.gif

4f4eded3a2a340bdbc334dc1d908103f.gif

30fe7ad901b649a7bbd0da53ad7bf5bd.gif

40ff2b0397aa445d8f23ec3d32cdce67.gif

1747f8d7c7b84599b8fee6b92321eaef.gif

Atlas نىڭ بەدىنى، پۇتىدا ھەر خىل سېنزور بار، بېشىدا رادار بار. سېنزور توپلىغان سانلىق مەلۇماتنى ئانالىز قىلىپ بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ. رادار ئارقىلىق ئورۇن بېكىتىش ۋە كامېرا ئارقىلىق ئارقىلىق توسالغۇنى كۆرۈپ، توسالغۇدىن ئاندىن ئۆتۈشنى بېكىتەلەيدۇ. دالىدا چارلاش ۋەزىپىسنى تاماملىيالايدۇ.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

ablimitt ۋاقتى: 2019-9-27 12:06:15
سەن ياسىمىساڭ دۈشمىنىڭ ياسايدۇ، شۇڭا بۇنى تۇسقىلى بولمايدۇ. بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىپ تىرىشىپ ئالدىن ياساش كېرەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部