+تېما يوللاش
appchi يوللانغان ۋاقتى:2019-9-26 16:41 1670 قېتىم كۆرۈلدى 11 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالىپ تورىدىكى بارلىق تورداشلار   ياخشىمۇ سىلەر ، ھەممىڭلارنىڭ  مۇشۇ ۋاقتى خەيرلىك بولسۇن .
بۈگۈن مەن ناھايىتى قالتىس دېتالدىن بىرنى ھوزۇرۇڭلارغا ئېلىپ كەلدىم ،    دېتالنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ،  ئۈندىداردا ۋە تور يۈزىدە ، ئۇيغۇرچە ۋە دۆلەت ئورتاق تىلىنى   يازغاندىكى خەتلەرنىڭ ئورنى   ئالمىشىپ قېلىش مەسىلىسىنى ئوڭشايدۇ .

164153l1fzxf4ochjxp4qh.png

يۇقارقى رەسىمدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ،    ئۈستىدىكى بىر قۇر خەتنىڭ ئورنى شۇنداق رەتلىك چىققان .   ئەمما  ئاستىدىكى   بىر قۇر خەتنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان .

بۇ دېتال دەل شۇنىڭدەك خەت ئورنىنىڭ ئالمىشىپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ .

164154aeqt61qeykku8k41.jpg

دېتالنى ئېچىپ   كىرگۈزۈش رامكىسىغا سىلەر يازماقچى بولغان خەتنى يېزىپ بولۇپ ، كۆچۈرۈش دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ چاپلاپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ .

سالون ۋە ياكى دوستلار چەمبىرىكى بولسۇن ، بۇ دېتال ئۈندىدارنىڭ ھەر قانداق ئورۇندا ئىشلەيدۇ .

  دېتالغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى تونۇلغان ھەم ،   سىغىمى ئىنتايىن كىچىك .

  ئاستىدىكى ئادرېسنى تور كۆرگۈچكە چاپلاپ چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ .
https://www.lanzous.com/i6elnrg



11ئادەم ئىنكاس يازدى

gaseya ۋاقتى: 2019-9-26 21:07:19
ئەپچاق نۇسقىسىنىلا قىلىۋەتمەي
appchi ۋاقتى: 2019-9-26 21:41:56
gaseya يوللىغان ۋاقتى  2019-9-26 21:07
ئەپچاق نۇسقىسىنىلا قىلىۋەتمەي

پات-ئارىدا ئۇمۇ بوپ قالا
ئىزباسار ۋاقتى: 2019-9-27 13:53:06
خەت ئالمىشىپ كېتىش مەسىلىسىنى بۇنداق ئەپ ئىشلەتمەيمۇ بىۋاسىتە كىرگۈزگۈچتە ھەلقىلغىلى بولىدىغۇ ھازىر،
urum131 ۋاقتى: 2019-9-27 18:00:52
ئىزباسار يوللىغان ۋاقتى  2019-9-27 13:53
خەت ئالمىشىپ كېتىش مەسىلىسىنى بۇنداق ئەپ ئىشلەتمەيمۇ  ...

بولسا قىممەتلىك تەجرىبىلرىڭىزنى ئايىمىسىڭىز، مەندەك بىلمەيدىغانلارمۇ بىر بىلىۋالسا دىگەن ئۈمىدتىمەن، رەھمەت
appchi ۋاقتى: 2019-9-27 18:58:47
ئىزباسار يوللىغان ۋاقتى  2019-9-27 13:53
خەت ئالمىشىپ كېتىش مەسىلىسىنى بۇنداق ئەپ ئىشلەتمەيمۇ  ...

كىرگۈزگۈچتە ئالدى كەينى قىلىپ  يازغىنىڭىز بىلەنمۇ ئورنى ئالمىشىپ كېتىدۇ ،  بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ مەسىلىسى ئەمەس  بەلكى تور بەت html ۋە css  كودىنىڭ ئىشى ، ئۈندىدار نىڭ ھەرقانداق خەت يېزىش ئورنى ئوخشاش ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ ، ماۋۇ ئالىپ تورىنىڭ ئىنكاس ۋە تېما يېزىش ئورنىغا يازغان خەت  ئورنى ئالمىشىپ كەتمەيدۇ ، چۈنكى بۇ تور بىكەتنىڭ كودلىرى ئىنتايىن مۇكەممەل يېزىلغان .
Expert ۋاقتى: 2019-9-27 23:49:17
ئەپ دېتال قاچىلانمىدى   
小米,   Android      7.0
WeChat Image_20190927234458.png
شەرەر ۋاقتى: 2019-9-28 19:56:43
2014-يىلى سالونغا مەزمۇن تەييارلىغاندا ئۆزۈمگە مۇشۇنداق ئەپچىل بىر دېتال قىلىۋالغان ئىدىم. پىرىنسىپى ئابزاسنىڭ ئالدىغا ئوڭدىن سولغا يۇنىكودلۇق بەلگىسىنى قىستۇرۇپ قوياتتى.قارىسام پىرىنسىپى ئوخشاپ تۇرىدۇ.
تېلېفوندا چۇباۋ كىرگۈزگۈچ بولسا ئوڭدىن سول يۇنىكود بەلگىسىنى كونۇپكىغا بەلگىلەپ قويۇشقا بولىدۇ. خەت يېزىشتىن بۇرۇن قىستۇرىۋەتسىلا تەرتىۋى بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ.
回忆 ۋاقتى: 2019-9-30 22:11:19
ياخشى ئەپكەن رەھمەت سىزگە
69520 ۋاقتى: 2019-10-1 23:26:32
ياخشى ئەپكەن رەھمەت سىزگە،
tehnikqi ۋاقتى: 2019-10-3 20:43:02
appchi يوللىغان ۋاقتى  2019-9-26 21:41
پات-ئارىدا ئۇمۇ بوپ قالا

دىتالغا فونىت ئىشلىتىپ خەتنى كۈچۈرۈپ باشقا جايغا ئالغاندىمۇ ئەسلى فونىت ئۆزگەرمەي چىقىدىغان قىلىغىلى بولمامدا
appchi ۋاقتى: 2019-10-6 09:49:17
tehnikqi يوللىغان ۋاقتى  2019-10-3 20:43
دىتالغا فونىت ئىشلىتىپ خەتنى كۈچۈرۈپ باشقا جايغا ئال ...

ياق ،  خەتنى قايسى ئورۇنغا چاپلىماقچى بولسىڭىز شۇ ئورۇننىڭ ئۇيغۇرچە فونىت تونۇش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部