+تېما يوللاش
all_kiss يوللانغان ۋاقتى:2019-9-26 11:29 1217 قېتىم كۆرۈلدى 5 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

5G يانفون سېتىۋېلىش سېتىۋالماسلىق توغرىسىدا، ئىشلەتكۈچىلەردە ئىككىلىنىش پەيدا بولدى، ئەڭ چوڭ ئىختىلاپ  دەل تور ئۇل ئەسلىھەلىرى توغرىسىدىكى ئىختىلاپ.

ئىلاۋە: يانفون كەسپىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، خۇاۋېي Mate 30 يۈرۈشلۈكى ئېلان قىلىندى، iPhone 11 بۈگۈن رەسمىي سېتىلىشقا باشلىدى، خۇاۋېي بىلەن ئالما بۈگۈن پەن-تېخنىكا چەمبىرىكىدىكى مۇنازىرە مەيدانىنى ئىگىلىدى، بۇ ئىككى يانفون شىركىتى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەرنىڭ ھەممىسى بىر تېمىنى ئايلىنىپ ئۆتەلمەيدۇ ، ئۇ بولسىمۇ  5G.
ئاۋۋال 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىسىتىرى مياۋ يۈنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ باقايلى.

مىنىستىر مىياۋ يۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
مۇستەقىل تورلاشقان 5G تورىغا كېلەر يىلى ئاندىن كەڭ كۆلەمدە قۇرلۇش قىلىنىدۇ. كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا 4G تورى تامامەن ئېھتىياجدىن چىقىدۇ، مەنمۇ 4G يانفون ئىشلىتىمەن. 5G تورىنىڭ %80 ى سانائەت ئالاقە تورىغا ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن ماشىنا تورى دېگەندەك.
ھازىر جۇڭگو بازىرىدىكى ئېلان قىلىنغان سودىدا ئىشلىتىلىدىغان 5G يانفونى 11 خىل. ئەمما كۆپ ساندىكىلى مۇستەقىل تورلاشمىغان. يانفون 5G ئىقتىدارىنى ھەقىقىي نامايەن قىلىش ئۈچۈن 5G تورىنىڭ مۇستەقىل تورلىشىشىغا ئېھتىياجلىق. 4G يادروسى ئاساسىدىكى NSA بولسا مۇستەقىل تورلاشمىغان 5G مەھسۇلاتىدۇر. ھازىر NSA ۋە SA گە ماسىلىشىدىغان يانفوندىن پەقەت خۇاۋېيلا بار. چۈنكى بۇ ئۆزەك ۋە مەشغۇلات سىستېمىسى قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللارغا چېتىلىدۇ.

08DCA8908CB441F11C57544B029700450DB0080A_size313_w1500_h750.jpeg

5G ئاللىبۇرۇن يادىكى ئوقياغا ئوخشاش ئېتلىشىغا ئازلا قالدى ، بازاردا ھەم ئاللىبۇرۇن كۆپ خىل 5G  يانفون پەيدا بولدى، خۇاۋېي قارمىقىدىكى تۇنجى 5G SoC بوبرا كېيىك 990 5G ئۆزىكىنىڭ ئېلان قىلىشىغا ئەگىشىپ، خۇاۋېينىڭ 5G لىق بايراقدار يانفۇنى، 5G لىق رۇڭياۋ بايراقدار يانفۇنى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ.  ئوخشاش مەزگىلدە، سامسۇڭمۇ Exynos 980 ‏ 5G ‏ SoC نى ئېلان قىلغان.  بوبرا كېيىك 990 5G ۋە Exynos980 ھەممىسى 5G خەۋەرلىشىش ئاساسىي بەلۋېغىنى CPU، GPU، NPU قاتارلىق بىر تەرەپ قىلغۇچلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۈنۈمى، ئىقتىدارى ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىش جەھەتتىكى ئىپادىسى تېخىمۇ ياخشى بولدى. 5G يانفونىنىڭ ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقى ئۆزەك بولۇپ، ھازىر 5G يانفون قاتتىق دېتال قاتلىمىدا ئاللىبۇرۇن تەييار بولۇپ قالدى.  
بىراق 5G يانفون سېتىۋېلىش سېتىۋالماسلىق توغرىسىدا، ئابونىتلار ھۆكۈمىدە ئىختىلاپ كۆرۈلدى، ئەڭ چوڭ ئىختىلاپ دەل تور ئۇل ئەسلىھەلىرى توغرىسىدىكى ھۆكۈم. بىر قىسم كىشىلەرنىڭ قارىشىچە  5G تور قۇرلۇشى تېخى مۇكەممەل ئەمەس ، ھازىر 5G يانفونىنى سېتىۋېلىشقا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ دەپ قارىدى.  iPhone 11 نىڭ 5G نۇسخىسى يوق، ئالما CEO كۇك تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسىغا بەرگەن چۈشەنچىسى شۇ بولدىكى : « نۆۋەتتە 5G يەنىلا ئازراق بالدۇر بولۇپ قالدى، بىز بازارنى تەتقىق قىلىپ شۇنى بايقىدۇقكى، پۈتكۈل بازاردا مەيلى ئاساسى قۇرۇلما ياكى ئۆزەك بولسۇن تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلمىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا شەرت شارائىت تېخى يېتەرلىك ئەمەس. »  
2013-يىلى 12-ئايدا 4G جۇڭگودا تېخى ئاران تارقىتىلغان، ئەمما ئالما 2012-يىلى ئېلان قىلغان iPhone 5  بولسا 4G نى قوللايتتى (دۆلەت ئىچى نەشىرى ۋاقتىنچە قوللىمىغان ) ، 2013-يىلى iPhone 5s دۆلەت ئىچى نەشىرى 4G نى قوللاشقا باشلىدى.  ئەينى ۋاقىتتا 4G تورى تەييار بولغانمۇ ، 4Gكەسپى پىشىپ يېتىلگەنمۇ؟ جاۋابى نوۋ ( ياق ).  
يەنە بىر قىسم كىشىلەر 5G تورىنىڭ ئومۇملىشىشى بىزنىڭ مۆلچەرىمىزدىكىدىنمۇ تېز بولدى دەپ قارىدى.  ھازىر قولىمىزدىكى 4G يانفوننى 5G يانفونغا ئالماشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن ئەسلىدىنلا يانفون ئالماشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولساق ئۇنداقتا 5G نى چوقۇم ئويلىشىشىمىزغا تامامەن بولىدۇ.  جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى مەملىكەت بويىچە 52 نۇقتىلىق شەھەردە 20 مىڭدىن ئارتۇق 5G ئاساسىي پونكىتى قۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلار 5G  تورىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 300نەچچە شەھەردە 5G تور قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلدى، مۆلچەرلىنىشىچە 2019-يىلى 50تىن ئارتۇق شەھەردە 5G  سودا مۇلازىمىتى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.  2020-يىلىغا بارغاندا، تور قاپلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەردە 5G سودا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، كېلەر يىلى 5G نى يادرولۇق شەھەرلەردە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.


ئابونتلار توپى ئەسلىدىنلا ئوخشىمايدۇ،  ياخۇ تورىنىڭ سابىق باش لىدىرى جېف بونفورد ئىستېمالچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ھېسسىيات ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تېخنىكا يېڭىلىق ياراتقۇچىلىرى، غەيرىي ئەقلىي ئىستېمالچىلار، ئەقلىي ئىستېمالچىلار، ئادەتتىن تاشقىرى ئەقلىي ئىستېمالچىلار ۋە كۆزەتكۈچىلەر دەپ ئايرىغان . بۇنىڭدىنلا  نېمە ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ 5G غا بولغان پوزىتسىيىسىدە شۇنچە چوڭ پەرق بولىدىغانلىقىنى كۆرىۋالماق تەس ئەمەس.
1، تېخنىكا يېڭىلىق ياراتقۇچىلار: مەھسۇلات سېتىۋېلىشى پەقەت مەھسۇلاتتا قوللىنىلىغانلىقى ئۈچۈن،  ئۇلار تېخنىكىغا نىسبەتەن مەستانە كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ.
2. غەيرىي ئەقلىي ئىستېمالچىلار (يەنى يېڭى مەھسۇلاتلارنى سىناپ باققۇچىلار) : غەيرىي ئەقلىي ئىستېمالچىلار ھېسسىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ئىستىمالى مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئېھتىياجلىق بولغان زېھنىي كۈچ ۋە تەننەرختىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ.
3. ئەقلىي ئىستېمالچىلار (يەنى دەسلەپكى ئىستېمال توپى) : پەقەت ئۆزىگە نىسبەتەن ئەمەلىي ۋە پىشقان ، باھاسى مۇۋاپىق بولغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالىدۇ.  
4. ئادەتتىن تاشقىرى ئاقىلانە ئىستېمالچىلار : ھېسسىيات ئېھتىياجى ئىنتايىن ئاجىز بولىدۇ، مەھسۇلاتتا ئازراقلا مۇۋاپىق بولمىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۇلار ھەرگىز پۇل خەجلىمەيدۇ.
5. كۆزەتكۈچىلەر (يەنى ئەگەشكۈچى ئىستىمالچى) : تەخمىنەن ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ% 15 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئوخشاشلا ئېھتىياجى بار، لېكىن پەقەت ھەممە ئېتىراپ قىلغان ياخشى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالىدۇ.  

5G يانفوننى زادى ساتقىلى بولامدۇ؟  نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ياكى ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ پەرەز ھۆكۈمىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مېنىڭچە كەسپىي ئورگانلارنىڭ سانلىق مەلۇماتى تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە.  Strategy Analytics نىڭ دوكلاتىدا 2019-يىلى دۇنيا بويىچە 5G ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ مال چىقىرىش مىقدارى 5مىليون قېتىمغا يېتىدىغانلىقى، 2025-يىلىغا بارغاندا دۇنيا بويىچە 5G ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ مال چىقىرىش مىقدارىنىڭ ھەر يىلى بىر مىلياردقا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.  كورېيەدە 4-ئايدىن باشلاپ سودىدا 5G ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، 8-ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە، كورېيەدىكى ئۈچ تىجارەت شىركىتىنىڭ 5G ئابونتى 2 مىليون 10 مىڭغا يەتتى، كورىيە نوپۇسى 51 مىليون 640 مىڭ ، يەنى 5G نىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى 4% كە يېقىنلاشتى، سىڭىپ كىرىش سۈرئىتى 4G نىڭكىدىن تېز بولدى.  

مەسىلىنىڭ مۇھىم ھالقىسى 5G يانفۇن سېتىۋالماقچى بولساق، نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟ ئەڭ مۇھىم نوقتا شۇكى، G5 يانفۇن سېتىۋالساق زادى نىمىگە ئەڭ دىققەت قىلىشىمىزدۇر . مېنىڭچە قوش كارتىلىق ھەممە تورنى قوللايدىغان يانفۇننى ئالدىنقى تاللاش قىلىش كېرەك. 5G  تېلېفون ئالمىساق تېخى، بىر مەزگىل چىداپ تۇرۇپ ئالساق، ئەمما سېتىۋالغىنىمىز پۈتۈن تورنى قوللايدىغان 5G  يانفۇن بولمىسا ئاۋارىچىلىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ نېمە دېگىنىڭىز دىيىشىڭىز مۇمكىن، 5G  يېڭى شەيئى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىستېمالچىلار ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن قىلتاق بارلىقىنى بىلمەيدۇ.  بۈگۈن رۇڭياۋنىڭ باش لىدىرى جاۋ مىڭنىڭ مىكروبىلوگىدا تىنچ ئوكيان كومپيۇتېر تورىدىن ھەمبەھرىلىگەن 5G پەننى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ماقالىدا كۆرۈشۈمچە: « يانفون زاۋۇتىنىڭ ئىستېمالچىلارغا ئېيتىپ بېرىش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى باركى، ئۇلار يېقىندا سېتىۋالغان 5G يانفونىنىڭ ھازىر ۋە كەلگۈسىدە، يەرلىك ۋە دۆلەت ئىچىدىكى كەزمە مۇلازىمىتىنىڭ ھەممىسىدە 5G نى ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟  قىسمەن ئورۇندىلا ئىشلەمدۇ ياكى پۈتۈن مەملىكەتتە تولۇق ئىشلەمدۇ؟يانفۇن كارخانىلىرى بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا بولمايدۇ، قەستەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ، ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىنى ئابونتلارغا تولۇق بېرىشى كېرەك، نۇرغۇن كىشىلەر نەچچە مىڭ يۈەنگە 5G يانفون سېتىۋالغان تۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت 4G لىق مۇلازىمەتنىلا ئىشلىتەلەيدۇ، بۇ ئىستېمالچىلارنى ئالدىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ  ».  
5G نېمە ئۈچۈن پۈتۈن دائىرلىك ۋە  قىسمەن دائىرىلىك بولىدۇ، دېگەن گەپ چىقىدۇ؟  چۈنكى 5G تورى 4G غا ئوخشىمايدۇ، 5G تورى 4G نىڭ ئاستىغا ماسلىشىدۇ، ھازىر قىسمەن NSA نىڭ مۇستەقىل بولمىغان تورىنى بىرلەشتۈرۈپ، قوش تۇتاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 5G NR كونترول قىلىش يۈزىنى 4G LTE قىلىپ بېكىتتى . 4G تورىنىڭ EPC (گۇرۇپپا يادرولۇق تورى) دىن پايدىلىنىپ، ئەمەلىيەتتىكى 5G نى 4G نىڭ مەنبەسىدىن كۆچۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ؛ SA بولسا مۇستەقىل تور بولۇپ، ھەممە قىسمى قايتىدىن قۇرۇلغان، ئىككى خىل ئەندىزىنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بار، لېكىن ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش كارخانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ: NSA پەقەت 5G نىڭ سودا ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك لايىھەسى بولۇپ، SA مۇستەقىل گۇرۇپپا تورى بولسا ئەڭ ئاخىرقى يۆنىلىش.  
جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ جيې 2019- يىلى GIT خەلقئارا كەسىپىي باشلىقلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېلەر يىلى 1- ئايدىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدە يېڭىدىن NSA يانفونى تورغا كىرمەيدۇ، SA بولسا ئېلىمىزنىڭ 5G نىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى بولۇپ قالىدۇ، جۇڭگو تېز سۈرئەتتە SA غا ئۆتىدۇ، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمىتى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق  5G ئابونتلىرىغا ئېنىق قىلىپ : NSA/SA ئارىلاشما گۇرۇپپا تورى ئاستىدا، پەقەت NSAنىڭ تاق مودېللىق يانفونى پەقەت SA تورى بار جايدا 5G تورىنى تۇتاشتۇرغىلى بولمايدۇ دەپ ئەسكەرتكەن .  
03.jpg
ھالبۇكى، نۇرغۇن ئىستېمالچىلار NSA/SA دەك تېخنىكىلىق ئاتالغۇنىڭ پەرقىنى ئېنىق ئايرىيالمايدۇ.  4G دەۋرىدىكى ھەممە تور ،  بۇ ئۈچ تىجارەت سودىگىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى تورىنى كۆرسىتىدۇ.  5G دا بۇ مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس،  ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئۆلچىمى ئوخشاش،  پەقەت چاستوتا بۆلىكى ئوخشىمايدۇ . ئەمما تور تېخىمۇ بەك مۇرەككەپلىشىپ كەتتى 2G تور تولۇق چېكىنمىدى،  3G ، 4G نىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەملىرى بىلەن ماس كېلىشى كېرەك ،  5G تورى يەنە 5G نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلغان مۇستەقىل تور لايىھىسى NSA ۋە مۇستەقىل تور گۇرۇپپىسى  SA غا ئىگە بولدى.  گەرچە ئېلىمىزدىكى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى SA نىڭ 5G نىڭ يادرولۇق نىشانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ،  لېكىن NSA ئۆتكۈنچى مەزگىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ،  بۇ ۋاقىت زادى قانچىلىك؟  ھازىر ھېچكىم جاۋاب بېرەلمەيدۇ.
04.jpg
شۇڭا،  ئىستېمالچىلار ئەگەر  5G يانفۇنى سېتىۋالسا،  چوقۇم يانفۇن تورىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش لازىم . ئەگەر يانفۇن SAنى قوللىمىسا، ئۇ ھالدا ھەقىقى ھەممە تورنى تولۇق قوللايدىغان 5G يانفۇن ئەمەس، ھەم 5G بار شەھەر ۋە رايونلاردا 5G تورىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ئوسال ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ،  بۇمۇ خۇاۋېي بوبرا كېيىك 990 5G ئۆزىكى ئېلان قىلىنغاندا ئۆزىنىڭ پۈتۈن چاستوتا، قوش مودېل، پۈتۈن تور 5G ئۆزىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى.  بوبرا كېيىك 990 5G دىكى خۇاۋېي Mate 30 يۈرۈشلۈكى ۋە رۇڭياۋ V30 نى ئاساس قىلغان يانفۇنلاردا دۆلەت ئىچىدە ھەر قانداق جايدا 5G تورىنى تۇتاشتۇرغىلى بولىدۇ، توردىكى رىقابەت كۈچى ناھايىتى روشەن.  ئەلۋەتتە، ئەگەر سىز بۇنداق ئاۋارىچىلىقنى ئېغىر كۆرمىسىڭىز، ئاۋۋال بىر دانە ھەقىقىي ئۈچ تورلۇق 5G يانفون سېتىۋېلىپ سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.  خۇددى مەن ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ئىدىيەگە ئوخشاش: ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋىلىشتا ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى ئېنىق بىلىش، ئاساسلىق ۋە مۇھىم ئەمەسلىرىنى ئايرىش، يادرولۇق ئېھتىياجىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.  يانفون سودىگەرلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، NSA تورىنى قوللايدىغان 5G يانفون ئىشلەپچىقىرىشىدا ھېچقانداق مەسىلە يوق، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى بېرىشى بۇنداق مەھسۇلاتنىڭ يەنىلا بەلگىلىك قىممىتى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، يەنە كېلىپ چوقۇم بىر قىسىم خېرىدارلار قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ، لېكىن چوقۇم ئىستېمالچىلارغا ئېنىق ئېيتىپ ۋە ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك. ھازىرقى پەيىتتە 5G يانفون سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن ھەقىقىي تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقۇچىلار ۋە يېڭىلىقلارنى ئۆگەنگۈچىلەر، بۇلارنىڭ ھالقىلىق پىكىرلىرى ئەتراپىدىكى ئابونتلارغا ئىنتايىن روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ھەمدە ماركىنىڭ قىممىتىگە نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +30 ئاقچا +20 يىغىش سەۋەبى
alip + 30 + 20 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

مۇكەممەللىك ئاددىيلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان بولىدۇ

5ئادەم ئىنكاس يازدى

elbilge ۋاقتى: 2019-9-26 12:03:26
شىياۋمى 9 pro  بارلىق nsa/sa ھەممىنى قوللامدۇ

elbilge ۋاقتى: 2019-9-26 14:42:39
توردىن كۆرۈپ شۇنى بىلدىمكى 5g تېلېفون تۇتماقچى بولغانلار 小米9Pro يەنىمۇ ئويلىشىپ ئېلىڭلار،بازاردىكى خۇاۋېينىڭ 麒麟990 سىپىيۇلۇق،巴龙5000 ئۆزىكى ۋە سامسۇڭنىڭ 5100 exynoss ئۆزىكى سەپلەنگەن 5%تېلېفونلىرىدىن باشقا بارلىق 5g تېلېفونلار SA تورىنى قوللىمايدىكەن،بۇ گەپ پات ئارىدىلا يانفونىڭىز مۇستەقىل 5g تورغا چىقالمايدۇ دىگەن گەپ، چوقۇم SA تورىنى قوللايدىغان تېلېفون ئېلىڭلار،ياكى توختاپ تۇرۇڭلار
پايدىلىنىش:
NSA مۇستەقىل بولمىغان ياردەمچى مەۋھۇم 5g تورى
SA مۇستەقىل ھەقىقى 5g تورى
ئۈچ خەۋەرلىشىش شىركىتى دۆلىتىمىزدە 5gتورنى SA يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققى قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
manguluk ۋاقتى: 2019-9-26 15:46:52
بەش جى تىلفۇن بالدۇرلۇق كىلدۇ لىكىن تۆت جىمۇ ئىھتىياجىمىزدىن چىقىدۇ دىگەن بىلەن 20-30جىدىن ئاشسىلا تور ئاستىلايدۇ دەششەت ئاستا ئىلگىركى 3جى تور نوچىراقتى لىكىن تور ئاستىلۋاسا چچ ۋىيشىنلا ئويناپ ئۆتۈپ كەتسەك كىنو كۆسەك دىتال چۈشۈرسەك بىر مىنۇت چىقىپ بەش مىنۇت چۆگلىسە قانداقمۇ چىقا ئىھتىياجىمىزدىن لىكىن بۇنىڭمۇ ئامالى باكەن باشقا تورغا چىقىش كارتىسى بىجىرسەكلا بولىدىكەن تىلفۇن قىلغىلى ئۇچۇر يوللىغىلى بوممايدىغان كارتىدىن بىرنى بىجىرسەكلا بولىدىكەن مەنمۇ ئەسلىدىكى كارتامنىڭ كەسپىنى بىكا قىلۋىتىپ شۇنداق كارتىدىن بىرنى ئىشىلتىۋاتىمەن بۇ تور سۈرئەتتە تۆت جى تور ئىھتىياجىمىزدىن چىقىدىكەن [微笑][微笑][微笑]
nurahmat ۋاقتى: 2019-9-27 08:51:21
manguluk يوللىغان ۋاقتى  2019-9-26 15:46
بەش جى تىلفۇن بالدۇرلۇق كىلدۇ لىكىن تۆت جىمۇ ئىھتىياجى ...

مەنمۇ شۇنداق قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن، ھازىرقى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بولسا تېلېگرافنىڭ تور چەكسىز،  ئۈچ كارتىدا 3000مىنۇت سۆزلەشكىلى بولىدىغان كارتا ئىدى، سۆزلىشىش ۋاقتىم ھەر ئايدا ئېشىپ قالىدۇ، بىكار پۇل ئىسراپ قىلغۇچە تورنى توختىتىۋېتىپ باشقا بىر تور كارتىسىلا بىجىرىپ ئىشلەتسەم بۇلامىكى دەپ ئويلاپ قالدىم
نەپرەت007 ۋاقتى: 2019-9-27 12:09:23
دىمىسىمۇ شۇنداق بالدۇرلۇق كىلىدۇ  ئۇنىڭ ئۈستىگە  تىلفۇنلىرى قىممەت  جىق ئادەم سىتۋالماس 5 ج يانفۇننى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部