+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-9-25 11:09 1250 قېتىم كۆرۈلدى 4 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
9-ئاينىڭ 24-كۈنى شىياۋمى شىركىتى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ئايلانما ئېكرانلىق MIX ئەلفا ئۇقۇم يانفونى،  xiaomi9 Pro 5G يانفونى، 4K ئېنىقلىقتىكى شىياۋمى پۈتۈن ئېكرانلىق تېلۋىزورى ۋە MIUI 11 قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلدى.

MIX Alpha
شىياۋمى ئايلانما ئېكرانلىق MIX Alpha ئۇقۇم يانفونىنىڭ كەينىدىكى كامېرا بار يەردىن باشقا كەينى، ئىككى يان تەرىپىنىڭ ھەممىسى ئېكران. ئېكران نىسبىتى %180.6

20190924_171257_899.jpg

20190924_171406_474.jpg

MIX ئەلفا پۈتۈن تور 5G قوش كارتا قوللايدۇ. 108 مىليون پىكسېللىق F/1.69 كامېراسى بار. 12032×9024 ئېنىقلىقتا رەسىم تارتالايدۇ. رەسىمنىڭ سىغىمى 40MB قا بارىدۇ.

20190924_164231_572.jpg

20190924_171329_547.jpg

20190924_171352_402.jpg

كۇۋالكوم ‏ ‏Plus ‏855 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. ئىچكى ساقلىغۇچى 12Gb , ساقلاش سىغىمى 512Gb ، باتارىيەسى 4050mAh
باھاسى 19999 يۈەن. 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا بازارغا سېلىنىش پىلانلاندى.
20 مىڭ يۈەنلىك MIX ئەلفا ئادەتتىكى ئىستىمال سەۋىيىسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن، شۇڭا ئاز مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىشى مۇمكىن.


XiaoMi9 Pro 5G
شىياۋمى9 Pro 5G نىڭ چوڭلۇقى شىياۋمى 9 بىلەن ئوخشاش. 6.39 دىيۇملۇق AMOLED ئېكران. ئېكران نىسبىتى %90.7

5d89eb158e9f0970a86d7a04_1024.jpg

كۇۋالكوم +855 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. VC سۇيۇقلۇق سوۋۇتۇش قۇرۇلمىسى بار.

5d89eb158e9f0970a86d7a05_1024.jpg

بۇ يانفوننىڭ ھەممە تىپى 5G قوللايدۇ. قوش كارتا ئۈچ خىل (sub-6GHz n41/n78/n79) چاستوتىدىكى  5G تورىنى قوللايدۇ. تەجرىبىخانىدىكى 5G سۈرئىتى 2.02Gbps

5d89eb158e9f0970a86d7a07_1024.jpg

باتارىيەسى 4000mAh ، سىملىق 40W لىق تېز زەرەتلەشنى، سىمسىز 30W لىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. 10w لىق تەتۈر يۈنىلىشتە زەرەتلەشنى قوللايدۇ. تولۇق ئىقتىدارلىق NFC قوللايدۇ.

5d89eb158e9f0970a86d7a09_1024.jpg

كەينىگە 48 مىليون پىكسېل + 16 مىليون پىكسېل + 12 مىليون پىكسېللىق ئۈچ كامېرا ئورنىتىلغان. ئالدى كامېراسى 20 مىليون پىكسېل.

باھاسى:
8+128GB سىغىملىقى 3699 يۈەن
8+256GB سىغىملىقى 3799 يۈەن
12+256GB سىغىملىقى 4099 يۈەن
12+512GB سىغىملىقى 4299 يۈەن

微信截图_20190924225623.jpg

ئۇنىڭدىن باشقا MIUI11 نى ئېلان قىلدى، ھەم بۈگۈندىن باشلاپ MIUI ئۇسلۇبىنىڭ ھەممسىنى ھەقسىز قىلىۋەتتى.

4ئادەم ئىنكاس يازدى

route ۋاقتى: 2019-9-25 17:26:10
مەكىس ئەلفا قاتلانما ئېكرانمۇ ياكى ئاشۇنداق قوش ئېكرانمۇ؟
elbilge ۋاقتى: 2019-9-26 02:09:59
360گىرادۇسلۇق ئەگمە ئېكران ، قاتلىما ئېكران ئەمەس
elbilge ۋاقتى: 2019-9-26 09:04:38

مىكرو بىلوگدا ئاشكارىلىنىشىچە ھەقىقى mix4 پات ئارىدا بازارغا سېلىنىدۇ دەپتۇ
真正的mix4 comung soon.....
♡OTYURAK♡ ۋاقتى: 2019-9-26 14:25:40
ئېكران ئاستى مەۋھۇم كامىرا چىقىشىنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلاتتىم.
بەلكىم كىيىنكى mix4 شۇنداق بۇلىشى مۇمكىن. بەلكىم تورداشلا ھىس قىلمىغان بۇلىشى مۇمكىن، خوڭمى k20 يانفۇنىنىڭ قۇلاق سىنزورى، ئېكران ئاستىغا، ئېكراندىن تۈشۈك ئچىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنى پەقەت يانفوننى چۇۋىغاندىلا ئاندىن بىلەلەيمىز. بەلكىم پەرىزىمچە بولغاندا ، مەۋھۇم كامىرا مۇشۇ بۇيىنچە ئورۇنلاشتۇرىلىشى مۇمكىن.
142540tz6bwv7ss6wbrkg4.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部