+تېما يوللاش
شەرەر يوللانغان ۋاقتى:2019-9-24 18:49 1050 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەرەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2019-9-24 16:56  

سالون باشقۇرۇپ باققان بولسىڭىز، بەلكىم سالوندىكى تىزىملىك بىلەن ھەپىلىشىپ باققان بولىشىڭىز مۇمكىن. سالون تىزىملىكى سالوننى تېخىمۇ رەڭدار ۋە قۇلايلىقلاشتۇرىدىغان بولۇپ، سىز بۇ تىزىملىك ئارقىلىق سالوندىكى يازمىلارنى تۈرلەر بويىچە ئورۇنلاشتۇرسىڭىزمۇ ياكى سالونىڭىزنىڭ مەلۇم ئىقتىدارىنى ئالاھىدە نامايەن قىلسىڭىزمۇ ۋە ياكى ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئۈندىدار ئەپچىسى ياكى تور بەتلەرنى ئۇلانما قىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
sherer_cc.jpg

ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان تىزىملىك ئىشلەتكۈچىلەرگىمۇ بىرخىل ھوزۇر تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر شۇ تىزىملىكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىقتىدارلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنىمۇ ئاسانلا قاندۇرالايدۇ.
alptori.jpg

بەلكىم دىققەت قىلغان بولىشىڭىز مۇمكىن، تىڭشۈن ئاممىۋى سۇپىسىدا(微信公众平台) تىزىملىك باشقۇرغاندا ھەرپ سانىغا ۋە يىزىلىدىغان مەزمۇنغا چەك بولۇپ، باش تىزىملىككە ئىنگىلىزچە 8 ھەرپ، خەنزۇچە 4 خەت، تارماق تىزىملىككە ئىنگىلىزچە 16 ھەرپ، خەنزۇچە 8 خەت يېزىشقا بولىدۇ.
menu.jpg

submenu.jpg

گەرچە خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە ھەرپ ياكى خەت سانى ئىھتىياجدىن چىقسىمۇ لىكىن ئۇيغۇرچىغا ئوخشاش يىزىقلارغا نىسبەتەن بۇ بەك ئازلىق قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن كۆپىنچە سالونلار تىزىملىك نامىنى ھەرخىل چىراي ئىپادە، بەلگە ۋە لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن يازىدۇ.
گەرچە تىڭشۈن تەرەپ دەلىللەنگەن(微信认证) سالونلار ئۈچۈن قايتا ئېچىش(二次开发) ھوقۇقىنى بەرگەن بولسىمۇ، لىكىن كۆپىنچە كىشىلەر كەسپى پىروگىرامما بىلىملىرىدىن خەۋەرسىز بولغاچقا يەنىلا بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتەلمىگەن بولدى. كىيىن ۋىيچىڭغا(微擎) ئوخشاش ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىللىرىدا ئالاقىدار قىستۇرما ۋە قوللىنىشچان پىروگىراممىلار ھەقلىق چىققان بولدى. بىر قىسىم سالونلار مۇلازىمىتېر ۋە تورنامى سىتىۋىلىپ ئىشلەتكەنمۇ ھەم بولدى. لىكىن يەنە بىر قىسىم سالونلار ئۈچۈن پەقەت تىزىملىك ئۈچۈن مۇلازىمىتېر ۋە تور نامى سېتىۋىلىش يەنىلا ئاۋارىچىلىق ئىدى. شەخسەن ئۆزۈم پىروگىراممىدىن خەۋرىم بولغان بىلەن، ھەرقىتىم مۇشۇنداق ئىھتىياج بولسا تىڭشۈننىڭ ئالاقىدار قوللانما تورىنى ئاختۇرۇپ، ئۇنتۇپ قالغاننى قايتا كۆرۈپ قىلىش يەنىلا ئاۋارىچىلىق ئىدى.
شۇ ۋەجىدىن مۇشۇنداق بىر ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرىدىغان بىرەر سۇپا بولسا دېگەن ئۈمۈد بىلەن شىركەتتىكىلەر بىر ھەپتە تىرىشىش ئارقىلىق، دەسلەپكى قەدەمدە مۇشۇنداق ىىر سۇپىنىڭ دەسلەپكى نۇسخۇسىنى پۈتتۈرۈپ چىقارغان بولدۇق.
helper.jpg

بۇ سۇپىنىڭ نۆۋەتتىكى بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى دەلىللەنگەن(微信认证) سالونلارنىڭ تىزىملىكىنى ئىختىيارى بەلگىلەش.
helper_menu.jpg

دىققەت: تىڭشۈن تەرەپ شەخسى نامدىكى ۋە دەلىللەنمىگەن سالونلارغا قايتا ئېچىش ھوقۇقىنى تولۇق بەرمىگەنلىكتىن بۇ سالونلارنىڭ تىزىملىكىنى بەلگىلەشكە بولمايدۇ.

ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغانلار: دەلىللەنگەن(微信认证) سالونى بار ھەرقانداق كىشى(مەيلى سىز باشقا ئۈچىنچى تەرەپكە ئۇلاپ باشقۇرىۋاتقان بولسىڭىزمۇ سىز ئۇلاپ ئىشلىتىۋاتقان بەتلەرگە تەسىر قىلمايدۇ. پەقەت سىز ئالاقىدار AppSecretنى ئۆزگەرتمەي جايىدا ئىشلەتسىڭىزلا).
نۆۋەتتىكى ئىقتىدارلىرى: خېلى ئۇزۇن سۆز-بەلگىلەرنى ئۇلانما، بۇيرۇق ۋە ئەپچە شەكلىدە سالون تىزىملىكى قىلىپ بەلگىلىگىلى بولىدۇ.
sherer-cc.jpg

نۆۋەتتىكى يىتەرسىزلىكى: پەقەت دەلىلەنگەن سالونلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ھازىرچە پەقەت ئۇلانما، بۇيرۇق ۋە ئەپچە خاسلىقىنى قوللايدۇ.
سۇپىنىڭ خارەكتىرى: ھەقسىز، ھەقسىز يەنىلا ھەقسىز! (ئەلۋەتتە قوللاپ ھەدىيە بەرسەڭلار ياق دېمەيمىز)
سۇپا باش بېتى: شەرەر سالون ياردەمچىسى https://wechat.ixinchuang.com/Menu
يانفۇندا زىيارەت قىلىدىغانلار ئۈچۈن چىپار كودى:
qrcode.png

سۇپا ياردەم بېتى: ئورگان ياردەم بېتى https://wechat.ixinchuang.com/Menu/help.html

سۇپا ئىشلىتىش داۋامىدا يولۇققان ھەرقانداق مەسىلە ۋە تەكلىپ پىكىرلەر بولسا ئاستىدىكى چىپار كودنى سايىلەپ مۇلازىمەتچى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
xarar09.jpg

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部