+تېما يوللاش
sewr0998 يوللانغان ۋاقتى:2019-9-24 11:13 1289 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
iPhone 11 Pro Max ئېكرانى DisplayMate نىڭ ئەڭ يۇقىرى A+ دەرىجە باھاسىغا ئېرىشتى

01.jpg


MacRumors خەۋىرى، iPhone 11 Pro Max ئېكران ئۆلچەش ۋە توغرىلاش شىركىتى DisplayMate بەرگەن «تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى A + دەرىجە باھاسى» بولۇپ، ئۇ «رىقابەتچىسىگە قارىغاندا ئىپادىسى تېخىمۇ ياخشى بولغان تېلېفون ئېكرانى» بىلەن تەمىنلىگەن.

  Display Mateنىڭ قارىشىچە iPhone 11 Pro Max بىلەن ئالدىنقى ئەۋلاد بايراقدار تېللېفونغا سېلىشتۇرغاندا، ئېكراننىڭ يورۇقلۇق، رەڭگىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ۋە ئېنېرگىيە ئۈنۈمى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.  


Galaxy Fold ئامېرىكىدىكى سېتىش ۋاقتىنى ئېلان قىلدى

02.jpg

  9to5google خەۋىرى، سامسۇڭنىڭ Galaxy Fold تېلېفونى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئامېرىكا بازىرىغا چىقىدىكەن. بۇرۇنقى چاغقا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى سېتىش يولى ئازلىغان، پەقەت ATT&Tنىڭ تورىدا ۋە دۇكىنىدا ھەمدە Best Buyنىڭ تورى ۋە دۇككانلىرىدا سېتىپ، T-Mobile ۋە سامسۇڭنىڭ ئۆزىنىڭ تور دۇككىنىدا سېتىش يولىنى ئازايتقان.

  باھا جەھەتتە، Galaxy Fold ئالدىقى قېتىمقى باھاسىدىن جىق پەرىقلەنمەيدىغان بولۇپ، باھاسى 1980 دوللار.



ئامازون ھەرىكەت تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە سىمسىز تىڭشىغۇچ تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن

03.jpg


  CNBCنىڭ ئىگىلىشىچە، ئامازون Alexa قاچىلانغان (ئامازوننىڭ ئاۋازلىق ياردەمچىسى) سىمسىز تىڭشىغۇچ تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ تىڭشىغۇچ يەنە ئادەمنىڭ ھەرىكەت سانلىق مەلۇماتىنى تەكشۈرەلەيدۇ. بۇ Puget ئىسىملىك تىڭشىغۇچنىڭ ئىچىگە يەنە تېزلىنىش ئۆلچىگۈچ سەپلەنگەن بولۇپ، يۈگۈرگەن ئارىلىقنى، خوراتقان كالورىيەنى ھەمدە يۈگۈرگەندىكى سۈرئەتنى ئۆلچىيەلەيدۇ. Pugetنىڭ باھاسى مۆلچەر بويىچە 100 دوللاردىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ ھەم ئامازوننىڭ تۇنجى قېتىم ساغلاملىق ساھەسىگە يۈرۈش قىلغاندىكى مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ.

  مەزكۇر مەھسۇلاتنىڭ قاچان بازارغا چىقىشى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، لېكىن ئامازوننىڭ مۆلچەرىچە چارشەنبە كۈنىدىكى قاتتىق دېتال چوڭ يىغىنىدا بىر قانچە يېڭى مەھسۇلاتنى ئېلان كۆرگەزمە قىلىدۇ.


توك كەتمەيدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچ

04.jpg


«توقۇلما ھاۋا تەڭشىگۈچ» فازىلىق ئۆزگىرىدىغان ماتېرىيال (Phase changing material, PCM) ئارقىلىق توك ئىشلەتمىگەن ئاساستا ئۆي ئىچى تېمپىراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. تۇرۇبا ئىچىدىكى PCM بوشلۇق تېمپېراتۇرىسى 25 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغان ئەھۋالدا تەدرىجىي ئېرىيدۇ ھەمدە ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىدۇ (ھاۋا تەڭشىگۈچتىكى كۆك رەڭلىك چېكىت ھەر ۋاقىت يوقىلىدۇ) ، تېمپېراتۇرا كۈن ئولتۇرۇشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ، بۇ ماددىلار تەدرىجىي قاتتىق ھالىتىگە قايتىدۇ(كۆك رەڭلىك چېكىت  پەيدا بولىدۇ)، كېلەر قېتىم ئىشلىتىش ئۈچۈن.

10.jpg


  بۇ Maxime Louis-Courcier نىڭ ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈش ئەسىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى خۇددى كىچىك قارا ساندۇققا ئوخشاش، ئاز ساندىكى ئىستېمالچىلار بۇنىڭ ئچىدىكى ھەرىكەت پىرىنسىپىنى بىلىدۇ، لېكىن بۇ خىل «توقۇلما ھاۋا تەڭشىگۈچ» بولسا ئۆزىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىنى نامايان قىلىدۇ.  


بۇگادى Type 35 BabyII بالىلار ئاپتوموبىلى چىقاردى

06.jpg


بۇگادى ئورگان تەرەپ Type 35 babyII توكلۇق بالىلار ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلدى، باھاسى 30 مىڭ ياۋرو (تەخمىنەن 235 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى). بۇ بالىلار ئاپتوموبىلى ئىككى خىل ھەيدەش ئەندىزىسىنى قوللايدۇ، 1kWلىق بالىلار ھالىتى يۇقىرى سۈرئىتى 20km/h، چوڭلار ھالىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 45km/h گە يېتىدۇ.

07.jpg


بۇ بالىلار ئاپتوموبىلى بۇگادىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مۇسابىقە ئاپتوموبىلى Type 35نى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇگادىنىڭ 110 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن، سانى ئاران 500، ھەر بىر ئاپتوموبىلدىن پەقەت سىمۋوللۇق ھالدا بىر ياۋرو پايدا ئالغان.  


ئۈندىدار چىقىمدانى شيامېن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ «بوشلۇقتا چىقىم قىلىش»نى چىقاردى

11.png


ھەرىكەت نۇقتىسى پەن-تېخنىكىسى خەۋىرى، ئۈندىدار چىقىمدانى ۋە شيامېن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ھەمكارلىشىپ «ھاۋا بوشلۇقىدا چىقىم قىلىش» نى يولغا قويدى، يولۇچىلار سەپەر جەريانىدا ھەرۋاقىت پۇل خەجلىسە بولىدۇ. «ھاۋادا چىقىم قىلىش» نى قوللايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا، يولۇچىلار تاۋارلارنى تاللاپ سېتىۋالسا ھەمدە ئۈندىداردا كود سىكاننېرلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق پۇل تۆلىسە بولىدۇ.

نۆۋەتتە، شيامېن ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بوئىن 787-9 تىپلىق ئالتە ئايروپىلانى« ھاۋادا چىقىم قىلىش» نى قوللاپ، كېيىن يەنە بارلىق 787 تىپلىق ئايروپىلاننى ئومۇملاشتۇرىدۇ.  


تېڭشۈننىڭ توخۇ يېيىش ئويۇنىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى

08.jpg


تۈنۈگۈن، كۆچمە ئەمەلىي سانلىق مەلۇمات ئانالىز سۇپىسى Sensor Tower ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تېڭشۈن تاكتىكا ماھارەت كۆرسىتىش ئويۇنى « PUBG Mobile» ۋە جۇڭگو نۇسخىسىدىكى «和平精英» ئويۇنى پۈتۈن يەرشارىدىكى App Store ۋە Google Playدىكى ئومۇمىي كىرىمى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 7 مىلىيارد 126 مىليون خەلق پۇلىغا تەڭ) دىن ئاشتى. ئىگىلىنىشىچە، ئۇنىڭ 8-ئايدىكى ئومۇمىي كىرىمى 160 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، 2018-يىلى 8-ئايدىكى 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن% 54 ئاشقان.  


مەنبە : LearnFans سالونى
09.jpg


1ئادەم ئىنكاس يازدى

nurahmat ۋاقتى: 2019-9-27 17:26:06
ئاۋۇ ماشىنا مەن ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقان ماشىنىدىنمۇ خېلىلا قىممەت ئىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部