+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-9-24 11:26 1746 قېتىم كۆرۈلدى 7 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2019-9-24 11:07  

تېڭشۈن مىللىيچە خەنزۇچە تەرجىمانى (腾讯民汉翻译) تېڭشۈن ئىگە تەرەپتىن چىقارغان ئۇيغۇرچە، زاڭزۇچە، مۇڭغۇلچە، قازاقچە بىلەن خەنزۇچە ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا تېكىست، ئاۋاز تەرجىمە قىلالايدىغان ئۈندىدار ئەپچىقى. تەرجىمە سۈپىتى ياخشى. رەسىمگە تارتقان خەتنى تونۇپ تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان.
ئەڭ مۇھىمى بۇ ئەپچاقنى ياسىغان خۇاڭشېن دوكتۇر مەخسۇس توپ قۇرۇپ تەرجىمان ھەققىدە پىكىر-تەكلىپ توپلاپ تەرجىمە سىستېمىسنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلاۋاتىدۇ. لۇغەت تەركىبىدە يوق يېڭى پەيدا بولغان بەزى ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىش ھەققىدە مەسلىھەت سوراپ تەكلىپىمىزنى قۇبۇل قىلىۋاتىدۇ.
ئالدىنقى قېتىم بۇ ئەپچاق ھەققىدىكى يازمىغا تورداشلار خەتنىڭ پىنىيىنى كۆرسىتىدىغان قىلىپ بەرگەن بولسا دەپ تەكلىپ بەرگەن؛ بۇ تەكلىپكە خۇاڭشېن دوكتۇرنىڭ ئەتىرىتىدىكىلەر ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىپ پىنيىن كۆرۈندىغان ئىقتىدارنى قوشتى.
ئەپچاقنى قوزغىتىپ يېڭىلاش ئەسكەرتىمىسى چىققاندا يېڭىلاپ بولغاندىن كېيىن ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى تىزىملىككە 设置 دەپ بىر تۈر قوشۇلىدۇ، شۇ يەرنى چېكىپ پىنيىن كۆرسىتىشنى تاللىغىلى بولىدۇ.

微信截图_20190924103831.jpg

微信截图_20190924103901.jpg

微信图片_20190924103748.png

ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلار قوشۇلدى:
ئاۋازلىق ئوقۇش: كىرگۈزگەن ياكى تەرجىمە قىلغان خەتنىڭ يېنىدىكى ياڭراتقۇ بەلگسىنى چەكسە خەتنى ئاۋازلىق ئوقۇپ بېرىدۇ.
خەت تەھرىرلەش: خەتنى بىر سېكۇنت بېسىپ تۇرسا تەھرىرلەش، ئۆچۈرۈش كۇنۇپكىسى چىقىدۇ.
ئاۋازلىق ئوقۇش سۈرئىتىنى تەڭشەش: تىزىملىكتىكى تەڭشەشكە كىرىپ 语速调节 نى چېكىپ، ئاۋازلىق ئوقۇش سۈرئىتىنى تېز، نورمال، ئاستا قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدۇ.
پىكىر-تەكلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش: تىزىملىككە 问卷调查 دەپ بىر تۈر قوشۇلغان. بۇنى چەكسە ھەر قايسى تىلدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. ئۇ يەردە ھەر خىل سۇئاللار بولۇپ، ۋاقتىڭىز بولسا سۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ يوللىۋەتسىڭىز بۇ تەرجىماننى تېخىمۇ ياخشىلاشقا پايدىسى بار.

微信截图_20190924103932.jpg

قازاقچە ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلدى.

تېڭشۈن مىللىيچە خەنزۇچە تەرجىماننىڭ ئىككىلىك كودى
微信截图_20190924104407.jpg

7ئادەم ئىنكاس يازدى

喵帕斯 ۋاقتى: 2019-9-24 11:40:32
ۋاھ  نىمداق ياخشى…
نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ھەل بوپتۇ،  سۆيۈندۈم،
subat786 ۋاقتى: 2019-9-24 11:41:02
بۇ تەرجىماننى ئۈندىدارنىڭ ئىچىـگىلا ئەكىرىۋەتسە بولىدىكەن ئەسلى.
kichikoghul ۋاقتى: 2019-9-24 16:14:21
بۇ تەرجىماننىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ھەرۋاقىت  ئىشلەيدىكەن. باشقا تەرجىمانلاردەك  پات-پات توختاپ قالمايدىكەن، تەرجىمە قىلغان جۈملىنىڭ توغىرلىق دەرجىسىمۇ باشقا ھەرقانداق تەرجىماننىڭكىدىن يوقۇرى ئىكەن.
Alper9 ۋاقتى: 2019-9-24 19:09:01
ئەپ نۇسقىسى  چىقىرىلسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
ئاتەش11 ۋاقتى: 2019-9-24 20:34:12
يانفۇن نۇسقىسى چىقىرىلسا بەك ياخشى بولاتتى
نەپرەت007 ۋاقتى: 2019-9-25 16:27:05
ۋاھ نىمدا ياخشى   رەھمەت جاپا چەكتىڭىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部