+تېما يوللاش
qarahan يوللانغان ۋاقتى:2019-9-23 11:35 2002 قېتىم كۆرۈلدى 7 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
‏    ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر جۈملىدىن كومپىيوتېر بىلەن يانفونغا ئۇيغۇرچە يېزىق تونۇتىلغاندىن بۇيان تورلاردا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل بىلىم، دەرىسلىك تېمىلار ئېلان قىلىندى، بۇلارنىڭ ئاساسلىقى كومپىيوتىر بىلەن Android سىستېمىسى توغىرسىدا يېزىلغان تېمىلار بولغاچقا بۈگۈن سۆزلەيدىغىنىمىز iPhone نىڭ مەشغۇلات سېستمىسى بولغان iOS توغىرسىدا، بۇلۇپمۇ مۇشۇ سىستېمىنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ تارىخى ھەققىدە قىسقىچە توختالغاچ iOS13 كە يېڭى قۇشۇلغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى تۇنۇشتۇرماقچى.
بۇنىڭدىن 8 يىل ئىلگىرى يەنى 2011-يىلى 5-ئايدا كومپىيوتېر تېخنىكا مۇنبىرى ۋە ئاپتۇرنىڭ بىلوگىدا تۇنجى بۇلۇپ iOS سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى ئېلان قىلىنغان، بۇ ۋاقىت iOS مەشغۇلات سېستىمسى ئېلان قىلىنىپ iOS4.3 نەشىرىگە كەلگەندە iOS مەشغۇلات سېستىمسىنىڭ ئەجەللىك دۈشمىنى بولغان تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى تازا ئەۋجىگە چىققان ۋاقىتلار ئىدى، iOS مەشغۇلات سېستىمسى تۇغۇلىشىدىنلا يېپىق كودلۇق بىخەتەرلىكى يۇقۇرى سېستىما بولغاچقا سېستىمنى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىلا ئاندىن سېستىمىنىڭ تولۇق ھوقوقىغا ئېرىشىپ سېستىما ھۆججەتلىرىنى زىيارەت قىلغىلى ھەم خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بۇلاتتى، iOS مەشغۇلات سېستىمىسىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ماھىيەت جەھەتتىن Android سېستىمىسىنى Rootلاپ ئىشلەتكەنگە ئوخشايدۇ،  iOS مەشغۇلات سېستىمىسى يېڭى چىققان ۋاقىتلاردا ئۈچىنچى تەرەپ كىرگۈزگۈچنى قوللىشى ياخشى بولمىغاچقا خەت كىرگۈزۈشتە ئاساسلىق سېستىما ئۆزى تەمىنلىگەن كىرگۈزگۈچكە تايىناتتۇق،  iOS4كە كەلگەندە ئۈچىنجى تەرەپ كىرگۈزگۈچنى بىر قەدەر قوللايدىغان بولغان، بۇ ۋاقىتتا بۇرۇنقى ئۇستازلىرىمىز iOS مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ھەققىدە ئىزدىنىپ iOS4.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ سېستىما تەمىنلىگەن باشقا بىر تىلنىڭ كۇنۇپكا تاختا ھەرپ ئورۇنلاشتۇرشىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق iOS نىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى بارلىققا كەلتۈرگەن، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىسى كۆرۈنۈشى:

01.jpg

بۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بارلىققا كەلگەندىن كېيىن iOS سىستېمىسىنىڭ نەشىرى يۇقۇرلىشىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەپ ئىچىدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلىرى بارلىققا كەلدى، بۇ كىرگۈزگۈچلەر ئارقىلىق شۇ ئەپنىڭ ئىچىگە ئۇيغۇرچە خەتنى يېزىپ بولغاندىن كىيىن خەتنى كۆچۈرۈپ نىشان ئورۇنغا چاپلاش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشاتتى. كېيىن  بەيدۇ كىرگۈزگۈچكە ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى تېرە ھۆججىتى قۇشۇلغاندى كىيىن كۇنۇپكا ھالىتىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق خالىغان ئورۇنغا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزەلەيدىغان بولدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن بارا بارا iOS سېستىمىسىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ ئۈچىنجى تەرەپ كىرگۈزگۈچ سېستىمىدا تېخىمۇ راۋان ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولدى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە پىروگىراممىلىرىمىز مۇستەقىل بولغان ئۈچىنجى تەرەپ كىرگۈزگۈچلەرنى ياساپ ئەپ بازىرىغا چىقىرىپ كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە تەمىنلىدى، (مەسلەن: يەلتاپان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ، نۇر ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ، بادام ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ.........)
شۇنىڭدىن بۇيان iOS سېستىمىسىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تا iOS13 نى ئېلان قىلغۇچە ئۈچىنجى تەرەپ كىرگۈزگۈچىنى ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدۇق، iOS13 نەشىرى رەسىمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن سىستېمىغا يېڭىدىن قۇشۇلغان 38 خىل تىلنىڭ كۇنۇپكا تاختىسى ئىچىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ كۇنۇپكا تاختىسىمۇ بار.

02.jpg

بۇ خۇددى Windows vista/7/8/10 قاتارلىقلارغا ئوخشاش سىستېمىغا ھېچقانداق ئۈچىنجى تەرەپ كىرگۈزگۈچ يۇمشاق دېتالى قاچىلماي تۇرۇپ سېستىما تەڭشىكىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى تاللاپلا بىمالال ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزەلەيدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ.  iOS13كە يېڭى قۇشۇلغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ ھەرىپ ئورۇنلاشتۇرشى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

04.jpg

03.jpg



شۇنداق قىلىپ Windows, Mac OS, Linux, Android, iOS قاتارلىق بارلىق كومپىيۇتېر، يانفون مەشغۇلات سىستېمىلىرىغا ئىگە تەرەپتىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلۇپ بولدى.
قارايدىغان بولساق iOS13 ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ ھەرپ ئورۇنلاشتۇرشى بۇرۇن بىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ياكى ئادەتلەنگەن كۇنۇپكا تاختىسىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بولۇپ «ئ»  ھەمزە قۇشۇلىدىغان «ئا، ئە، ئې، ئى، ئۇ، ئۈ ئۆ، ئو» قاتارلىق سەككىز سۇزۇق تاۋۇش ھەرپلىرنى باسقاندا ھەمزە ئاپتۇماتىك قۇشۇلۇپ يېزىلدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا ھەمزەگە ئايرىم بىر كۇنۇپكا ئورنى ئاجىرتىلمىغان بۇلۇپ كىچىك بولغان كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇش بوشلىقىدىن ئۈنۈملىك پايدىلانغان.
بىر ھەرپنى ئىككىگە پارچىلىماي بىۋاستە چىقارغىلى بولغاچقا خەت بېسىش سۈرئىتىنى بۇرۇنقىدىن تېزلەتكىلى بولىدۇ. ھەم ئىملا خاتالىقىمۇ ئازىيىدۇ. ئىلگىرى 300 قېتىم كۇنۇپكا بېسىپ يازغىلى بولىدىغان خەتنى بۇ يېڭى كىرگۈزگۈچتە 240 كۇنۇپكا بېسىپ كىرگۈزگىلى بولىدۇ. سوزۇق تاۋۇشنىڭ سۆزدىكى ئورنىغا ئاساسەن ھەمزە قويۇش قويماسلىقنى ئاپتوماتىك بېكىتىدىغان مەخسۇس ئالگروزىم ئىشلىتىلگەن. (ئائىلە دېگەندەك ئوتتۇرىغا ھەمزە كېلىدىغان ئىنتايىن ئاز سۆزگە ھەمزىنى ئايرىم كىرگۈزىمىز)
بۇ ئىش ئادەتلىنىپ كەتكەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. باشقا ئۈچۈنچى تەرەپ كىرگۈزگۈچلىرىمۇ بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ خىل لايىھەنى ئىشلىتىشى مۇمكىن.

05.jpg

دىققەت قىلىدىغان بولساق مەيلى كومپىيوتىرنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتىدە بۇلامدۇ ياكى ھازىرقى كەڭ ئىشلىتىپ ئادەتلىنىپ كەتكەن باشقا كىرگۈزگۈچلەردە بۇلامدۇ ھەمزە ئايرىم بىر ھەرىپ (ئۇيغۇر تىلدىكى 33-ھەرىپ) قاتارىدا ئايرىم كۇنۇپكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەم بىزمۇ مۇشۇنىغا كۈنۈپ كەلدۇق، ھەمزەنىڭ نېمشقا ھازىرقى iOS13تىكى يېڭى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ھەرپ ئورۇنلاشتۇرشىدەك «ئا، ئە، ئې، ئى، ئۇ، ئۈ، ئۆ، ئو» دەپ ئورۇنلاشتۇرۇلماي، ئايرىم ئورۇنلاشتۇرش توغىرسىدا پىشقەدەم ئۇستازلىرىمىز بۇرۇنمۇ پىكىرلەشكەن، بۇنى ئاخىرى ئالما ئەمەلگە ئاشۇرۇپتۇ. بۇ يەردە بۇنى قايتا تالاش تارتىش قىلىشىپ ئولتۇرمىساقمۇ ئۆزىمىز قايسى كىرگۈزگۈچ ھالىتىنى ياقتۇرساق ياكى شۇنىڭغا ئادەتلەنسەك شۇنى ئىشلەتسەك بۇلىدۇ، لېكىن مېنىڭ شەخسى قارىشىچە بولغاندا iOS13 دىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى ناھايتى ئۇستۇلۇق بىلەن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇنىڭدىن كېيىن ئەپ ئاچقۇچىلار مۇشۇ ھالەتنى ئۆلچەم قىلامدۇ ياكى ھازىرقى ھالەتنى داۋاملىق ساقلامدۇ بۇ ئەلۋەتتە بىز ئىشلەتكۈچىگە باغلىق.
يېڭى كىرگۈزگۈچنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن: بىخەتەر، ئۈچىنجى تەرەپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلاش ھاجەتسىز، ئۈچىنجى تەرەپ كىرگۈزگۈچ ھالىتى سىيرىلىپ چىققاندا ياكى باشقا كىرگۈزگۈچ بىلەن ئالماشتۇرغان ۋاقىتتا قىسقا ۋاقىت قېتىۋىلىش ئەھۋالى تۈپتىن سادىر بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ كىرگۈزگۈچنى سېستىما ئۆزى تەمىنلىگەن بولغاچقا سېستىمىدىكى كىرگۈزۈش ھالىتى ئەڭ ياخشى ھالەتتە ماسلىشىدىغان بۇلۇپ نۇر بەلگە ئاپتۇماتتىك ئوڭغا مەجبۇرى توغىرلىنىدۇ، بۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ناھايتى ياخشى ئۇيغۇن كىلىدۇ، iOS13 دىن باشلاپ سېستىما كۆرۈنۈش ھالىتىگە كېچىلىك ھالەت ئىقتىدارى قۇشۇلغان بۇلۇپ، بۇ ئىقتىدار توك تىجىگەندىن باشقا كۆزگە بولغان بېسىمنى ئازىراق بولسىمۇ يېنىكلىتىدۇ، دەل مۇشۇ كېچىلىك ھالەت كىرگۈزگۈچتىمۇ رولىنى جارىى قىلدۇرالايدۇ، ئەمما ئۈچىنجى تەرەپ كىرگۈزگۈچلەر بۇ ئىقتىدارنى تېخى ھازىرلىمىدى.


06.jpg


ئۇنىڭدىن باشقا نۆۋەتتە تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا بۇلىدىغان ئەڭ يۇقۇرى iOS سېستىما نەشىرى 12.4 بۇلۇپ، بۇ نەشىرنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ سېستىما ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بۇلۇشچە سېستىما ئىچىدىكى USBKeyboardLayouts ھۆججىتىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر بايقالدى، بەلكىم سىرتتىن چىتىلدىغان كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن ماسلىشىپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بۇلىشى مۇمكىن. ئاخىردا كەڭ iPhone ئىشلەتكۈچى تورداشلارنى ئايفونىنى iOS13 گە يېڭىلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

07.jpg

08.jpg

7ئادەم ئىنكاس يازدى

Alper9 ۋاقتى: 2019-9-23 14:31:48
راسلام قالتىس لايىھە،مەنمۇ تۈنۈگۈن يېڭىلىۋالدىم ، كونۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەقىقەتەن يېڭىلىق بوپتۇ ،يېڭىلاپلا شۇندا خوووووووش مەن ،
بىليار ۋاقتى: 2019-9-25 01:01:20
مۇشۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان ۋە  ئەجىر قىلغان بارلىق ئۇستازلارغا چىن كۆڭلۈمدىن ھۆرمەت بىلدۈرمەن. بۇ خۇشخەۋەرنى يەتكۈزگەن قاراخان ئۇستازغا، ئالىپ تورىغا رەھمەت.
sewriyar ۋاقتى: 2019-9-26 18:59:38
خــــــــېلى ئۇزۇن جاھان بوپ كەتتى بەكلا كەمدىدار بۇلۇپ كەتتىڭلارغۇ؟
weli ۋاقتى: 2019-9-27 16:51:20
ئالما سىستىىسىغا قوشۇلغان بۇ ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاخـتىسى توغرىسىدا بىرقىسىم گەپ سۆزلەر بولۇۋاتقان ئىدى، مەنمۇ ئاخىرى ئىشلتىپ كۆردۈم. دەسلەپتە بەك غەلىتە تۇيۇلدى، كىيىن قارىسام ھەقىقەتەن ياخشى لايىھە بولۇپتۇ، پەقەت كۆنۈش مەسلىسىكەن شۇ ....
لىكىن بۇ لايىھىگە خىلى كاللا ئىشلىتىپ قويۇپتۇ جۇمۇ!..... (بۇ لايىھەنى كىم بارلىققا كەلتۈرگەندۇ؟)
.kanan ۋاقتى: 2019-9-28 11:01:44
بۇ لاھيەنى كىم بارلىققا كەلتۈرگەندۇ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部