+تېما يوللاش
sewr0998 يوللانغان ۋاقتى:2019-9-23 09:16 738 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
شىياۋمى يېڭى ئېلانىدا يېڭى تېلېفونىغا ئېكران ئاستى كامېراسى ئىشلىتىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى

01.jpg


يېقىندا شياۋمى ئورگان تەرەپ يېڭى ئېلان چىقاردى. ئېلان رەسىمىدە ئېيتىلىشىچە، 5G دەۋرىدە ئالدىنقى كامېرا قانداق مەۋجۇت بولۇشى كېرەك؟  ماڭلاي، تامچە، ئويما (ئېكران)، تاقلاپ چىقىدىغان ياكى؟  

شياۋمى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى شياۋمى 9 Pro 5G ۋە شياۋمى MIX Alpha نى ئېلان قىلىدۇ.  بۇنىڭدىن ئىلگىرى شياۋمى 9 Pro 5G نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تاراتقۇلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، شياۋمىنىڭ بۇ ھەرىكىتى شياۋمى MIX Alphaدا ئېكران ئاستى كامېرا قوللىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.  


سوۋگو CEO سى iOS 13 نىڭ فوتو ئاپپاراتىدىكى Bug نى ئاشكارلىدى

02.jpg


سوۋگو CEO سى ۋاڭ شياۋچۈەن تۈنۈگۈن مىكرو بىلوگدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ iOS 13 كە نەشىر يېڭىلىغاندىن كېيىن، فوتو ئاپپاراتنى ئىشلەتكىلى بولماسلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

  ۋاڭ شياۋچۈەننىڭ ئېيتىشىچە، فوتو ئاپپاراتنى ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ئەھۋالنىڭ كۆرۈلىشى يۈز قىسمىنى پەرقلەندۈرۈشنى ئىشلەتكىلى بولماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قولچىراغنى ئىشلەتكىلى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۆۋەتتە، ئالما تەرەپ بۇ bugقا ئىنكاس قايتۇرمىدى.  


خۇاۋىي Mate 30/30 Pro دۆلەت ئىچى نۇسخىسىنىڭ باھاسى ئاشكارلاندى

04.jpg


يېقىندا بىر بىلوگچى خۇاۋىي Mate 30 يۈرۈشلۈك دۆلەت ئىچى نۇسخىسىنىڭ باھاسىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئاشكارلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە خۇاۋىي Mate 30 دا 8GB + 64GB نۇسخىسىنىڭ باھاسى 3988 يۈەن، 8GB + 128GB نۇسخىسىنىڭ باھاسى 4288 يۈەن، خۇاۋېي Mate 30 Pro 8GB + 128GB نۇسخىسىنىڭ باھاسى 5488 يۈەن، 8GB+256GB لىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 5988 يۈەن.

  نۆۋەتتە، خۇاۋېي Mate 30 يۈرۈشلۈك تېلېفونلىرى خۇاۋېي ئورگان سودا تورىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، كونكرېت باھاسى 26-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلان قىلىنىدۇ.  


iFixit تورى iPhone 11 Pro Maxنى چۇۋۇپ پەقەت 4GB ئىچكى ساقلىغۇچلا بارلىقىنى مۇقىملاشتۇردى

05.jpg


يېقىندا، چەت ئەلدىكى داڭلىق چۇۋۇش تور بېكىتى iFixit تورى iPhone 11 ProMax نى چۇۋۇدى. ئەڭ ئاخىرقى چۇۋۇش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، iPhone 11 ProMax نىڭ ئۈستىگە ئىشلىتىلگەن LPDDR4X ئىچكى ساقلىغۇچ دانىچىلىرىنىڭ SKخەيلىشىدىن كەلگەن بولۇپ تىپى  H9HKNNCRMVDR-NEH ئىكەن.


ئامېرىكا سىمسىز تىڭشىغۇچ كارخانىسى ئالمىنى پاتېنتىغا دەخلى قىلدى دەپ ئەرز قىلدى

06.jpg


يېقىندا، ئامېرىكىدىكى قىستۇرما شەكىللىك سىمسىز تىڭشىغۇچ ياسايدىغان بىر كارخانا Pinn ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى ئوتتۇرا رايونى يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە ئالما شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇندى. ئۇ ئالما AirPods كۆك چىش تىڭشىغۇچ سىستېمىسىنى ئۆزىنىڭ پاتېنتىغا قەستەن دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ جار سالدى. بۇ شىركەت زاسېداتېللار ئۆمىكىنىڭ سوت ئېچىشىنى ۋە سوممىسى ئېنىق بولمىغان پاتېنت ھەققى تۆلەم پۇلىنى تەلەپ قىلدى. Pinn شىركىتى AirPods نى بازارغا سېلىشنىڭ ئالدىدا ئالما شىركىتى بىلەن تېخنىكا پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش مەسىلىسىدە پاراڭلاشقان، نۆۋەتتە ئالما شىركىتى بۇ دەۋاغا ئاشكارا ئىنكاس قايتۇرمىدى.  


گۇگىل كۋانت زومىگەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى

07.jpg


ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گوگىلنىڭ بىر پارچە ئىلمىي ماقالىسىدا ئاشكارىلىشىچە، ئۇلارنىڭ كۋانت بىر تەرەپ قىلغۇچى 3 مىنۇت 20 سېكۇنت ئىچىدە ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر«چوققا» ھەل قىلىش ئۈچۈن 10 مىڭ يىل ھېسابلايدىغان مەسىلىسىنى ھەل قىلالىغان.

بۇ دەل ئالىملار ئوتتۇرىغا قويغان «كۋانت زومىگەرلىكى» گە ماس كېلىدۇ، يەنى كۋانت ھېسابلاش ئىقتىدارى ئالاھىدە مەسىلىلەردە دۇنيادىكى ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى بولغان كومپيۇتېر.

«پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» دە مۇنداق دېيىلدى: گوگىل ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىلەرنى ئامېرىكا دۆلەت ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) نىڭ تور بېكىتىگە يوللاپ، ئارقىدىنلا ئۆچۈرۈۋەتكەن. گوگىل خەۋەرچىسى مۇنداق دېدى: ئىلمىي ماقالىنىڭ قايتۇرۇۋېلىشىدىكى سەۋەب، بۇ تەتقىقات تېخى ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ باھالىشىدىن ئۆتمىگەن.  

مەنبە : LearnFnas سالونى
08.jpg

2ئادەم ئىنكاس يازدى

نەپرەت007 ۋاقتى: 2019-9-24 21:27:05
يەنىلا قىممەت ھەي  بىز يىتىشىپ بولالماي كەنمىز  
ablimitt ۋاقتى: 2019-9-27 12:33:45
خۇاۋى قەدەممۇ-قەدەم پۇختا مىڭىپ ئاخىر دۇنياۋى كارخانا بولدى شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلدى. بىر تەرەققى قىلغان كارخانا يەنە نۇرغۇن ساھەلەردىكى يېڭى كارخانىلارغا يول ئىچىپ بېرىدۇ ھەم ئىقتىساسلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部