+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-9-22 12:15 1633 قېتىم كۆرۈلدى 6 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2019-9-22 12:09  

ئۈچۈنچى پەسىل كىرگەندىن بۇيان يېڭى يانفونلار بەس-بەستا ئېلان قىلىنىپ نۇرغۇن كىشىلەر يانفون ئالماشتۇردى. يانفون ئالماشتۇرغاندا ئەسىلدىكى يانفوندىكى شەخسىي ماتېرىياللارنى يېڭى يانفونغا يۆتكەشكە توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ ئۈندىدار سۆزلىشىش خاتىرىسىنى يۆتكەش ئىنتايىن مۇھىم.

微信截图_20190922115855.jpg

1. ئۈندىداردا سىكانېرلاپ بىۋاستە يۆتكەش
بۇ ئۈندىدار تەمىنلىگەن بىر ئىقتىدار. بۇنىڭدا ئىككى يانفوننى بىر wifi غا ئۇلايمىز. ئاندىن كونا يانفوندىكى ئۈندىداردىكى 我—设置—通用—聊天记录备份与迁移 نى چېكىمىز.

微信截图_20190922120003.jpg

微信截图_20190922120041.jpg

ئاندىن سۆزلىشىش خاتىرسىنى باشقا ئۈسكۈنىگە يۆتكەش «迁移聊天记录到另一台设备» دېگەننى باسىمىز. ھەممە خاتىرىنى يۆتكەش 迁移全部聊天记录 نى تاللايمىز. بۇ چاغدا بىر ئىككىلىك كود ھاسىل قىلىپ بېرىدۇ. يېڭى يانفوندىكى ئۈندىداردا مۇشۇ ئىككىللىك كودنى سىكانېرلىساق سۆزلىشىش خاتىرسنى كۆچۈرۈشنى باشلايدۇ. %100 بولغاندا ئۈندىداردىكى پۈتۈن سۆزلىشىش خاتىرىسى يېڭى يانفونغا كۆچۈرۈلۈپ بولىدۇ.

2. كومپىيۇتېرغا زاپاسلاپ يۆتكەش
ئاۋال ئۈندىدارنى كومپىيۇتېردا ئېچىپ، تىزىملىكنى چېكىپ، 备份与恢复—备份聊天记录至电脑 نى چېكىمىز.

微信截图_20190922120116.jpg

备份全部聊天记录 نى تاللىساق بارلىق سۆزلىشىش خاتىرسىنى كومپىيۇتېرغا زاپاسلىۋالىدۇ.

微信截图_20190922120139.jpg

يېڭى يانفوندا ئۈندىدارنى ئېچىپ، ئاندىن كومپىيۇتېردا ئۈندىدارغا كىرىپ، 备份与恢复 نى، ئاندىن 恢复聊天记录至手机 نى چەكسەك زاپاسلىۋالغاننى يانفونغا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
微信截图_20190922120202.jpg

بۇ ئۇسۇل ئالما، ئاندرويد ھەممىسىگە بولىدۇ.

6ئادەم ئىنكاس يازدى

喵帕斯 ۋاقتى: 2019-9-22 17:58:29
ئوھۇي  شۇنداق قولايلىق بوپتىغۇ ئەمسە،  تىلفون ئالماشتۇرغاندا كونا تىلفوننى خىلى ۋاققىچە بىللە ئىشلىتەتتۇق،  قولايلىقلاشقىلى تۇرۇپتۇ…
نەپرەت007 ۋاقتى: 2019-9-23 03:29:21
ياخشى تىما   كۆپ رەھمەت
eziz007 ۋاقتى: 2019-9-23 22:02:54
ئۈندىداردا  قىزىل بولاقنى باشقىلار ئالمىغان ئەھۋالدا قايتۇرۇپ ئۆزىمىز ئېلۋاالغىلى بۇلامدۇ، مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغانلا بىر تېما يازمامسىلە
parhat.biz ۋاقتى: 2019-9-24 03:41:13
eziz007 يوللىغان ۋاقتى  2019-9-23 22:02
ئۈندىداردا  قىزىل بولاقنى باشقىلار ئالمىغان ئەھۋالدا  ...

سىزگە قايتىپ كىلىدىغۇ  تۇتمىسا
eziz007 ۋاقتى: 2019-9-24 11:18:25
parhat.biz يوللىغان ۋاقتى  2019-9-24 01:41
سىزگە قايتىپ كىلىدىغۇ  تۇتمىسا

24 سائەت ئىچىدە قايتىپ كىلىدىغىنى ئېنىق، مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم بەزىدە قىزىل بولاقنى خاتا ئېتىپ قۇيىدىغان ئەھۋاللارغا ئۇچىراپ تۇرىمىز،  مۇشۇ ئەھۋالدا قارشى تەرەپ قىزىل بولاقنى ئېلىۋالمىغانلا بولسا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۈزىدىلا مەشغۇلات قىلىپ قايتۇرۋالغىلى بولامدۇ دىمەكچى
ئارمانى1 ۋاقتى: 2019-9-29 13:38:14
تىلىفۇندىكى يۇيلۇپ كەتكەن رەسىملەرنى ئەسلىگە كەلتۇردىغان بىرە ئەپ ياكى دىتال بارمىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部