+تېما يوللاش
all_kiss يوللانغان ۋاقتى:2019-9-21 11:18 1558 قېتىم كۆرۈلدى 6 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

  ئەگەر شياۋمى يان تېلېفونى بولمىغان بولسا، جۇڭگو ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرىنىڭ چەتئەل ماركىلىرى مونوپول قىلىۋالغان ئەنئەنىۋى كونا تەرتىپنى بۇزۇپ تاشلاش قىيىن بولغان بولاتتى، جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون كارخانىلىرىمۇ بۈگۈنكى ئەھۋالنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بولاتتى.

微信图片_20190921110350.jpg

يېقىندا بىر كارخانىچى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، ئاپتور ئۇنىڭدىن كارخانىنى ئەڭ ئاخىرىدا قانداق ھالغا ئەكىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ئويلىنىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيادا بىر خىل كارخانا بار بولسا، ئەگەر ئۇ تۇيۇقسىزلا يوقاپ كەتسە، بۇ دۇنيا ئۇنى يوقىتىپ قويغىنى ئۈچۈن ئۆزىنى پەرىشان ھېس قىلغۇدەك! بىز دەل مانا مۇشۇنداق بىر كارخانىغا ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز!»  بۇ كارخانىچىنىڭ جاۋابى ئاپتورغا ھەقىقەتەن زور ئىلھام بەردى، بۇ ھەقىقەتەن ياخشى كارخانا ۋە ناچار كارخانىنى ئۆلچەشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى.  ئەگەر بىر كارخانا يوقاپ كەتسە، كىشىلەردە ھېچقانداق باشقىچە تۇيغۇ بولمىسا ياكى خۇشاللىق ھېس قىلسا، ئۇنداقتا بۇ كارخانا چوقۇم خېرىدارلار ئۈچۈن، كەسىپ ئۈچۈن، جەمئىيەت ئۈچۈن ھەقىقىي قىممەت ياراتمايدۇ. ئەگەر بىر كارخانا يوقاپ كەتسە، خېرىدارى، ھەمكارلاشقۇچىلىرى ھەتتا رىقابەتچىلىرىمۇ ئەپسۇسلانسا، ئۇ ھالدا بۇ كارخانا ئابونتلار، كەسپ، جەمئىيەتكە غايەت زور قىممەت يارىتىدۇ.

مەسىلەن ئالى، تېڭشۈن، ۋەندا، ۋەنكې، گېلى ۋە چاڭچېڭ ئاپتوموبىلى قاتارلىق جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئۈلگىلىك كارخانىلار ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق خېرىدارلارغا ئۆزگىچە مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، پۈتكۈل كەسىپنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.  ئەگەر بۇ كارخانىلارنىڭ بارلىققا كېلىشى بولمىغان بولسا، ئابونتلار نۆۋەتتىكى سۈپەت سەۋىيىسىدىكى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولالمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇ تۇرىۋاتقان پۈتكۈل كەسپىمۇ ھازىرقى ھالەتكە كىلەلمىگەن بولاتتى.  

ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون كەسپى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈرۈشىدىكى بىر ۋەكىللىك ساھە بولۇپ، IDC ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدە، ئالما يان تېلېفونى بەشىنچى ئورۇندا تۇرغاندىن باشقا، خۇاۋېي، شىياۋمى، OPPO ۋە vivo قاتارلىق تۆت جۇڭگو ماركىسى ئالدىنقى تۆت ئورۇننى ئىگىلىگەن.  پۈتۈن يەر شارى بازىرىغا قويۇلغان تەقدىردىمۇ، خۇامى OV شىركىتى ئالدىنقى ئالتە ئورۇندىكى تۆت ئورۇننى ئىگىلىدى، قالغان ئىككى ئورۇن سامسوڭ ۋە ئالمىغا تەۋە بولدى.  خۇاۋېي، شياۋمى، OPPO ۋە vivo قاتارلىق جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ماركىلىرىنىڭ دۇنياۋى بازاردا شۇنچىلىك قالتىس ئىپادىسى بار، بۇ جۇڭگودىكى بارلىق كەسىپ ساھەسىدە كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ.  

ئۇنداقتا جۇڭگونىڭ بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ماركىلىرى قانداق قىلىپ بۇ زور نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلىدى؟ جۇڭگو ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون كەسپىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىمىزدە، 2011-يىلى شياۋمى يان تېلېفونىنىڭ ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون كەسپىنىڭ تەرەققىيات يولىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتكەنلىكىنى بايقايمىز.  ئەگەر شياۋمى يان تېلېفونى  پەيدا بولمىغان بولسا، جۇڭگو ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرىنىڭ چەتئەل ماركىلىرى مونوپول قىلىۋالغان ئەنئەنىۋى كونا تەرتىپنى بۇزۇپ تاشلاش قىيىن بولغان بولاتتى، جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون كارخانىلىرىمۇ بۈگۈنكى ئەھۋالنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بولاتتى.

2007-يىلى تۇنجى ئالما يانفونى ئېلان قىلىندى، 2008-يىلى تۇنجى ئاندىرويىد يانفونى ئېلان قىلىنىپ، شۇنىڭدىن ئىتىبارەن دۇنيا بويىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون دەۋرىنىڭ مۇقەددىمىسى رەسمىي باشلاندى. كېيىنكى 2009-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون يېڭى باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان بولغاچقا، ئەينى ۋاقىتتا ئاۋۋال ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغىنى يەنىلا چەت ئەلدىكى داڭلىق ماركا بولۇپ، جۇڭگو يان تېلېفون كارخانىلىرى بىر قەدەر كېيىن ئاندىن قەدەم ئالغان .  2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو يان تېلېفون بازىرىدا سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى 7-ئورۇندا تۇرىدىغىنى يەنىلا نوكىيا، سامسۇڭ، HTC، سوئەي، موتورولا، LG ۋە ئالما قاتارلىق چەتئەل ماركىلىرى ئىدى.  ئەينى چاغدا، خۇاۋېي، ليەنشياڭ، OPPO ۋە vivo قاتارلىق يان تېلېفون زاۋۇتلىرى ئىقتىدار يانفۇندىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنغا ئۆزگىرىشتە تۇتۇق بىر  باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، تېخى ئېنىق بىر مەھسۇلات يۆنىلىشىنى تاپالمىغان ئىدى.

  2011-يىلى 10-ئايدا، شىياۋمى شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ھەۋەسكارلىرىغا يۈزلىنىپ، تۇنجى ئەۋلاد MIUI مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى ئېلان قىلغان، سېتىلىش باھاسى 1999 يۈەن بولۇپ، ئاساسلىقى توردا تالاشتۇرۇپ سېتىش ئەندىزىسى قوللىنىلغان.  بۇ جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفۇن كەسپىدىكى ئابىدە خارەكتىرلىك ۋەقە بولۇپ، غۇۋا ھالەتتىكى جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفۇن كەسپى ئۈچۈن ئازراق يورۇقلۇق ئېلىپ كەلدى. شياۋمى ئەندىزىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى لېي جۈننىڭ ئۆزگىچە كەچۈرمىشىدىن كەلگەن.  لېي جۈن ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، 1992-يىلىنىڭ بېشىدا، جىنشەن يۇمشاق دېتالىغا قوشۇلغان، كېيىن جىنشەن يۇمشاق دېتالىنىڭ CEO سى بولغان، ھەمدە 2007-يىلى جىنشەن يۇمشاق دېتالىنى يېتەكلەپ IPO نى بازارغا سالغان، ئۇ جۇڭگونىڭ IT كەسپىنىڭ پېشۋاسى ئىدى. جىنشەن يۇمشاق ماتېرىيالى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، لېي جۈن جىنشەن CEO دىن ئىستىپا بېرىپ، پەرىشتە مەبلەغ سالغۇچىلاردىن بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن لاكارا، جويۆ تورى، جەم بولۇش دەۋرى (欢聚时代 )، فەن كې مەھسۇلاتلىرى ۋە UC تور كۆرگۈچ قاتارلىق بىر قاتار داڭلىق ئالاقە تورى كارخانىلىرىغا مەبلەغ سېلىپ، ئەينى چاغدىكى دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقە تورى ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق پەرىشتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

جىنشەن يۇمشاق دېتالى ۋە ئالاقە تورى كەسپىنىڭ پەرىشتە مەبلەغ سېلىش كەچۈرمىشى، لېي جۈننى دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر يۇمشاق دېتال ۋە ئالاقە تورى ساھەسىگە ناھايىتى داڭلىق بىر ئادەمگە ئايلاندۇردى.  بىر تەرەپتىن ئالما ۋە ئاندرويد يانفونلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن لېي جۈن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزەتتى، يەنە بىر تەرەپتىن ئەينى چاغدىكى جۇڭگو ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرىدا، چەت ئەلدىكى داڭلىق يان تېلېفونلارنىڭ سېتىلىش باھاسى قىممەت بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭغا قاچىلانغان ئىپتىدائىي ئاندىرويىد مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ جۇڭگو ئابونتلىرىنىڭ ئىشلىتىش ئادىتىگە ماس كەلمەيتتى، مەشغۇلات سىزىمىمۇ ئىنتايىن ناچار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت ئىچىدىكى يان تېلېفون ماركىلىرىمۇ ئاساسلىقى ئىقتىدار يانفۇنىنى ئاساس قىلاتتى، شۇڭا جۇڭگو ئىستېمالچىلىرى كارخانىلارنىڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىشلىتىش ئادىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلدى.  دەل مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش، لېي جۈنگە يېڭى ئەندىزە ئارقىلىق ئەنئەنىۋى يان تېلېفون كەسپىنى ئاغدۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.



2010-يىلى 4-ئايدا، مالىيە ئەركىنلىكى ئەمەلگە ئاشقان لېي جۈن يەنە بىر قېتىم ئىگىلىك تىكلەش سەپىرىگە ئاتلاندى، ئۇ لىن بىن، جۇ گۇاڭپىڭ، لى ۋەنچياڭ، خۇاڭ جياڭجى بىلەن خۇڭفېڭ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، شياۋمى شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى، ئاۋۋال ئىپتىدائىي ئاندىرويىد سىستېمىسى ئاساسىدا چوڭقۇر ئەلالاشتۇرۇلغان، جۇڭگو ئابونتلىرىنىڭ ئىشلىتىش ئادىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان يان تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسى MIUI نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىپتىدائىي ئاندىرويىد سىستېمىسىنى ئىشلىتىش سىزىمى ناچار بولغان قىيىن نۇقتىسىنى ھەل قىلىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ھەۋەسكارلىرى توپىنىڭ زور ئالقىشقا ئېرىشتى، كېيىن يەنە MIUI مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسىدا« قاتتىق دېتال + يۇمشاق دېتال + ئالاقە تورى» ئەندىزىسى ئاساسىدىكى شياۋمى يان تېلېفونىنى بازارغا سالدى.  شياۋمى يانتېلىفون شىركىتى بولسا لېي جۈننىڭ ئىلگىرىكى بارلىق تەجرىبىلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ يۇمشاق دېتال، ئالاقە تورى ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىكى ئالاھىدە كەچۈرمىشلىرى بولمىغان بولسا، ئەگەر ئۇ شياۋمى شىركىتىنى قۇرۇشتىن بۇرۇن يېتەرلىك بايلىق ۋە پىشىپ يېتىلگەن رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان بولسا؛ ئەگەر 40 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ يەنىلا تولۇپ تاشقان ئىگىلىك تىكلەش ئىرادىسىگە ئىگە بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى شياۋمى ئەندىزىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.  

شۇڭا، شياۋمى شىركىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەم ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون كەسپى تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىكى مۇقەررەر مەھسۇلى، ھەم ئۇنىڭ ئەندىزىسى بىلەن قۇرغۇچىسى لېي جۈننىڭ ئۆزگىچە كەچۈرمىشى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بەلگىلىك تاسادىپىيلىقمۇ مەۋجۇت.  ئالاھىدە يۇقىرى مەھسۇلات ئىقتىدار باھا نىسبىتىگە تايىنىپ، راۋان MIUI مەشغۇلات سىستېمىسى ئەينى چاغدا ئاغدۇرمىچىلىق خاراكتېرلىك ئالاقە تورى تىجارىتى ۋە سېتىش ئەندىزىسى دەپ ئاتالغان، شياۋمى يان تېلېفونى ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا خېرىدارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى ھەمدە كېيىنكى 2012-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، نوكىيا، موتورولا، HTC، LG ۋە سامسۇڭ قاتارلىق چەت ئەللەردىكى بارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ماركىلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرىدا سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە چېمپىيون بولدى.

شياۋمى يان تېلېفونىنىڭ ئىنقىلابىيلىق ئەندىزىسى، بىر تەرەپتىن جۇڭگو ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرىنىڭ چەتئەل ماركىلىرى مونوپۇل قىلىۋالغان ئەنئەنىۋى كونا تەرتىپنى پارچىلاشقا باشلىدى، يەنە بىر تەرەپتىن خۇاۋېي، OPPO ۋە vivo قاتارلىق جۇڭگو يان تېلېفون زاۋۇتلىرى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇلارغا يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلدى.  2012-يىلى 3-ئايدا، خۇاۋېي يان تېلېفونى ئاۋۋال شياۋمىنىڭ توردا سېتىش ئەندىزىسىنى ئۆرنەك قىلىپ، خۇاۋېي سودا شەھەرچىسىنى بازارغا سالدى، 2012-يىلى 8-ئايدا، يەنە MIUI مەشغۇلات سىستېمىسىنى دوراپ، ئاندرويد سىستېمىسى ئاساسىدا چوڭقۇر ئەلالاشتۇرۇلغان EmotionUI نى بازارغا سالدى، 2013-يىلى، ئىنتېرنېت تورى ماركىسى رۇڭياۋنى بازارغا سېلىپ، شياۋمىغا ئومۇميۈزلۈك زەربە بەردى.  OPPO ۋە vivo بولسا 2013-يىلى 4-، 10-ئايدا شىياۋمى MIUI نى دوراپ، ئۆزىنىڭ ئاندرويد سىستېمىسى ئاساسىدا چوڭقۇر ياساپ چىققان ColorOS بىلەن FuntouchOS نى بازارغا سالغان.  ColorOS بىلەن FuntouchOS نىڭ بازارغا سېلىنىشى OPPO ۋە vivo تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ۋەقە بولۇپ، يانفون مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالاقە تورى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى.

2014 – يىلى 4 – ئايدا، OPPO نىڭ سابىق مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ زوخۇ ئالاقە تورى يانفون ماركىسى «يىجىيا» نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك شياۋمىنى نىشان قىلىپ، OPPO نىڭ بازار ئېچىشىغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.  2019-يىلىنىڭ بېشىدا، ئەمىلىي دۇكاندا سېتىش ئەندىزىسىدە توسالغۇغا يۇلۇققان  vivo مۇ ئىنتېرنېت يان تېلېفون ماركىسى iQOO نى رەسمىي قۇرۇپ، شياۋمى ئەندىزىسىگە ئەگەشتى.  خۇاۋېي، OPPO ۋە vivo دىن باشقا، ليەنشياڭ، جۇڭشىڭ، كۇپەي، جىنلى، لېشى، مېيزۇ، 360 ۋە بولقا قاتارلىق نۇرغۇن يان تېلېفون زاۋۇتلىرى بەس-بەستە ئېسىل مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئاندىرويىد ئاساس قىلغان سېستىمىلارنى بەرپا قىلىپ  ئىنترنىت تورىدا سېتىشنى سىناق قىلىش ئارقىلىق، پۈتۈنلەي شىياۋمى ئەندىزىسىنى تەقلىد قىلدى.

ئەينى چاغدا باش شىتابى جۇڭگو بازىرىدىن بىر قەدەر يىراق بولغان نوكىيا، سامسوڭ، LG، موتورولا ۋە سوئەي قاتارلىق يان تېلېفون زاۋۇتلىرى مەھسۇلات ۋە سېتىش يوللىرى ئارقىلىق شياۋمى ئەندىزىسىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالمىدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ مەھسۇلاتلار ئىنتېرنىت تورىدا جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ماركىلىرى تەرىپىدىن بەس-بەستە مەغلۇپ بولۇپ، جۇڭگودىن چېكىندى.  خۇاۋېي، OPPO ۋە vivo ھەممىسى ئاپتور ئىنتايىن  ياخشى كۆرىدىغان شىركەتلەر، ھەمدە بۇلار يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى . لېكىن شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ئەگەر شىياۋمى يانفونىنىڭ بارلىققا كېلىشى بولمىغان بولسا، خۇاۋېي، OPPO ۋە vivo ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون مەھسۇلاتلىرىدا توغرا يۆنىلىشنى تېز سۈرئەتتە تېپىش ناھايىتى تەس ئىدى.  ئەگەر شىياۋمى يانفونلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كونا تەرتىپكە بولغان شىددەتلىك زەربىسى بولمىغان بولسا، خۇاۋېي، OPPO ۋە vivo نىڭ ئەنئەنىۋى ئەندىزىسىگە تايىنىپ، نوكىيا، سامسۇڭ، LG، موتورولا، HTC ۋە سوئەي قاتارلىق چەت ئەل يانفون ماركىلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا، بۈگۈنكى خۇامى OV قاتارلىق جۇڭگو ماركىلىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك باش كۆتۈرۈشىمۇ بولمىغان بولاتتى.



ئاپتور نۇرغۇن يېڭى ئىقتىساد دەۋرىدىكى كارخانىلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا، ئەنئەنىۋى كارخانىلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، يېڭى ئىقتىسادىي كارخانىلارنىڭ پەقەت بىر خىللا رىقابەت ئىستراتېگىيەسىگە تايىنىپ، بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەن مەڭگۈ راھەت كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، مەڭگۈلۈك رىقابەت ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ چوقۇم رىقابەت مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ سىجىل تەرەققىي قىلىشى كېرەكلىكىنى ھەمدە شىياۋمى شىركىتىنىڭ دەل مۇشۇنداق كارخانا ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

2011-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، زور دەرىجىدە يېڭىلىق ياراتقان شياۋمى ئەندىزىسى جۇڭگودىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرىدا كاساتلاشتى، نۇرغۇن رىقابەتچىلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن دورىشىغا ئەگىشىپ، شياۋمى شىركىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پەرقلىق ئەۋزەللىكى تەدرىجى ئاجىزلىشىشقا باشلىدى، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ قاتتىق دېتال تەتقىقاتى ۋە تەمىنلەش زەنجىرى، تور سىرتىدا ئەمەلىي دۇكاندىكى سېتىش ساھەسىدىكى ئىككى يېتەرسىزلىكىمۇ ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى.  خۇاۋېي، OPPO ۋە vivo لار شىياۋمى MIUI سىستېمىسىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالاقە تورىدا ھېس قىلغان يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قاتتىق دېتال تەتقىقاتى ۋە تەمىنلەش زەنجىرى، تور سىرتىدا سېتىش ئەۋزەللىكى گەۋدىلىنىشكە باشلىدى.  ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇڭياۋ، مېيزۇ، لېشى، 360، بولقا، ZUK قاتارلىق نۇرغۇن ئىنتېرنېت ماركىلىرىنىڭ قالايمىقان باھا ئۇرۇشى قوشۇلۇپ، شياۋمىنىڭ 2015-يىلىدىن باشلاپ سېتىلىشىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، 2016-يىلى شىياۋمى ئومۇمىيۈزلۈك مۇزلاش نۇقتىسىغا پېتىپ قالدى.

  2015-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ كىرىزىستا، شياۋمى شىركىتى نۇرغۇن گۇمانلارغا ئۇچرىدى، ھەتتا بەزى كەسىپلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر يەنە ئۈچ يىلغىچە شىياۋمى گۇمران بولىدۇ دەپ باھا بەردى. بۇ كىرىزىستىن قانداق قۇتۇلۇش، لېي جۈننى يادرو قىلغان شياۋمى باشقۇرۇش قاتلىمىغا غايەت زور خىرىس ئېلىپ كەلدى.  ئاخىرىدا لېي جۈن توغرا جاۋاب بەردى، بىر تەرەپتىن لېي جۈن شياۋمىنىڭ قاتتىق دېتال تەتقىقاتى ۋە تەمىنلەش زەنجىرى، تور سىرتىدىكى تىجارەت ۋە سېتىش ساھەسىدىكى ناچار ھالىتىنى تونۇپ يېتىپ، بۇ ساھەلەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى پائال تولۇقلاشقا باشلىدى، يەنە بىر تەرەپتىن، لېي جۈنمۇ شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىكى، ئەگەر شياۋمى يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن ۋاز كەچسە، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى بىلەن رىقابەتچىسىنىڭ ئالدىدا، تەتۈر ئېشىشنى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ، شۇڭا شياۋمى مەھسۇلات ۋە سېتىش يوللىرى قاتارلىق ساھەلەردە داۋاملىق يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدۇ.  شياۋمى 2016-يىلىدىن باشلاپ، كۆپ تۈرلۈك ئىلغار كەسىپلەردە يېڭىلىق يارىتىپ ئۆزىنى قۇتقۇزدى:

بىرىنچى، شياۋمى 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەينى چاغدىكى قارا پەن تېخنىكىسى دەپ ئاتالغان يەرشارى بويىچە بىرىنجى  پۈتۈن ئېكران تېلېفونى شياۋمى مىكىسنى بازارغا سېلىپ، مەھسۇلات جەھەتتە يەنە بىر قېتىم ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.

ئىككىنچى، شياۋمى 2016-يىلىدىن باشلاپ شەھەر يادرولۇق سودا چەمبىرىكى مال سېتىۋېلىش مەركەزلىرىدە زور كۈچ بىلەن شياۋمى ئائىلىسى مەخسۇس سېتىش نۇقتىسى ئورۇنلاشتۇردى. شياۋمى ئائىلىسى بولسا شياۋمى شىركىتىنىڭ شياۋمى تورىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق زور يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۈچىنچى، رىقابەتچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئەگىشىپ، شياۋمى ئەندىزىسىنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىدىكى پەرقىنى قىسقارتتى، لېكىن ئۇنىڭ چەت ئەل بازىرىدا يەنە روشەن ئەندىزە ئەۋزەللىكى بار. شۇڭا شياۋمى شىركىتى قەتئىي ھالدا ھىندىستان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا قاتارلىق چەت ئەل بازىرىنى ئىگەللەپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يەر شارىلىشىشىغا يېڭى ئۈلگە مىسال بەرپا قىلدى.

تۆتىنچى، شياۋمى شىركىتى شياۋمى يان تېلېفوننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەندىزىسىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون سىرتىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازلىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاقىما ئۈسكۈنىلەر قاتارلىق ئۈسكۈنە ساھەسىگە كۆپەيتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتتىق دېتال ئېكولوگىيە زەنجىرى بەرپا قىلدى.  بۇ يېڭى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتتىق دېتال ئىكولوگىيەسى ساھەسىدە، شياۋمى ئەندىزىسى ئوخشاشلا زور ئەۋزەلىككە ئىگە.

يۇقىرىقى بىر قاتار يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىدە، شياۋمى شىركىتى 2017- يىلىدىن باشلاپ تەتۈر ئېشىشنى باشلاپ، 2018- يىلى سودا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە قايتىدىن قايتىپ كەلدى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننىڭ يىللىق مال چىقىرىش مىقدارى تۇنجى قېتىم 100 مىليوندىن ئېشىپلا قالماي، يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزورلاردا جۇڭگودىكى 1- ئورۇنغا چىقىش، شياڭگاڭ IPO پاي چېكىنى بازارغا سېلىش قاتارلىق نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.  ئەڭ بۇرۇن« قاتتىق دېتال + يۇمشاق دېتال + ئالاقە تورى» ئەندىزىسى ۋە« دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش، ئالقىشقا ئېرىشىش، تېز بولۇش» تەك ئالاقە تورى تەپەككۇرىدىن كېيىن، شياۋمىنىڭ بۇ يېڭى باشلامچى شەكىللىك يېڭىلىق يارىتىشى جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونى ھەتتا پۈتكۈل ئىستېمال ئېلېكتىرون كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنە بىر قېتىم يېتەكچىلىك قىلدى.  مەسىلەن، شىياۋمى MIX پۈتۈن ئېكران يانفونىنى بازارغا سالغاندىن كېيىن، خۇاۋېي، OPPO ۋە vivo قاتارلىق ھەر قايسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون زاۋۇتلىرى بەس-بەستە پۈتۈن ئېكران ساھەسىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ، پۈتۈن ئېكران يانفۇننى نۆۋەتتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون كەسپىنىڭ ئاساسىي لايىھە يۆنىلىشىگە ئايلاندۇردى.  شياۋمى ئائىلىسى ئەندىزىسىمۇ خۇاۋېي، ليەنشياڭ، OPPO ۋە vivo قاتارلىق ئىستېمال ئېلېكتىرون كارخانىلىرىنى جەلپ قىلىپ، ئارقا-ئارقىدىن شەھەر يادرولۇق سودا چەمبىرىكىنىڭ چوڭ تىپتىكى سودا سارايلىرىدا ماركا ئوبراز دۇكىنى ئاچتى ھەمدە دۇكاننى لايىھەلەش، كۆرگەزمە قىلىش ۋە تىجارەت باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە شياۋمى ئائىلىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ ئۆگەندى.  شياۋمىنىڭ ھىندىستان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا قاتارلىق چەتئەل بازارلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك مىسالى، جۇڭگونىڭ باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون كارخانىلىرىنى چەتئەللەردە كەڭ كۆلەمدە بازار ئېچىشقا يىتەكلەپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يەر شارىلىشىش مۇساپىسىنى تېزلەتتى.  شىياۋمى IoT ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتتىق دېتال ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، شۇنداقلا نۇرغۇن كارخانىلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازلىرى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاقىما بويۇم قاتارلىق IoT ساھەسىدىكى كەسپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.



يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا، شياۋمى شىركىتى ھەققىدىكى تالاش-تارتىش ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بىر تەرەپتىن، لېي جۈننىڭ 96 مىليون يۈەنلىك يۇقىرى باھا يىللىق مائاشى ، يەنە بىر تەرەپتىن، نۆۋەتتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرىدا خۇاۋېي، شياۋمى، ئوپپو ۋە vivo قاتارلىق تۆت يادرولۇق يانفۇن مۇشتۇمزورلىرى مونوپۇل قىلىۋالغان كەسكىن رىقابەت ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، خۇاۋېي، ئوپپو ۋە vivo نىڭ ھەممىسى جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك رىقابەتچىلەر بولۇپ، شياۋمى يەنە بىر قەدەر چوڭ رىقابەت بېسىمىغا دۇچ كەلدى.  لېي جۈننىڭ قىممەت باھالىق يىللىق مائاشى ئەمەلىيەتتە شياۋمى شىركىتىنىڭ بازارغا سېلىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا بەرگەن بىر قېتىملىق پاي ھوقۇقى رىغبىتى، ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر كەسىپ قائىدىسى.  ناھايىتى بۇرۇنلا جىنشەن يۇمشاق دېتالىنى بازارغا سېلىش ۋە پەرىشتە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق مالىيە ئەركىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان لېي جۈن، ئەمەلىيەتتە پۇلغا نىسبەتەن ئۇنچىلىك كۈچلۈك ئىشتىياقى يوق، ئۇ شياۋمى شىركىتى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەسىپكە، غايىگە، ھاياتلىق قىممىتىگە بولغان ئىنتىلىشنى كۈچەيتتى.  بۇ قېتىمقى يۇقىرى مائاشلىق جامائەت پىكرى مالىمانچىلىقىدىن كېيىن، لېي جۈنمۇ بۇ زور مەبلەغنى جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا ئىئانە قىلغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىدى، شۇڭا ئاممىنىڭ بۇ ئىشتا زىيادە قاتتىق ئەيىبلىشىنىڭ ھاجىتى يوق.  ئۇنىڭدىن باشقا، خۇاۋېي، شياۋمى، OPPO ۋە vivo دىن ئىبارەت بۇ تۆت جۇڭگو ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون كارخانىسى ئىچىدە، خۇاۋېي 1987- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 32 يىللىق تارىخقا ئىگە؛ OPPO ۋە vivo نىڭ دەسلەپكى قەدەملىرى 1995- يىلى قۇرۇلغان، ھازىرغىچە 24 يىللىق تەرەققىيات تارىخىغا ئىگە؛ شياۋمى شىركىتى 2011- يىلى 10- ئايدا تۇنجى ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياراتقان ئالەمشۇمۇل نەتىجىسى دۇنيا سودا تارىخىدىكى غايەت زور مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بىر كارخانىغا توغرا مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن، بىز تەرەققىيات نەزىرى بىلەن ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر 2012-يىلىغا قايتىپ ئەينى چاغدىكى خۇاۋېي، OPPO ۋە vivo غا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى ھېچكىم پەرەز قىلالمايدۇ، ئەينى ۋاقىتتا خۇاۋېي يان تېلېفون كەسپى مەھسۇلات تەجرىبىسى ناچار بولغاچقا، تاشقى دۇنيانىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان، OPPO، vivo لار ئەينى چاغدا يۇقىرى باھا  تۆۋەن سەپلىمە سىڭىلچاق يانفۇنلىرى دەپ كۆپلىگەن كەسپ مۇتەخەسىسلىرىنىڭ مازاق قىلىشىغا ئۇچرىغان. قۇرۇلغىلى 10 يىل بولمىغان شياۋمى شىركىتى ئەلۋەتتە مۇكەممەل ئەمەس، لېكىن ئۇ ئىزچىل تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بىز ئۇنىڭغا تېخىمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن ئىلھام بېرىشىمىز كېرەككى بىر 30 يىللىق كارخانىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھەددىدىن زىيادە قاتتىق جازالىماسلىقىمىز كېرەك.  شىياۋمى ئىنتېرنېت گېنى ئەڭ كۈچلۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتتىق دېتال كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئىجادىي يېڭىلىق يارىتىش گېنى جەھەتتە، خۇاۋېي بىلەن OV لارغا سېلىشتۇرغاندا ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكى بار؛ قاتتىق دېتال تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرى، تور سىرتىدىكى سېتىش ساھەسىدە، شياۋمى خۇاۋېي بىلەن OV قاتارلىق رىقابەتچىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا پەقەت ۋاقىت پەرقى بار. بىز پەرەز قىلىپ باقايلى، ئەگەر يەنە شياۋمىغا 10-20 يىل ۋاقىت بەرسىڭىز، ئۇمۇ 20 ياكى 30 ياشقا كىرگەندە، بىزگە بۈگۈن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان شياۋمىنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن.  

مەيلى شىياۋمى يانفون، تېلېۋىزور، IoT بولسۇن، ھەتتا ئۆزەك كەسپىدىمۇ سۈپەت ئۆزگىرىشى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.  ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر شياۋمى شىركىتى كۈچلۈك قوشۇن بولۇپ، ئارقا سېپى يىتەرلىك تولۇق.  شياۋمى گۇرۇھىنىڭ 2018- يىللىق مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى پۈتۈن يىلدا، شياۋمى گۇرۇھىنىڭ ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى 174 مىليارد 900 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكەن، ساپ پايدا 8 مىليارد 600 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكەن، نەق پۇل ئومۇمىي زاپىسى 39 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتكەن.  يېقىندا شياۋمى شىركىتى 2019-يىلى 1-پەسىللىك مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شياۋمىنىڭ 1-پەسىلدىكى ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى 43 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 27.2، تىجارەت پايدىسى 3 مىليارد 610 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 7.4 ئاشقان،  يۇقىرى تىجارەت كىرىمى ۋە پايدا ئاساسىدا مۇقىم ئېشىش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلىغان.  شياۋمىنىڭ ياخشى مالىيە سانلىق مەلۇماتىدىن باشقا، تېخىمۇ زور ئىشەنچىسى كونكرېت كەسىپ جەھەتتە ئىپادىلىنىپ، يان تېلېفون بىلەن تېلېۋىزور، IoT بىلەن ئالاقە تورى مۇلازىمىتى ئۆزئارا ماسلاشقان تەڭپۇڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىپلا قالماي، يەنە دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەل بازارلىرىدا بىر كىشىلىك بازار ئۈلۈشى ئىگىلەيدىغان تەڭپۇڭ بازار قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈردى، بۇنىڭ بىلەن شياۋمى يېتەرلىك بىخەتەر بولدى، شۇنداقلا شىياۋمىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېتەرلىك ۋاقىت بار بولدى.



گەرچە شياۋمى شىركىتى نۆۋەتتە بەزى گۇمانلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەگەر راستىنلا شياۋمى بولمىسا، بۇ دۇنيا قانداق بولار؟  ئەگەر شىياۋمى ئەڭ دەسلەپكى« قاتتىق دېتال + يۇمشاق دېتال + ئالاقە تورى» ئەندىزىسى بولمىغان بولسا، جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرىدا چەت ئەل ماركىلىرىنى مونوپول قىلىشتەك ئەنئەنىۋى كونا تەرتىپنى بۇزۇپ تاشلاش ناھايىتى تەس ئىدى، خۇاۋېي، OPPO ۋە vivo مۇ ئىقتىدار يانفۇن دەۋرىدىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن دەۋرىگە تىپ ئۆزگەرتىشتىكى تۇتۇق مەزگىلىدە توغرا يۆنىلىشنى تېپىش ناھايىتى تەس ئىدى. ئەگەر شياۋمىنىڭ پۈتۈن ئېكران، شياۋمى ئائىلىسى، خەلقئارالىشىش ۋە IoT ساھەسىدىكى دادىل ئىزدىنىش بولمىغان بولسا، جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ۋە ئىستېمال ئېلېكتىرون كەسپىمۇ بۈگۈنكىدەك ياخشى بولمىغان بولاتتى. ئەگەر كەلگۈسىدە شىياۋمى شىركىتى بولمىسا بىر تەرەپتىن باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون كارخانىلىرى چوقۇم پايدا ئېلىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرايتى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون كەسپىدىمۇ بىر مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى كەمچىل بولاتتى ھەتتا خۇاۋېي، OPPO، vivo قاتارلىق جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ماركىلىرى سامسوڭ بىلەن ئالما قاتارلىق چەت ئەلدىكى رىقابەتچىلەرگە جەڭ ئېلان قىلغاندا، ئەڭ مۇھىم بولغان بىر جەڭگىۋار قوشۇن كەمچىل بولاتتى.  

ھەر قانداق بىر ساھەنىڭ باش كۆتۈرۈشىدە، چوقۇم ساھە ئىچىدە نۇرغۇن مۇنەۋۋەر كارخانىلارنىڭ بىرلىكتە باش كۆتۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ.  شياۋمى، خۇاۋېي، ئوپپو ۋە vivo قاتارلىق ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون كارخانىلىرى بارلىققا كەلگەچكە، كۆپچىلىك ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاپ، جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون كەسپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باش كۆتۈرۈشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى.  ئۇنىڭدىن باشقا، شياۋمى ئەندىزىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ۋە ئىستېمال ئېلېكتىرون ساھەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ئۇ يولغا قويغان« قاتتىق دېتال + يۇمشاق دېتال + ئالاقە تورى» ئەندىزىسى ۋە« دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش، ئالقىشلىنىش، تېز بولۇش » تەك ئالاقە تورى تەپەككۇرى ئاپتوموبىل كەسپى، پارچە سېتىش كەسپى، مۇلازىمەت كەسپى، ھەتتا TOB كەسىپ ئالاقە تورى ساھەسىگە كېڭىيىپ، بۇ كەسىپلەرنىڭ تەپەككۇر ئەندىزىسى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتتى.  

نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ كوللىكتىپ باش كۆتۈرۈشى بىر كەسىپنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ، نۇرغۇن كەسپلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى جۇڭگونىڭ ئومۇمىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.  ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان ئالى، تېڭشۈن، ۋەندا، ۋەنكې، گېلى ۋە چاڭچېڭ ئاپتۇموبىلى قاتارلىق جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئۈلگىلىك كارخانىلارغا قايتىپ كەلسەك، ئەگەر بۇ كارخانىلارنىڭ بارلىققا كېلىشى بولمىسا، ئابونتلار نۆۋەتتىكى سۈپەت سەۋىيىسىدىكى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ پۈتكۈل كەسپىي ساھەمۇ ھازىرقى ھالەتكە كىلەلمىگەن بولاتتى.  شياۋمى شىركىتىمۇ مۇشۇنداق بىر كارخانا، ئەگەر شياۋمىدىن راستىنلا ئايرىلىپ قالسا، بۇ دۇنيامۇ چوقۇم كۆڭلى يېرىم بولىدۇ، ئابۇنتلار ئەپسۇ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +320 ئاقچا +25 يىغىش سەۋەبى
ablimitt + 300 ياخشى يازما
alip + 20 + 25 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

مۇكەممەللىك ئاددىيلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان بولىدۇ

6ئادەم ئىنكاس يازدى

كىيىك ۋاقتى: 2019-9-21 12:40:55
ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز شاۋمىينىڭ تۆھپىسى ھەقىقەتەن زور، باھاسى مۇۋاپىق بولۇش بىلەن بىرگە تۆۋەن كىرملىك ئائىللەرنىمۇ تېخنىكا دەۋرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ جۈملىدىن بىزنىڭ مەنۋى مەدىنيتىمىز ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى، يانفۇن ئىشلەپ چىقرىش تىلۋۇزۇر ئىشلەپ چىقرىش ئائىلە ئىلكتىر سايمانلىرنى ئىشلەپ چىقرىشتىن تارتىپ ھەممە ساھەدە كىشلەرگە جۈملىدىن بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرگە تۆۋەن باھا يۇقرى سەپلىمە بىلەن تور تەرەقىيات دەۋرىگە قەدەم قويۇشقا كەڭ يول ئاچتى، مەن شاۋمىي3يانفۇن ئىلان قىلغاندىن تارتىپ ئىشلىتىپ كىلۋاتمەن، ھازىر قولۇمدا خۇڭمىي نوتى يەتتە يانفۇن بار، شۇنداق ياخشى ئىشلەۋاتدۇ، شاۋمىينى قوللاش ئۈچۈن مەن خۇڭمىي نوتى 8يانفۇننى يەنە سېتۋېلىشنى قارار قىلدىم، شاۋمىيغا ئۆچ ئوپپو ۋىيۋوغا ئامراقلار مېنى تىللاپ كەتمەڭلار يەنە، ھەر ئادەمنىڭ ئۆزنىڭ قىزقىشى تاللىشى بولدۇ، شاۋمىينىڭ مەڭگۈ باش كۆتۈرۈپ تۇرشنى ئۈمۈد قىلمەن
begtash ۋاقتى: 2019-9-21 14:08:56
شياۋمى1 يانفۇنى يۇقىرى ئىقتىدار تۆۋەن باھا ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئۈزۈپ چىققان دىيىشكە بولىدۇ،  ئەينى ۋاقىتتا باشقا ماركىلارنىڭ ئوخشاش سەپلىمىدىكىلىرى 3000 يۈەندىن تۆۋەن ئەمەس ئىدى.
بىليار ۋاقتى: 2019-9-21 17:58:46
ئاپتور ناھايىتى توغرا تەھلىل قىلىپتۇ. ئەگەر ئالما يانفۇنللىرى بولمىغان بولسا ئاندروىد سىستىمىسى، جۈملىدىن ھازىرقى ئاندروىد يانفۇنللىرى بەلكىم بولمىغان بولاتتى. بولغان تەقدىردىمۇ ھازىرقىدىن بەش يىل ياكى ئون يىل كىيىن بولاتتى. شۇنى ئېتراپ قىلىشىمىز كېرەككى دۇنياغا ئالما يانفۇنللىرى بولمىسا بولمىغاندەك ئاندروىد ۋە دۆلىتىمىز يانفۇن بازىرىدا شىياۋمى بولمىسا بولمايدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىياۋمى يوقاپ كەتسە دۆلىتىمىز بازىرى ۋە ئىستىمالچىلىرى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولىدۇ. ھازىر دەسلەپكى ئالامەتلەر ئازراق كۈرلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ شىياۋمىنىڭ ھىندىستان بازىرىغىلا ئەھمىيەت بەرمەي دۆلتىمىزنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايۇنلىرىدىكى بازارلارغا تېخىمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىپ تۆتىنچى، بەشىنچى سەپتىكى شەھەرلەر ۋە ناھىيلەردە كۆپرەك ئەمەلىي دۇكان ئېچىپ پاينى بازارغا سالغان كاپىتال بازىرىنىڭ مەبلەغ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي دۇكان ئېچىپ تېخىمۇ بەك كېڭيىشىىنى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
13139744004 ۋاقتى: 2019-9-22 10:44:55
مەن ئايرىلىپ قېلىشنى قەتتې خالىمايمەن شاۋمى ياشىسۇن مەڭگۈ روناق تاپ شاۋمى
weli ۋاقتى: 2019-9-23 12:55:19
بۇ تېمىنى كۆرۈپ كۆپ بىلىمەرگە ئىگە بولدۇم ، ئاپتورغا رەھمەت!....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部