+تېما يوللاش
sewr0998 يوللانغان ۋاقتى:2019-9-20 11:40 1004 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالما iOS 13 نىڭ رەسمىي نۇسخىسى يېڭىلاش ئۇقتۇرىشى ئەۋەتتى


01.jpg


  بۈگۈن سەھەردە، ئالما iOS 13 نى رەسمىي بازارغا سالدى، iPhone نىڭ قېنىق رەڭلىك ئەندىزىسى ئاخىرى بارلىققا كەلدى.  قېنىق رەڭ ئەندىزىسى يېڭى ئۇسلۇب ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، كۆرۈش ۋە سۈرەت تەھرىرلەشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىدى، ھەمدە يېڭىدىن شەخسىي سىرىنى قوغداپ تىزىملىتىش ئۇسۇلى.  iOS 13 يەنە ئىقتىدارى ياخشىلانغان، تېخىمۇ تېز ئادەم يۈزىنى پەرقلەندۈرۈش، تېخىمۇ ئاددىي بولغان رەسىم تەھرىرلەش قوراللىرى، شەخسىي مەخپىيەتلىك ئىقتىدارى تېخىمۇ تولۇق بولغان تىزىملاش كۆرۈنمە يۈزى، سىيرىما كۇنۇپكا تاختىسى قاتارلىقلارغا ئىگە. سىستېما ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەپنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى ئاشىدۇ. iOS 13 يەنە نۇرغۇن كىچىك تەپسىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  iOS 13 تىن باشقا، ئالما بۈگۈن يەنە watchOS 6 رەسمىي نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى.  watchOS 6 بولسا Apple Watch ئابونتلىرىنىڭ ساغلاملىق ۋە ھەرىكەت ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىشىغا، شۇنداقلا Apple Watch قا دىنامىكىلىق يېڭى جەدۋەل ۋە AppStore نى بىۋاستە ئىشلىتىشكە پايدىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالما iOS 13.1 ۋە iPadOS نى مۇددەتتىن بۇرۇن 9-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى (ئەسلىدە 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلىنماقچى بولغان).  


مىكروسوفت پاي باھاسى يەنە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى رېكورتنى يارىتىپ، ئومۇمىي بازار قىممىتى 1تىرىلىيون 80مىلىيارد دوللارغا يەتتى

02.jpg

  شىنلاڭ خەۋىرى، تۈنۈگۈن كەچتە مىكروسوفتنىڭ پاي باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى%2 ئەتراپىدا كېڭىيىپ، تارىختىكى يېڭى رېكورت يارىتىلدى، ئومۇمىي بازار قىممىتى1تىرىلىيون 80مىلىيارد دوللارغا يېتىپ، بازار قىممىتى بىرىنچى چوڭ پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت ئورنىنى داۋاملىق ئىگىلىدى.

  9-ئاينىڭ 18-كۈنى، مىكروسوفت مۇدىرىيەت يىغىنى 40 مىليارد دوللارلىق پاي چېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش پىلانىنى تەستىقلىدى، ئۇنىڭ كۆلىمى شىركەتنىڭ نۆۋەتتىكى بازار قىممىتىنىڭ تەخمىنەن% 4 ىنى ئىگىلەيدۇ، 2017-2019-مالىيە يىلىدا، مىكروسوفت تەخمىنەن 35 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق باھا بىلەن 419 مىليون پاي چېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇدىرىيەت يەنە پەسىللىك پاي ئۆسۈمىنى %11 ئۆستۈرۈپ، ھەر بىر پاينى 0.51 دوللارغا يەتكۈزدى. كۈچلۈك تىجارەت سانلىق مەلۇماتى مىكرو سوفىتنىڭ پاي باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ يىل ھازىرغا قەدەر، مىكرو سوفىتنىڭ پاي باھاسى %36 ئۆستى.


iPhone 11 يۈرۈشلۈك يانفونلىرى بۈگۈن بازارغا سېلىنىشقا باشلىدى


03.jpg


iPhone 11 يۈرۈشلۈك يانفونلىرى بۈگۈن رەسمىي سېتىلىشقا باشلىدى.  36Kr خەۋىرى، بازار يوللىرىنىڭ باھا مەلۇم قىلىش جەدۋىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچىنچى تەرەپتە، iPhone 11 نىڭ باھاسى ± 200 يۈەن بولۇپ، پەقەت يېشىل ۋە سۆسۈن رەڭدىلا باھا ئۆرلەش مەۋجۇت، مەسىلەن 256G  ئورگان تورىدىكى باھاسى 6799 يۈەن، ئۈچىنچى تەرەپ باھاسى 7000 يۈەن ئىكەن؛ iPhone 11 Pro يۈرۈشلۈكلىرىنىڭ يېشىل رەڭدىن باشقىلىرى باھاسى چۈشۈپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە iPhone 11 Pro 64 4G كۈلرەڭ نۇسخنىنىڭ باھا چۈشۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئورگان تەرەپ سېتىلىش باھاسى 8699 يۈەن، ئۈچىنچى تەرەپ باھاسى 8250 يۈەن؛ iPhone 11 ProMax يېشىل رەڭ 512G نۇسخىسىنىڭ باھاسى 700 ئۆرلىگەن.

ئۈندىدار: بۇ يىل 45 مىڭ ساختا ئالدامچىلىق تۈرىدىكى ئۈندىدار سالونىغا زەربە بېرىپ بىر تەرەپ قىلدى.


04.jpg


  ئۈندىدار تۈنۈگۈن ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى،  بۇ يىل 45مىڭ ساختا ئالدامچىلىق تۈرىدىكى سالون بىر تەرەپ قىلىندى.  بۇ ئاساسلىقى ساختا پائالىيەتلەرنى تارقىتىش، كۆرگەزمە تۈرىدىكى سالوندىن 4318 نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،  مەزمۇنى ساختا ئالدامچىلىق تۈرىدىكى سالوندىن 16535نى،  ساختا ھۆكۈمەت مۇلازىمەت ئورنى، تېلېفون نومۇرى قاتارلىق ئالدامچىلىق تۈرىدىكى سالوندىن 7676،  ئالدامچىلىق پائالىيىتى تۈرىدىكى سالوندىن 1768نى،  قوشۇمچە ئىش تېىپىپ ئىشلەيدىغان ئالدامچىلىق تۈرىدىكى سالوندىن 410 نى،  يۇقىرى كىرىملىك مالىيە باشقۇرۇش ئالدامچىلىق تۈرىدىكى سالوندىن 11 مىڭ 517 نى،  ھۆكۈمەت تەرەپ تېز يەتكۈزۈش بويىچە تۆلەم تۆلەش تۈرىدىكى سالوندىن 263نى.... بىر تەرەپ قىلغان.

  5-ئاينى مىسالغا ئالساق، ساختا ئورگان تەرەپ سالونى بولغان« فۇجيەن ئاپتوموبىل يىللىق تەكشۈرۈش» ، « پىڭئەن يېڭى بىر قەرز كەسپىنى بېجىرىش» ، «سۇپا بېجىرىش مەركىزى» قاتارلىق سالون پەيدا بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۈندىدار تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقاپ، مەڭگۈلۈك پېچەتلەپ بىر تەرەپ قىلدى.  

خۇاۋېي Mate 30 يۈرۈشلۈك تېلېفون رەسمىي ئېلان قىلىندى، سېتىلىش باھاسى 799 ياۋرودىن باشلىنىدۇ


05.jpg


  9-ئاينىڭ 19-كۈنى، خۇاۋېي گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە خۇاۋېي Mate 30 يۈرۈشلۈك  تېلېفونى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، خۇاۋېي بايراقدار يان تېلېفونى Mate 30 يۈرۈشلۈكلىرى، 65 دىيۇملۇق تېلېۋىزورى، WATCH GT ئىككىنچى ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالدى.

06.gif


بۇنىڭ ئىچىدە، خۇاۋېي Mate 30 يۈرۈشلۈك ئابونتنىڭ دىققىتىنى تارتتى.  سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە، خۇاۋىي Mate 30، خۇاۋىي Mate 30 Pro ئالدى يۈزىگە ماڭلاي ئېكران ئېكران لايىھىسى قوللىنىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە خۇاۋىي Mate 30 ئادەتتىكى ئېكران، خۇاۋىي Mate 30 Pro ئادەتتىن تاشقىرى ئەگرى يۈزلۈك OLED ئايلانما ئېكران ئىشلىتىلگەن.  سۈرەتكە ئېلىش جەھەتتە، چەمبەرسىمان ئارقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۆت دانە كامېرا قوللىنىغان.  سەپلىمە جەھەتتە، ئىككى خىل تىپتىكى تېلېفونغا 7nm ياساش ھۈنەر سەنئىتى ئىشلىتىلگەن بوبرا كېيىك 990 5G ئۆزىكى سەپلەنگەن، 40W سىملىق تېز زەرەتلەش ۋە 27W سىمسىز تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.

خۇاۋېي Mate 30 يۈرۈشلۈك ىنىڭ ياۋروپادا سېتىلىش باھاسى:
خۇاۋېي Mate 30 8GB+128GB نۇسخىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 799 ياۋرو
خۇاۋېي Mate 30 Pro 8GB+256GB نۇسخىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 1099 ياۋرو
خۇاۋېي Mate 30 Pro Pro 5G نۇسخىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 1199 ياۋرو (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 9412 يۈەن). دۆلەت ئىچى نۇسخىسى 26-سېنتەبىر شاڭخەيدە ئېلان قىلىنىدۇ.


ئالىپاي چۈمۈلە ئورمانلىقى ب د ت نىڭ ئەڭ ئالىي مۇھىت ئاسراش شان-شەرىپى«يەر شارى مۇھاپىزەتچىسى مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

07.jpg


شىنلاڭ  پەن-تېخنىكا خەۋىرى، ب د ت مۇھىت پىلان مەھكىمىسى مىكرو بىلوگدا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: ئالىپاي ئاچقان ئەپچە «چۈمۈلە ئورمانلىقى» ب د ت نىڭ ئەڭ ئالىي مۇھىت ئاسراش شەرىپى يەر شارى مۇھاپىزەتچىسى مۇكاپاتى بىلەن رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ھەرىكەت تۈرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئۈچ يىلدا 500 مىليون ئادەم تۆۋەن كاربونلۇق ھەرىكەتكە قاتناشقان بولۇپ، جەمئىي 7 مىليون 920 مىڭ توننا كاربون ئاز قويۇپ بېرىلگەن، چۆللەشكەن رايونلاردا 122 مىليون تۈپ دەرەخ تىكىلگەن، دەل-دەرەخ جەمئىي 112 مىڭ گېكتار (1 مىليون 680 مىڭ مو) يەرنى قاپلىغان.  


قەغەز كىتاب يەنىلا ئېلېكتىرونلۇق كىتابتىن بەكرەك ئالقىشقا ئېرىشكەن


08.jpg


ئامېرىكا نەشرىياتچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2019-يىللىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر ئامېرىكىدا ھەر خىل شەكىلدىكى كىتاب نەشرىياتچىلىرىنىڭ كىرىمى 26 مىليارد دوللارغا يەتكەن، باسما سانى 22 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەن، ئېلېكتىرونلۇق كىتاب كىرىمى 2 مىليارد 40 مىليون دوللارغا يەتكەن. بۇ سانلىق مەلۇماتلار سودا ۋە مائارىپ كىتابلىرى ۋە رومانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئەنگلىيە كىتاب سودىگەرلىرى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇدىرى مېرىل خولسنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە رەقەملىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باشقا كەسىپلەرنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، مەسىلەن ئاخبارات نەشرىيات ۋە مۇزىكا ئىشلىرىغا ئوخشاش، لېكىن كىشىلەر يەنىلا قەغەز كىتاب ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

CNBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇ مۇنداق دېدى: ئېلېكترونلۇق كىتاب كۆپۈكى يېرىلىپ، سېتىش تەكشى بولۇشقا يۈزلەندى، ئەمما «فىزىكىلىق ئوبيېكت» كىشىنى ئىنتايىن جەلپ قىلىدۇ. نەشرىيات سودىگەرلىرى ھازىر كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ھەشەمەتلىك كىتابلارنى ياساۋاتىدۇ، شۇڭا مۇقاۋا لايىھىسى ھەمىشە ناھايىتى چىرايلىق، ئۇلار گۈزەللىك تۇيغۇسىغا ئىگە بۇيۇم.

  ئۇ تولۇقلاپ مۇنداق دېدى، كىشىلەر ئۆزلىرى ئوقۇغان مەزمۇنلارنى نامايان قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ: كىتاب ھەۋەسكارلىرى ئۇلار ئوقۇغان مەزمۇنلارنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە خاتىرىلەيدۇ، خۇددى ئۆزىنىڭ بىر ئۆيگە بولغاندەك، كىتابلارغا ئىگە بولۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە كېلىپ، كىشىلەر بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئىپادىلىمەكچى بولىدۇ.

  Nielsen Book International سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، بېسىش جەھەتتە ئىپادىسى ياخشى بولغان تۈرلەر تەبىئەت، تاماق ئېتىش ۋە بالىلارغا ئائىت كىتابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما كىشىلەر ئامازون Kindle قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇش ئۈسكۈنىسىدە رومانتىك رومان ۋە قورقۇنۇشلۇق رومانلارنى ئوقۇشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.

  ئەگەر سىز ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇغۇچ ئارقىلىق ئوقۇسىڭىز، سىز ھازىر ئوقۇۋاتقان مەزمۇن بىلەن ھېسسىيات مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىڭىز تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ.

09.jpg

  ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياشلارمۇ باسما بۇيۇملارنى ئومۇملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئەنگلىيەدىكى%63 قەغەز كىتاب سېتىش سوممىسى 44 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەردىن، %52 ئېلېكترونلۇق كىتاب سېتىش سوممىسى 45 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەردىن كەلگەن.

لوندون كىتاب كۆرگەزمىسى مۇدىرى جېكس توماس مۇنداق دېدى: كىشىلەر دائىم بىلىمگە مۇھتاج، كىشىلەر ھەمىشە ھېكايىگە مۇھتاج، شۇڭا مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، كىتاب ساھەسى يادروسىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. كىتابنىڭ كەلگۈسىگە كەلسەك، قانداق شەكىلدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق شەكىللەر داۋاملىق قارشى ئېلىنىدۇ.  

مەنبە : LearnFans سالونى
10.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部