+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-9-20 11:36 926 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆنۈگۈن كەچتە خۇاۋېي Mate30 يانفونلىرىنىڭ خەلقئارا نۇسخىسى ئېلان قىلىندى. مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خۇاۋېينىڭ يەر شارى ئىستىمالچىلار كەسپى CEO سى يۈ چېڭ دوڭ خۇاۋېي لايىھەسىنىڭ كەسىپ ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى، iPhone 11 Pro نىڭ كەينى كامېراسىنىڭ لايىھەسىنى خۇاۋېيدىن ئۆگەنگەنلىكىنى، خۇاۋېي لايىھەسىنىڭ يېتەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

5d83ae66622768d067017c10_1024.jpg

يۈ چېڭ دوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، Mate30 تۈرىدىكى يانفونلارنىڭ ئېكرانى ئالما ئايفوندىن چوڭ، باتارىيە سىغىمىمۇ چوڭ، يىنىك، ماڭلىيى كىچىك. Mate30 دۇنيا بويچە بىردىنبىر 2-ئەۋلاد 5G يانفونى (Mate 20 X 5G بىرىنجى ئەۋلاد) ، 5G تور سۈرئىتى سامسۇڭنىڭ بايراقدار 5G يانفونلىرىدىن تېز. ئالما ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان iPhone 11 يانفونلىرى 5G نى قوللىمايدۇ.

ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالما كۈزلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالما خۇاۋېي يانفوننى ئالما بىلەن سېلىشتۇردى.

5d83ae66622768d067017c11_1024.jpg

ئالمىنىڭ سېلىشتۇرما رەسىمىدە iPhone11 تۈرىدىكى يانفونلارنىڭ A13 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى بىلەن خۇاۋېي P30 Pro نىڭ بوبرا كىيىك 980 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سېلىشتۇرما قىلىنغان.
ئاخشام ئېلان قىلغان خۇاۋېي Mate30 تۈرىدىكى يانفونلارغا خۇاۋېينىڭ ئەڭ يېڭى بوبرا كىيىك 990 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سەپلەنگەن.

20190919_215143_888.jpg

خۇاۋېي Mate30 نىڭ خەلقئارا نۇسخىسى تۆنۈگۈن كەچ گېرمانىيە مىيۇنخېندا ئېلان قىلىندى. دۆلەت ئىچى نۇسخىسى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ.

20190920073837_8369.jpg

خۇاۋېي Mate30 نىڭ سەپلىمىسى:
6.62 دىيۇملۇق OLED پۈتۈن ئېكران.
باتارىيەسى 4200mAh
كەينىگە لېيكانىڭ ئۈچ كامېراسى ئىشلىتىلگەن. يەنى، 16مىليون پىكسېللىق ئالاھىدە كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا + 40 مىليون پىكسېللىق ئاساسىي كامېرا + 8 مىليون پىكسېللىق ئۇزۇن فوكۇسلۇق كامېرادىن ئىبارەت.

0655715b35ee26620ef06c6d70cc1df7.jpg

خۇاۋېي Mate 30 Pro نىڭ سەپلىمىسى:
6.53 دىيۇملۇق OLED ئەگرى گىرۋەكلىك ئېكران.
باتارىيەسى 4500mAh بولۇپ، 40W سىملىق زەرەتلەشنى، 27W سىمسىز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.
كەينىگە لېيكانىڭ كامېراسىدىن تۆتى ئورنىتىلغان. يەنى، 40 مىليون پىكسېللىق ئاساسىي كامېرادىن ئىككى + 8 مىليون پىكسېللىق ئۇزۇن فوكۇسلۇق كامېرا + 3D چوڭقۇر سىزىش كامېراسىدىن ئىبارەت.

微信截图_20190920112238.jpg

ھەر ئىككىلىسىگە بوبرا كىيىك 990 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. ئاندرويد 10 ئاساسىدىكى EMUI10 سىستېمىسى قاچىلانغان. گوگۇلنىڭ GMS ئېكولوگىيە سىستېمىسى چىقىرۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئورنىغا خۇاۋېينىڭ ئۆزىنىڭ HMS ۋە App Gallery قاتارلىق ئەپلىرى قاچىلانغان.

باھاسى:
Mate30 نىڭ 8GB+128GB سىغىملىقى 799 ياۋرو (تەخمىنەن 6264 يۈەن) (5G قوللىمايدۇ)
Mate30 Pro نىڭ 8GB+256GB سىغىملىقى 1099 ياۋرو (تەخمىنەن 8616 يۈەن) (5G قوللىمايدۇ)
Mate30 Pro نىڭ 5G نۇسخىسى 1199 ياۋرو (تەخمىنەن 9400 يۈەن) (5G قوللايدۇ)
Mate30 RS پورسچى ئالاھىدە نۇسخىسى 2095 ياۋرو (تەخمىنەن 16426 يۈەن) (5G قوللايدۇ)

بۇ باھا خەلقئارا نۇسخىسىنىڭ باھاسى؛ دۆلەت ئىچى نۇسخىسنىڭ بۇنىڭدىن ئەرزان چىقىدۇ.





كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部