+تېما يوللاش
sewr0998 يوللانغان ۋاقتى:2019-9-19 09:10 855 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
خۇاۋېي Mate 30 Proنىڭ سۆسۈن رەڭ نۇسخىسى ئاشكارلاندى


01.jpg


  خۇاۋېي Mate 30 Proنىڭ سۆسۈن نۇسخىسىنىڭ ھەقىقىي رەسىمى ئاشكارىلاندى، كەينىنىڭ تولىمۇ روشەن نۇر قايتۇرۇش ئۈنۈمى بار. كامېرا گۇرۇپپىسىنى گۇرۇپپىلاش تەرەپتە، ئارقا كامېراسىغا يۇمىلاق شەكىللىك تۆت كامېرا لايىھەسى ئىشلەتكەن.


يىجىيا 7Tنىڭ شەكلى مۇنداق


02.jpg


  يىجىيا 7T يۈرۈشلۈكلىرى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى شىمالىي ئامېرىكا ۋە ھىندىستاندا ئالدى بىلەن ئېلان قىلىنىدۇ. ھەممە يۈرۈشلۈكلىرىگە 90Hzلىق ئېكران ئىشلىتىلىدىغانلىقى مۇقۇملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يىجىيا تېلېفونى CEOسى لىيۇ زوخۇ مۇنبەردە يىجىيا 7T تېلېفونىنىڭ ھاسىلات رەسىمىنى ئاشكارلىدى.


كېلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بەلكىم 2000يۈەنلىك 5G تېلېفونى بازارغا چىقىشى مۇمكىن


03.jpg


  تۈنۈگۈن، جۇڭگو تېلېگىرافى كېلەر يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىككى مىڭ يۈەنلىك 5G تېلېفونى چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە بازاردىكى 5G تېلېفونلارنىڭ باھاسى تۆت مىڭ يۈەندىن ئون مىڭ يۈەنگىچە.


تاۋباۋ «ئاۋاتلىق ئىزدەشلەر»(热搜) ئىقتىدارىنى چىقاردى

04.jpg


  ئالىبابا تەرەپ يېقىندا تاۋباۋنىڭ باش بېتىدە «全网热榜» ئىقتىدار بۆلىكىنى چىقارغانلىقىنى مۇقىملاشتۇردى. نۆۋەتتە تاۋباۋنىڭ بۇ ئىقتىدارى ئالما، ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ 50%دە كۈلرەڭ سىناق ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، پۈتۈنلەي ئېچىۋىتىش ۋاقىتى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.  بۇ ئىقتىداردىن ئىشلەتكۈچىلەر ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ كۆپ ئىزدىگەن مەھسۇلاتلىرىنى كۆرەلەيدۇ.


تېڭشۈن ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېنىك نەرسە تورى مەشغۇلات سىستېمىسى رەسمىي ھالدا ئېچىۋېتىلدى، ئەڭ كىچىك ھەجىمى ئاران 1.8 كىلوبايت


05.jpg


  9-ئاينىڭ 18-كۈنى ، تېڭشۈن ئوچۇق كودلۇق مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېنىك دەرىجىلىك نەرسە تورى ئەمەلىي مەشغۇلات سىستېمىسى TencentOS tiny نى ئېلان قىلدى. بازاردىكى باشقا سىستېمىلارغا سېلىشتۇرغاندا، تېڭشۈن TencentOS tiny بايلىق ئىگىلەش، ئۈسكۈنە تەننەرخى، قۇۋۋەت سەرپىياتىنى باشقۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك، مۇقىملىق قاتارلىق قاتلاملاردا كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئىگە. بۇ سىستېمىنىڭ ئوچۇق كودلۇق بولۇپ، نەرسە تورىنى ئىشلىتىش، ئېچىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئېچىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر كۇنۇپكا بىلەن بۇلۇتقا سۇپىغا چىقىرىشنى قوللاپ، بۇلۇت سۇپىسىدىكى نۇرغۇن بايلىقنى تۇتاشتۇرغىلى بولىدۇ.


تەيجىدىيەن يەر شارى بويىچە تۇنجى 2nm زاۋۇتى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئەڭ تېز بولغاندا 2024-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ


  بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە، Focus Taiwan نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەيجىدىيەن(台积电)شىركىتى 2nm تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى رەسمىي ئېلان قىلغان، بۇ ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى بولۇپ 2nm تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى باشلىغان شىركەت بولۇپ قالىدۇ.

  خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيجىدىيەننىڭ گېپى بويىچە، 2nm تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا تۆت يىل ۋاقىت كېتىدىكەن، ئەڭ تېز بولغاندىمۇ 2024-يىلىغا بارغاندا ئاندىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.  بۇ مەزگىلدە 5nm تېخنىكىسى ھەتتا 3nm تېخنىكىسى ئۆتكۈنچى مەھسۇلات بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى تەمىنلەيدۇ.

  3nm غا قارىتا، تەيجىدىيەن شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەندىكى تۇنجى 3nm زاۋۇتى 2021-يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 2022- يىلى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.  خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەن توپلاشتۇرۇلغان توك يولى شىركىتىنىڭ 3nm تەتقىق قىلىپ ياساش زاۋۇتى تەيۋەن شىنجۇغا جايلاشقان بولۇپ، مۇھىت باھالاشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن، مۆلچەرلىنىشىچە پىلان بويىچە كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، 5nm ئۆزەك گۇرۇپپىسىنىڭ سىناق مەھسۇلاتى، مۆلچەرلىنىشىچە 2020-يىلىدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. بۇ ئۆزەك گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئەۋرىشكىسىنىڭ كېلەر يىل ئىچىدە ياكى كېلەر يىل ئەتراپىدا مال بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.  


تېسلا يېڭى نۇسخىدىكىModel S نى ئېلان قىلىدۇ


9-ئاينىڭ 18-كۈنى خەۋىرى، تېسلا CEO سى ئېلون ماسك تۋىتتېردا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى Model Sغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئومۇمىي قۇرۇلما سىستېمىسى Plaid سەپلىنىدىغان بولۇپ، كېلەر يىلى 10-ئايدىن 11-ئايغىچە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.  ئۇ يەنە يېڭى ئاپتوموبىل بازارغا سېلىنىپلا قالسا، نۇربۇرگىرىڭ مۇسابىقە يولىدىكى رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

06.jpg


  ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ، تېسلا Plaid نۇسخىسىدىكى Model S نى نۇربۇرگىرىڭدا سىناق قىلىشقا ئېلىپ بارغان.  گېرمانىيە ئاپتوموبىل ژۇرنىلى Auto Motorund Sport نىڭ بىر مۇخبىرى قول بىلەن ۋاقىت ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق Plaid نۇسخىسىدىكى Model S نىڭ  مۇسابىقە يولى ۋاقتى 7 مىنۇت 23 سىكۇنت بولۇپ، پورىش Taycan دىن 20 سېكونت ئەتراپىدا تېز ئىكەن.  كۆپ قېتىم سىنىغاندىن كېيىن، يېڭى نۇسخىدىكى Model S ئاپتوموبىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي سىناق قىلىنىدۇ.

خۇاۋېي دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز AI مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلدى


07.gif


  تېڭشۈن پەن-تېخنىكا خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈنۈگۈن، 2019-يىلىدىكى تولۇق تۇتاشتۇرۇش يىغىنىدا، خۇاۋېي دۇنيادىكى ئەڭ تېز AI مەشىقلەندۈرۈش توپى شېڭ تىڭ Atlas 900 نى ئېلان قىلدى.  بۇ توپ نەچچە مىڭ شېڭ تېڭ(昇腾) بىر تەرەپ قىلغۇچتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، AI ھېسابلاش ئىقتىدارىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ResNet-50 مودېل مەشىقى جەريانىدا، Atlas 900 پەقەت 59.8 سېكۇنت ئىچىدىلا مەشىقنى تاماملىدى، بۇ ئەسلىدىكى دۇنيا رېكورتىدىن 10 سېكۇنت تېز.

08.gif


  خۇاۋېينىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى خۇ خوۋكۈن مۇنداق دېدى: Atlas 900 كۈچلۈك ھېسابلاش كۈچى ئىلمىي تەتقىقات ۋە سودا يېڭىلىق يارىتىشتا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئاسترونومىيەلىك ئىزدىنىش، نېفىت چارلاش قاتارلىق ساھەلەردە، بۇ ساھەلەردە زور سانلىق مەلۇماتلارنى ھېسابلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش زۆرۈر بولۇپ، ئەسلىدە بىر نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىنغان بولسا، Atlas900دا نەچچە سېكۇنتتا تاماملىنىدۇ.  

مەنبە : LearnFans سالونى
09.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部