+تېما يوللاش
all_kiss يوللانغان ۋاقتى:2019-9-18 11:40 1514 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
چىقىم قىلىش ماگناتلىرى يەنە مەركىزىي بانكىنىڭ جەرىمانە تالونى تاپشۇرىۋالدى

2019091715103220.jpg

چىقىم قىلىش ماگناتلىرى يەنە مەركىزىي بانكىنىڭ جەرىمانە تالونى تاپشۇرىۋالدى ، تېڭشۈن سەيفۇتۇڭ، ئامانلىق چىقىمدانى(平安付) قاتارلىقلارغا جەمئىي 1 مىليون 680 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى .چىقىم كەسپىنى كۈچلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يەنىلا داۋاملاشماقتا، تېڭشۈننىڭ قارمىقىدىكى سەيفۇتوڭ ۋە جۇڭگو ئامانلىق ساقلاش قارمىقىدىكى ئامانلىق چىقىمدانى يەنە بىر قېتىمدىن جەرىمانە تالونى تاپشۇرىۋالدى.  يېقىندا، مەركىزىي بانكا شېنجېن مەركىزىي تارماق بانكىسى ئېلان قىلغان بىر پارچە جەرىمانە تالونىدا كۆرسىتىلىشىچە، سەيفۇتوڭ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە سەيفۇتوڭ دېيىلىدۇ) چىقىم قىلىشنى راسچوت قىلىشنى باشقۇرۇش ۋە پۇل مۇئامىلە ئىستېمال ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئالاقىدار تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن، قوشۇمچە 1 مىليون 490 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.  نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەمۇرىي جازا بېرىش ۋاقتى 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى.  

01.jpg

باشقا جەرىمانە تالونىغا سېلىشتۇرغاندا، سەيفۇتوڭ بۇ قېتىم چىقىم قىلىش ساھەسىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا جازالىنىپلا قالماي، يەنە پۇل مۇئامىلە ئىستىمال ھوقوق مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئالاقىدار تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلدى.  سەيفۇتوڭ تەرەپ كۆرۈنمە يۈز خەۋەرلىرى  (界面新闻) گە جاۋاپ قايتۇرۇپ، سەيفۇتوڭنىڭ خەلق بانكىسى شېنجېن شەھەرلىك مەركىزى تارماق بانكىسىنىڭ ئىنكاس قىلغان مەسىلىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دەرھال ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، تۈر بويىچە ئۆزگەرتىش پىلانىنى تۈزگەنلىكىنى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنى، نۆۋەتتە كۆپ قىسىم ئىشلار تەرتىپكە سېلىندىغانلىقىنى ئېيىتتى.  كېيىن، سەيفۇتوڭ خەلق بانكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئابونتلارنى داۋاملىق بىخەتەر، قولايلىق، ئەلا بولغان چىقىم مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، تېڭشۈن شىركىتى 2005-يىلى 9-ئايدا كەسپىي توردا چىقىم قىلىش سۇپىسى سەيفۇتۇڭنى رەسمىي يولغا قويغان، ئۇنىڭ يادرولۇق كەسپى ئالاقە تورىدا سودا قىلىدىغان ئىككى تەرەپنىڭ چىقىم قىلىش ۋە پۇل ئېلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئالاقە تورى ئابونتلىرى ۋە كارخانىلارغا بىخەتەر، قولايلىق، كەسپىي توردا چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.  ئامما پىششىق بىلىدىغان QQ ۋە ئۈندىدار چىقىملىرى بىردەك مالىيە چىقىمدانى ئاساسىدا قۇرۇلغان. ئالاقە تورى چىقىم قىلىش ماگناتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ مالىيە چىقىمىنىڭ ئىككىنچى قېتىم جازالىنىشى بولۇپ، تۇنجى قېتىم 2017-يىلى 5-ئايدا جازالانغان، « بانكىدىن باشقا چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ توردا چىقىم قىلىش كەسپىنى باشقۇرۇش چارىسى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، 30 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇلغان.
يەنە بىر دىققەت قوزغىغان جەرىمانە تالونى جازالاش ئوبيېكتى بولسا ئامانلىق چىقىمدانى .  9-ئاينىڭ 12-كۈنى، مەركىزىي بانكا شاڭخەي شۆبە بانكىسى ئېلان قىلغان جەرىمانە تالونىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامانلىق ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە ئامانلىق چىقىمدانى دېيىلىدۇ) دا چىقىم قىلىش كەسپى بەلگىلىمىسىگە ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭغا جەمئىي 190 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.  

02.jpg

بۇنىڭغا قارىتا، ئامانلىق چىقىمدانى تەرەپ كۆرۈنمە يۈز خەۋىرىدە (界面新闻) مۇنداق جاۋاپ قايتۇردى : ئامانلىق چىقىمدانى خەلق بانكىسى شاڭخەي شۆبە بانكىسى ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بىرىنچى بولۇپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپى بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ياخشىلىدى، ھازىر تۈزىتىش تاماملاندى، كەسىپ تەرەققىياتى ئەھۋالىمىز ناھايىتى ياخشى.  شىركەت بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خېرىدارلار، كارخانىلارنى داۋاملىق كەسپىي، بىخەتەر، قولايلىق بولغان چىقىم مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.  
ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامانلىق چىقىمدانى 2002-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭگو ئامانلىق گۇرۇھى قارمىقىدىكى چىقىم قىلىش ئورگىنى، ئامانلىق 3-تەرەپ چىقىم قىلىش ماركىسى << يى ھەميانى >> نى 壹钱包 بازارغا سالغان، ھازىر D نۆۋەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تاماملىغان.  يى ھەميان ئىلگىرى ئامانلىق پۇل مۇئامىلە پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى 金融壹帐通 بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن، چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ VIE قۇرۇلمىسىغا بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرشقا ئېھتىياتچان پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى بىرلەشتۈرۈش پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغان، بۇنىڭدىن ئىلگىرى 金融壹帐通 ئامېرىكىغا بېرىپ پاي چېكىنى بازارغا سېلىشتىن بۇرۇنقى نۇتۇق پائالىيىتى ئاشكارىلانغان. بىر ئاي ئىلگىرى، ئامانلىق چىقىمدانى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالانغان.  29-ئىيۇل، ئامانلىق چىقىمدانى لياۋنىڭ شۆبە شىركىتى« غەيرىي پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ چىقىم قىلىش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» ۋە« بانكا كارتىسى تالون يىغىش كەسپىنى باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق بانكىسى شېنياڭ شۆبە بانكىسى ئۇنىڭغا 70 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان. ئۇنىڭدىن باشقا، 2017-يىلى ۋە 2018-يىلىمۇ چىقىم قىلىش كەسپى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالانغان.  2018-يىل 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، مەركىزىي بانكىنىڭ شاڭخەي شۆبە بانكىسى ئېلان قىلغان جۇڭگو خەلق بانكىسى شاڭخەي شۆبە بانكىسىنىڭ مەمۇرىي جازا ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش جەدۋىلى (شاڭخەي بانكا جەرىمانە ھۆججىتى [2018] نىڭ 32-نومۇرلۇق) دا كۆرسىتىلىشىچە، ئامانلىق چىقىمدانى كەسپىي بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.  2017- يىلى 8- ئاينىڭ 25- كۈنى، مەركىزىي بانكا شاڭخەي شۆبە بانكىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئامانلىق چىقىمدانى ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش چەكلىك شىركىتى چىقىم قىلىش كەسپى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، 40 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، سەيفۇتوڭ ، ئامانلىق چىقىمدانى قاتارلىقلار چىقىم قىلىش ساھەسىدىكى ماگناتلار. ئۈچىنچى تەرەپ ئورگىنى ئەي رۈي ئېلان قىلغان 2019Q1   دا جۇڭگو ئۈچىنچى تەرەپ كۆچمە چىقىم سودا كۆلىمى بازار ئۈلۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى Q1، ئالى چىقىمدانىنىڭ بازار ئۈلۈشى% 53.8 بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان سەيفۇتوڭ چىقىمدانى (ئۈندىداردا چىقىم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) % 39.9 بولغان، ئۈچىنچىسى يى  ھەميانى بولۇپ، % 1.6 نى ئىگىلىگەن.  
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتى يەنىلا داۋاملاشتى.  مەركىزىي بانكىنىڭ ئاشكارىلاش ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە جەمئىي 81 چىقىم قىلغۇچى ئورگان خەلق بانكىسىنىڭ جازالاش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، جازالاش سوممىسى جەمئىي 120 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.  بۇنىڭ ئىچىدە ئون مىلىيون دەرىجىلىك جەرىمانە تالونىمۇ بار.  بۇ يىل 7-ئايدا، مەركىزىي بانكا شاڭخەي شۆبە بانكىسى ئۇچۇر پەن-تېخنىكا شىركىتى (تۆۋەندە خۇەنشۈن چىقىمدانى دەپ ئاتىلىدۇ ) گە 59 مىليون 394 مىڭ 100 يۈەن جەرىمانە تالونى كېسىپ، چىقىم قىلىش ساھەسىدە بىر قېتىملىق جەرىمانە سوممىسى ياراتتى.  جەرىمانە تالونى ئۇچۇرىدىن ئايان بولۇشىچە، خۇەنشۈن چىقىم قىلىش كەسپى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەركىزىي بانكا شاڭخەي شۆبە بانكىسى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلدى، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 9686811.16 يۈەن مۇسادىرە قىلىندى، ھەمدە 49707245.21 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى، جەمىي 59394056.37 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى ھەمدە بۇ شىركەتنىڭ ئالاقىدار جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى ھەمدە جەرىمانە قويۇلدى.  8-ئايدا، مەركىزىي بانكا بېيجىڭ تىجارەت باشقۇرۇش بۆلۈمى يىجىفۇ پەن-تېخنىكا (بېيجىڭ) چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە يىجىفۇ دەپ ئاتىلىدۇ易支付  ) گە 16 مىليون يۈەنگە يېقىن جەرىمانە تالونى كېسىپ بەردى.  جەرىمانە تالونى ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار بولغاچقا، جەمئىي 15 مىليون 995 مىڭ 100 يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.  يىجىفۇنىڭ ئىككى مەسئۇلىغىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن، جەمئىي 445 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.  بۇنىڭدىن باشقا، مەركىزىي بانكا مەملىكەت مىقياسىدا چىقىم راسچوتىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ .
مۇكەممەللىك ئاددىيلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان بولىدۇ

1ئادەم ئىنكاس يازدى

نادان01 ۋاقتى: 2019-10-24 17:11:56
مۇشۇ سەيفۇتۇڭ توغۇرلۇق مەشمۇن يوللسڭىز بولاتتى مىنىڭ ئىككى مىڭ يۈەن پۇلۇمنى يۇقاپ كەتتى مۇشۇنىڭ ئىچدە باكەن ئالالمىدىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部