+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-9-18 11:44 1061 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
9-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە vivo NEX 3 يانفونى رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ يانفوننىڭ 5G ۋە 4G نۇسخىلىرى بار.

20190916_204745_394.jpg

vivo NEX 3 كە ئىككى يېنى ئەگرى 6.89 دىيۇملۇق گىرۋەكسىز ئېكران ئىشلىتىلىگەن. يان تەرىپىنىڭ ئەگىرىلىك دەرىجىسى 90 گىرادۇسقا يىتىدۇ. FHD+AMOLED ئېكران. sRGB ۋە HDR 10 ئۆلچىمىنى قوللايدۇ. پۈتۈن ئېكران نىسبىتى %99.6 ئەڭ يورۇق يۇرۇقلۇقى 800nit ، ئەڭ تۆۋەن يورۇقلۇقى  1.9nit ؛

微信截图_20190918105139.jpg

ئالدى كامېراسى تارتما شەكىلىدە. ئالدى كامېراسى 0.65 سېكۇنتتا چىقىپ بولىدۇ. ئەڭ يېڭى ئېكران بارماق ئىزى تونۇش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن. 3.5mm تىڭشىغۇچ تۆشۈكى ساقلاپ قېلىنغان.

20190916_200802_41.jpg

vivo NEX 3 يانفونىغا كۇۋالكوم Plus  ‏855 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. 5G  ئەڭ يۇقىرىسىنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى 12GB بولۇپ، ھەممە تىپلىرىگە UFS 3.0 يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن.

微信截图_20190918105116.jpg

باتارىيەسى 4500mAh بولۇپ، 44W لىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. C-DRX توك تېجەش تېخنىكىسى قوللىنىلغان. مەخسۇس ئىسسىقلىق تارقىتىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان.

20190916_204739_961.jpg

كەينى كامېراسى 64 مىليون پىكسېللىق ئاساسىي كامېرا + 13 مىليون پىكسېللىق ئۇزۇن فوكۇسلۇق كامېرا + 13 مىليون پىكسېللىق كەڭ بولۇڭلۇق كامېرادىن ئىبارەت ئۈچ كامېرادىن تۈزۈلگەن. 2 ھەسسە ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىشنى قوللايدۇ. كېچىدە رەسىم تارتالايدۇ. 4K ئېنىقلىقتا 60fps سىن ئالالايدۇ. ئالدى كامېراسى 16 مىليون پىكسېل.

20190916_200030_784.jpg

X ئوقلۇق سىزىقلىق ماتور ئىشلىتىلگەن (تىتىرتىش قۇرۇلمىسىغا) ، NFC قوللايدۇ. Type-C ئېغىزى بار.

4G نۇسخىسى 8GB+128G سىغىملىقنىڭ باھاسى 4998 يۈەن
5G نۇسخىسى 8GB+256G سىغىملىقنىڭ باھاسى 5698 يۈەن
5G نۇسخىسى 12GB+256G سىغىملىقنىڭ باھاسى 6198 يۈەن
9-ئاينىڭ 21-كۈنى سېتىش باشلىنىدۇ.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

نەپرەت007 ۋاقتى: 2019-9-18 18:18:13
ئىقتىدارى زاپچاس ھەممىسى نوچى كەن
ئەپسۇس  پۇلىمۇ يەتكۈچە باكەن   بىزدەك باللىغا قىممەت چۈشكۈدەك ھەي…………
25yax ۋاقتى: 2019-9-20 22:14:22
پۇچۇق ئالما  تېلفۇندىن  تۆۋەن  چىقىدىكەن  باھاسى ، پۇچۇق ئالما تېلفۇنىنى ساقلاپ، تۇراي
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部