+تېما يوللاش
all_kiss يوللانغان ۋاقتى:2019-9-15 13:06 952 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالىنىڭ بازار قىممىتى جىڭدۇڭنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، نېمىشقا دۇنيادىكى 500 كۈچلۈكنىڭ رەت تەرتىپىدە ئالى يەنىلا جىڭدۇڭنىڭ كەينىدە؟  

ئاۋۋال جاۋابىنى دەيلى : جىڭدۇڭنىڭ رەت تەرتىپى ئالىنىڭ ئالدىدا بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئاساسلىقى قوللىنىلىۋاتقان دەرىجە كۆرسەتكۈچى ئوخشىمايدۇ خالاس.
u=3721432788,749815139&fm=173&app=49&f=JPEG.jpg

بۇلتۇر 7-ئايدا« بايلىق» ژۇرنىلى باھالاپ چىققان دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكىدە، جىڭدۇڭ 181 ىنجىدىن 139 غا، ئەلى 300 دىن 182 گە، تېڭشۈن 331 دىن 237 گە ئۆرلىگەن. رەت تەرتىپى بويىچە قارىغاندا، جىڭدۇڭ ئۇدا نەچچە يىل ئالى ۋە تېڭشۈننى بېسىپ، ئىزچىل ئالدىدا تۇرغان.  2019- يىلى 9- ئاينىڭ 14- كۈنىگىچە، ئالى بابانىڭ بازار قىممىتى 466 مىليارد 482 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، ئوخشاش مەزگىلدىكى جىڭدۇڭنىڭ بازار قىممىتى ئاران 45 مىليارد 561 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، ئالى بابانىڭ بازار قىممىتى جىڭدوڭدىن ئون ھەسسە يۇقىرى، لېكىن نۆۋەتتىكى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئورنىدا بولسا جىڭدۇڭ ئالى بابانىڭ ئالدىدا، بۇ نېمە ئۈچۈن؟  

دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ رەت تەرتىپكە تىزىش ئاساسى
نۆۋەتتىكى بايلىق ژۇرنىلى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ تەرتىپى تىزىش قائىدىسى بولسا كارخانىنىڭ تىجارەت كىرىمىگە ئاساسەن رەتكە تۇرغۇزۇلىدۇ. جىڭدوڭنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپىي ئەندىزىسى ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش، يەنى جىڭدۇڭ بىر چوڭ تاللا بازىرىغا ئوخشايدۇ. بىز ئۇنىڭدىن نەرسە سېتىۋالىمىز، ئۇ بىزگە سېتىپ بېرىدۇ، بىز سېتىۋالغان ھەر بىر مەھسۇلاتنىڭ سوممىسى جىڭدۇڭنىڭ تىجارەت كىرىمى ھېسابلىنىدۇ. ئالى بابا ئاساسلىقى بىر سۇپا ياكى سەھنە، يەنى باشقا كارخانىلارنىڭ ماكانلىشىشىغا سورۇن بىلەن تەمىنلەيدۇ، بىز سېتىۋالغان مەھسۇلاتنى ئۈچىنچى تەرەپ كارخانىسىدىن سېتىۋالىمىز، بىزنىڭ سېتىۋېلىش سوممىمىز ئالىنىڭ تىجارەت كىرىمى ھېسابلانمايدۇ . شۇڭا ئەلا بابا بىر ئۇنىۋېرسال گەۋدىگە ئوخشايدۇ، دۇكاننى ئۈچىنچى تەرەپكە ئىجارىگە بېرىدۇ، ئاندىن ئىجارە ئالىدۇ، شۇڭا ئالى بابانىڭ كىرىمى جىڭدوڭدەك يۇقىرى ئەمەس.
u=1458077131,768380944&fm=173&app=49&f=JPEG.jpg

ئەلۋەتتە جىڭدۇڭ پەقەت تىجارەت كىرىمى جەھەتتىلا ئالى بابانىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردە، مەيلى بازار قىممىتى ياكى پايدىسى بولسۇن ياكى باج تاپشۇرۇش قاتارلىقلاردا بولسۇن، جىڭدۇڭ بىلەن ئالى بابانى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.  ساپ پايدىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، 2018-يىلى ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ ساپ پايدىسى 13 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان، ئەمما ئوخشاش مەزگىلدىكى جىڭدۇڭ گۇرۇھىنىڭ ساپ زىيىنى 377 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان (جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسى پايدا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن جىڭدۇڭنىڭ باشقا بۆلەكلىرى، مەسىلەن، ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىقلار ھازىر يەنىلا زىيان تارتىش ھالىتىدە تۇرۇپ، پۈتكۈل گۇرۇھ پايدىسىنىڭ مەنپىي سان بولۇشىغا تۈرتكە بولغان).  
u=10422631,733380029&fm=173&app=49&f=JPEG.jpg
جىڭدۇڭ بىلەن ئالىنىڭ تىجارەت ئەندىزىسى ئوخشىمىغاچقا، ليۇ چياڭدوڭ ئىزچىل مۈلۈك تىجارىتى يولىدا ماڭدى، يەنى ئەشيا ئوبروت تورىنى ئۆزى قۇرۇپ، ئۆزى ئامبار قۇرۇپ ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىشتا چىڭ تۇردى. دەل مۇشۇنداق خۇسۇسىي تىجارەت ئەندىزىسى جىڭدوڭنىڭ ئادەم كۈچى ۋە مالىيە كۈچى سېلىنمىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، شۇڭا تىجارەت كىرىمى يۇقىرى، ئەمما ساپ پايدىسى تۆۋەن بولۇش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. ئالى بابا بولسا« ئىجارە يىغىش سودا سارىيى » بولۇپ، ئۆزى تىجارەت قىلمايدۇ، پەقەت تېخنىكا ئارقىلىق سودا ئېكولوگىيە سېستىمىسى ۋە كەسىپ زەنجىرىدىن پۇل تاپىدۇ، خۇددى ۋەندا مەيدانىغا ئوخشاش، ئاۋال قۇرۇپ ئاندىن ئىجارە ئالىدۇ.  يىغىنچاقلىغاندا، يۇقىرىدا دىيىلگەن جىڭدۇڭنىڭ رەت تەرتىپى ئالىدىن يۇقىرى بولۇش پەقەت تىجارەت كىرىمى جەھەتتىنلا ئىبارەت. ئوخشاش بولمىغان جەھەتلەردىكى كۆرسەتكۈچلەرنىڭ رەت تەرتىپى پەرقى ھەقىقەتەن ناھايىتى چوڭ، شۇڭا جىڭدۇڭ گۇرۇھىنىڭ مەلۇم جەھەتتە ئالىدىن يۇقىرى بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، پەقەت ھەر قايسى جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ئېشىپ كەتسە، ئاندىن ھەقىقىي نوچى ھېسابلىنىدۇ. خۇددى مايۈن ئېيىتقاندەك ، ئالى بابا بولسا نۇرغۇنلىغان جىڭدۇڭنى بەرپا قىلىدىغان سەھنىدۇر .
مۇكەممەللىك ئاددىيلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان بولىدۇ

1ئادەم ئىنكاس يازدى

نەپرەت007 ۋاقتى: 2019-9-17 21:38:42
توغرا   ئالى بابا  چوڭ بىر سەھنە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部