+تېما يوللاش
all_kiss يوللانغان ۋاقتى:2019-9-15 13:02 915 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئامېرىكا كۆز تىكىۋاتقان خۇاۋېي، داجياڭ، خەيكاڭ ۋېيشى قاتارلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىدىن باشقا، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قايسى يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى كۈرەش قىلىۋاتىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە پەقەت ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلسىلا، ئاساسىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ئېلىمىزنىڭ دۇنيادا مەلۇم سەۋىيىگە ئىگە پەن-تېخنىكا كارخانىسى، شۇنداقلا ئامېرىكا قورقىدىغان كارخانا دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ماشىنىسازلىق سانائىتى ئۇچۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىل 5-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئامېرىكا ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شىركەتتىن 143 ى بار، جۇڭگو شياڭگاڭدا 91 ى بار، جۇڭگو تەيۋەندە بىر شىركەت بار، باشقا دۆلەتلەردىكى خۇاۋېي تارماق شىركىتى 26گە يەتتى، جۇڭگو كارخانىلىرىدىن جەمئىي 261 سى ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئامېرىكا ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكى ئومۇمىي سانىنىڭ 21.9 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، روسىيىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكى كارخانا سانى بويىچە ئىككىنچى چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ .  
u=1459208727,2696763257&fm=173&app=49&f=JPEG.jpg

ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز بولمىغان دۆلەت كارخانىلىرى بار، مەسىلەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا سانائىتى گۇرۇھى 2- يۇرتى، جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا گۇرۇھى قارمىقىدىكى نۇرغۇن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە جۇڭگو تېخنىكا ئىمپورت-ئېكىسپورت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو خۇاتېڭ سانائەت چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو گۇاڭخې گۇرۇھى قاتارلىقلار. شۇڭا بۇنىڭدىن  دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۇنچە بەك ئاجىز ئەمەسلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، مەسىلەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى گۇرۇھى، ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا تېخنىكىسى يەنىلا ناھايىتى كۈچلۈك. ئۇنىڭدىن باشقا 2019- يىلى 4- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بىر تۈركۈم« خەتەرلىك تىزىملىك» نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى 37 شىركەت ۋە ئالىي مەكتەپ، شۇنداقلا ئالتە شياڭگاڭ كارخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تىزىملىكتە يەنە بىر شىياڭگاڭ كارخانىسى بار بولۇپ، جەمئىي يەتتە شياڭگاڭ كارخانىسى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر ئامېرىكا كارخانىلىرى تىزىملىكتىكى ئاپپاراتلارنى مال بىلەن تەمىنلىمەكچى بولسا، يېڭى ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، ھەمدە ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلغاندا ئېھتىياتچان بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
u=2936331876,3602263172&fm=173&app=49&f=JPEG.jpg
ھازىر كونكرېت كارخانىلار بەك كۆپ بولۇپ كەتتى، بىز بىر نەچچە كارخانىنى خالىغانچە مىسال قىلىپ كۆرەيلى:
جۇڭكې شۇگۇاڭ 【中科曙光】
جوڭكې شۇگۇاڭ ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئۈچ بالا شىركەت: تيەنجىن خەيگۇاڭ، چېڭدۇ خەيگۇاڭ توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، چېڭدۇ خەيگۇاڭ مىكرو ئېلېكتىرون تېخنىكىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كارخانىلار ئىچىدە، ئۇنداقتا جۇڭكې شۇگۇاڭ قايسى تېخنىكىدا كۈچلۈك؟ دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر بولسا جوڭكې شۇگۇاڭ گۇرۇھىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نۇقتىسى . ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان دۇنيادىكى TOP 500 دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگونىڭ 219 دانە ھېسابلاش ماشىنىسى بولۇپ رەت تەرتىپتە بىرىنچى، ئامېرىكىنىڭ  116 دانە ماشىنسىى رەت تەرتىپتە ئىككىنچى بولۇپ بۇ 219 دانە ماشىنا ئىچىدە، جۇڭكې شۇگۇاڭ 63 نى ئىشلىپچىقىرىپ تاپشۇرغان، شۇڭا بۇ كارخانا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.  
u=3608078470,3766499389&fm=173&app=49&f=JPEG.jpg

جىڭدۇڭفاڭ 【京东方】
جىڭدۇڭفاڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىدىكى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ يېڭىلىق يارىتىش شىركىتى.  ئامېرىكىنىڭ سودا پاتېنت سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى جىڭدۇڭفاڭ ئامېرىكىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىش مىقدارى جەھەتتە يەر شارى بويىچە 17-ئورۇندا تۇرۇپ، ئامېرىكا IFIClaims TOP20 دىكى ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان كارخانىغا ئايلانغان. دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى( WIPO)  2018-يىللىق دۇنيا خەلقئارا پاتېنت ئىلتىماسى (PCT) ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، جىڭدۇڭفاڭ 1813 دانە PCT ئىلتىماسى بىلەن يەر شارى بويىچە 7-ئورۇندا تۇردى.  
بازار مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى IHS نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى جىڭدۇڭفاڭ سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكرانىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى پۈتۈن يەر شارىنىڭ% 25نى ئىگىلىگەن، ئومۇمىي مال چىقىرىش مىقدارى يەر شارى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. 2019-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدە، جىڭدۇڭفاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكرانى، تەكشى ئېكرانلىق كومپيۇتېر ئېكرانى، خاتىرە كومپيۇتېر كۆرسىتىش ئېكرانى، PCئېكرانى، تېلېۋىزور ئېكرانى قاتارلىقلارنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. جىڭدۇڭفاڭ شىركىتى نۆۋەتتە خۇاۋېينىڭمۇ ئەڭ ئاساسلىق تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ بىرى.  
u=473148760,24326094&fm=173&app=49&f=JPEG.jpg

خېبېي يۈەندۇڭ خەۋەرلىشىش سىستېما قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى【河北远东通信系统工程有限公司】
بۇ ئىسىمنىڭ ئاددى-ساددا ئىكەنلىكىگە قارىماڭ، بۇ كارخانىمۇ ئامېرىكا تەرىپىدىن ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كارخانا. ئۇنداقتا خېبېي يۈەندۇڭ خەۋەرلىشىش سىستېما قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى نېمە ئىش قىلىدۇ؟ خېبېي يۈەندۇڭ خەۋەرلىشىش سىستېما قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى خەۋەرلىشىش ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، سىستېما لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە مۇلازىمەت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش، ئۇچۇر سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇش، ئانتېننا ۋە ئاپتوماتىك كونترول قىلىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق يۇقىرى پەن تېخنىكا كارخانىسى ھېسابلىنىدۇ. ئاساسلىق كەسپىي ساھەسى بولسا : سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىسى، چېچىلما خەۋەرلىشىش، مىكرو دولقۇنلۇق كۈچ ئۇلاپ ئالاقىلىشىش، سىمسىز ئۇلاش، رەقەملىك توپ، پروگراممىلىق كوممۇتاتور ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ماشىنىسى، رادىئو-تېلېۋىزىيە، ئېلېكتىر كۈچىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ۋاقىت چاستوتىلىق ئۈسكۈنىسى، كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇش ۋە سىمسىز تېلېگراف كۆزىتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 2002-يىلى شىركەتنىڭ كەڭ چاستوتا بەلبېغىلىق سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىسى يەر شارى پونكىتى ئانتېنا ئىشلەپچىقىرىشى دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەشكەن ئۈلگە قۇرۇلۇشى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.  ئەلۋەتتە يۈەندۇڭ ئالاقىسىنىڭ ئەڭ نوچى تېخنىكىسى بولسا ئۇچۇر ئورۇنلاشتۇرۇش ماشىنىسى( دىسپېتچېرلىق ماشىنىسى )، ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرما مەھسۇلاتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ% 70تىن ئارتۇق ئېلىكتىر كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس تورىنى قاپلىدى، رېلىسلىق قاتناش خەۋەرلىشىش مەھسۇلاتى بولسا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 40شەھەردىكى 140تىن ئارتۇق رېلىسلىق قاتناش لىنىيەسىنى قاپلايدۇ. باشقا مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلىرى ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىغا تارقالغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق خەۋەرلىشىش سىستېمىسى قۇرۇلۇش شىركىتى ھېسابلىنىدۇ.  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +30 ئاقچا +20 يىغىش سەۋەبى
alip + 30 + 20 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

مۇكەممەللىك ئاددىيلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان بولىدۇ

1ئادەم ئىنكاس يازدى

begtash ۋاقتى: 2019-9-17 15:35:12
شۇنچە قىيىنچىلىق ئاستىدىمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان كارخانىلارغا ئاپرىن. دۆلىتىمىز يۇقىرى تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ تىخىمۇ قۇدىرەت تىپىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部