+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-9-14 12:20 1355 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ھەر قېتىم يېڭى يانفون ئېلان قىلىنغاندا نۇرغۇن تورداشلار «يېڭىلىق يوق» دەپ ئىنكاس يازىدۇ. تۆۋەندىكىسى يېڭىلىققا لىققىدە توشقان يانفونلار:

تاشسىمان يانفون
بۇ Miguel Harry لايھىلىگەن يانفون بولۇپ، سىرتقى شەكىلى تاشقىلا ئوخشايدۇ. قوش ئېكرانى بار، سىيرىلىپ ئېچىلىدۇ. بۇ يانفوندا تېلفون ئۇرۇپ، قۇبۇل قىلغىلىلا بولىدۇ. باشقا ئىقتىدارى يوق.
微信图片_20190822014342.jpg

قەلەم يانفون
ئەنگىلىيەنىڭ Zanco شىركىتى دۇنيا بويچە ئەڭ كىچىك يانفون Zanco قەلەم يانفوننى ياسىغان.
Zanco Smart-Pen بىر قەلەم چوڭلۇقىدىكى يانفون. بۇ يانفوننى كۆك چىش بىلەن ئادەتتىكى يانفونغا ئۇلاپ ئىشلەتكەندىن باشقا، sim كارتا سېلىپ مۇستەقىل يانفون قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. كامېرا سەپلەنگەن، سىن ئالغىلى، رەسىمگە تارتقىلى بولىدۇ.
52f7fb9d028a46f69e5848ccfccab56d.jpg

5ff42650f0e646eeab0792a6c12e86d6.gif

0ff492371e094f3cbc9eb48c0d1a0318.gif

ئۈنئېلىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئاۋاز خاتىرلىگۈچ قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

ئەڭ ئەقىلىي ئىقتىدارسىز يانفون

cf8771cc59ff46fea52ee3925a4c5cd0.jpg

ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفوندىن بىزار بولۇپ كەتكەن بىرسى لايھىلىگەن يانفون. يانفوننىڭ گەۋدىسىدە پەقەت كۇنۇپكىسىلا بار. ئېكرانى چوققىسىدا، بۇرۇنقى BB چاقىرغۇغا ئوخشايدۇ.

0447648a885946e0acc46cc251e791b4.jpg

82998fe008d04715979cd389c81a6058.jpg

ئېكرانى رەڭسىز ئېكران، پەقەت رەقەملا كۆرۈنىدۇ. پەقەت 10 تېلېفون نومۇرىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. پەقەت تېلېفون ئۇرۇش ئىقتىدارىلا بار. 10 دىن كۆپ تېلفون نومۇرنى قانداق ساقلاش كېرەك؟ بۇ يانفوننى لايھلىگۈچىلەرنىڭ ئۇنىڭىمۇ ئامالىنى قىلىپ يانفوننىڭ كەينىگە قەغەز تېلفون دەپتىرىنى قىستۇردىغان قىلىپ لايھىلىگەن.

«يانفون ئەمەس» يانفون
بۇ ئامېرىكىدىكى بىر شىركەت لايھىلىگەن «يانفون» The NoPhone
بۇ «يانفون» نىڭ سىرتقى شەكىلى ئايفون 6 گە ئوخشايدۇ. باھاسى 10 ئامېرىكا دوللىرى. ھېچقانداق ئىقتىدارى يوق .

7d1f3ec5d6504ef1b35ecea2816f7100.jpg

423d453ab9a541e98bb5974823735a49.jpg

شەكىلىدىن باشقا ھېچقانداق ئىقتىدارى يوق بۇ «يانفون» سېتىلىشقا باشلاپ قىسقىغىنە ۋاقىتتا 2000 دىن كۆپ سېتىلغان.
80d3aa37cf504f268e7cf83bcf33258c.jpg

ئىسسىقلىقنى سېزىدىغان يانفون
Cat S60 ناملىق بۇ يانفون ئەڭ چىداملىق يانفون. بۇ يانفوننى 5 مىتېر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇدا ئۇدا بىر سائەت ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئارمىيەنىڭ MIL 810G سىنىقىدىن ئۆتكەن. 1.8 مىتېر ئىگىزلىكتىن بىتون ئۈستىگە تاشلىسىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ. ℃55 ئىسسىققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.

1ed62d52bcbf440bbabfe81392f68d44.jpg

d0e378f8108245d58600cf8b9b33f39c.jpg

b64568a5157b402c9f7424a7524ab17b.jpg

بۇ يانفوننىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارى - ئىسسىقلىق كامېراسى FLIR Lepton سەپلەنگەن. 30 مىتېر يىراقلىقتىكى ئىسسىقلىق تارقىتىۋاتقان جىسىمنىڭ ئىسسىقلىقىنى سېزىپ رەسىمگە تارتالايدۇ، سىن ئالالايدۇ. ئادەم كۆزى بىلەن كۆرەلمەيدىغان تۇمان، ئىس-تۈتەكتىن ئۆتۈپ ئىسسىقلىقنى سېزىدۇ. تېمپراتۇرا، يورۇقلۇق مىقدارىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

نەپرەت007 ۋاقتى: 2019-9-14 12:34:08
ھەيران قالارلىق لىكىن كىمۇ قىزىقسۇن ھى ھى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部