+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-9-13 11:22 1611 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تېڭشۈن ئىچكى قىسىمدا ئىناۋەتلىك چىقىم قىلىش مەھسۇلاتى «بۆلۈپ چىقىم قىلىش (分付) » نى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.
خەۋەر قىلىنىشچە تېڭشۈن ئىچكى قىسىمدا ئىناۋەتلىك چىقىم قىلىش مەھسۇلاتى «بۆلۈپ چىقىم قىلىش (分付) » (ۋاقىتلىق ئىسىم) نى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئالىپاينىڭ خۇابېيغا ئوخشاش مەھسۇلاتى بولۇپ، ئۈندىداردا پۇل تۆلىگەندە بەلگىلەپ بەرگەن سومما ئىچىدە ئالدىن پۇل تۆلەپ، كېيىن مۇددەتكە بۈلۈپ قەرز قايتۇرسا بولىدۇ.
«بۆلۈپ چىقىم قىلىش» بۇ يىل تۆتىنجى پەسىلدە چىقىرىلدىكەن. نۆۋەتتە بىر قىسىم بانكا ۋە پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش باسقۇچىدا ئىكەن.
RPWxOyL9qSLfos.jpg


گوگۇل OPPO بىلەن ھەمكارلىشىپ كامېرا تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلدى.
9-ئاينىڭ 11-كۈنى گوگۇل ئاچقۇچىلار يىغىنىدا، گوگۇل Camera X تېخنىكىسىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى تونۇشتۇردى. ھەمدە ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلغان كارخانىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە OPPO ، سامسۇڭ، LG، motorala قاتارلىقلار بار.
يىغىندا ئوپپو Camera X تېخنىكىسى ئاساسىدىكى گۈزەللەشتۈرۈش، HDR، كېچىدە سۈزۈك سىن ئېلىش قاتارلىق ئىقتىدارىنى كۆرگەزمە قىلدى.
RbhrpAh8ohnpnK.jpg

سانائەت-ئۇچۇر مىنىستىرلىكى يانفون كارخانىلىرىنى يانفونغا «چاستوتىسى تىزگىنلەنگەن سىگنال قۇبۇللاش مودېلى» ئورنىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.
ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان يانفونغا «چاستوتىسى تىزگىنلەنگەن سىگنال قوبۇل قىلىش مودېلى» (رادىئو) نى ئورنىتىش تەكلىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چاستوتىسى تىزگىنلەنگەن سىگنال قوبۇل قىلىش مودېلى تېخنىكىسى پىشقان، تەننەرخى تۆۋەن، يان تېلېفۇن تېرمىنالى بايلىقى ۋە توك سەرپىياتى مۇۋاپىق بولغان ئەھۋالدا، يان تېلېفۇن زاۋۇتلىرىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قۇراشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يان تېلېفۇن ئابونتلىرىنىڭ جامائەت ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ھەمدە مۇۋاپىق پەيتتە ئالاقىدار ئۆلچەملەرنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىش كېرەك.  
190912153140681.jpg

iPhone 11 نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە باتارىيە سەپلىسىمى
مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا iPhone 11 نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە باتارىيە سەپلىسىمى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئاشكارىلانمىغان. تۆنۈگۈن Geekbench يېڭى ئايفوننى سىناق قىلغان ئۇچۇرىنى ئاشكارىلغان بولۇپ iPhone 11 تۈرىدىكى ئۈچ خىل يانفوننىڭ ھەممىسىنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى 4Gb ئىكەن. ئىلگىرى ئاشكارىلانغان ئۇچۇردا iPhone 11 Pro ۋە iPhone 11 Pro Max نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى 6Gb پەقەت  iPhone 11 نىڭ 4Gb دەپ كۆرسىتىلگەن.
20190912_174323_847.png


iPhone 11 نىڭ باتارىيەسى: 3110mAh
iPhone 11 Pro نىڭ باتارىيەسى: 3190mAh
iPhone 11 Pro Max نىڭ باتارىيەسى: 3500mAh
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部