+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-9-11 11:31 1507 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
شۇ جاي ۋاقتى 11-سىنتەبىر ئەتىگەندە ئالما شىركىتى يېڭى مەھسۇلات يىغىنى ئېچىپ يېڭى iPhone 11 ، ئايپەد، ئالما سائىتى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلدى.
iPhone 11 يۈرۈشلۈكى بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئۈچ خىل.

20190911024721_7020.jpg

iPhone 11 ئالدىنقى ئەۋلاد iPhone XR نىڭ دەرىجىسى كۆتۈرۈلگىنى. ئېكرانى 6.1 دىيۇم.
iPhone 11 Pro ئالدىنقى ئەۋلاد iPhone XS نىڭ دەرىجىسى كۆتۈرۈلگىنى. ئېكرانى 5.8 دىيۇم.
iPhone 11 Pro Max ئالدىنقى ئەۋلاد iPhone XS Max نىڭ دەرىجىسى كۆتۈرۈلگىنى. ئېكرانى 6.5 دىيۇم.

9947a0f6dc0c4ba0bc514c1d2522b58e.jpg

iPhone 11 نىڭ كەينىگە قوش كامېرا ئورنىتىلغان. 12 مىليون پىكسېل، f/1.8 كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا+ 12 مىليون پىكسېل ئالاھىدە كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرادىن ئىبارە. °120 لۇق كەڭ بۇلۇڭلۇق سۈرەتكە تارتالايدۇ، 2 ھەسسە فوكۇس ئۆزگەرتەلەيدۇ. 4K 60fps سىن ئالالايدۇ.

5d77e6226227680cf4000789_1024.jpg

iPhone 11 نىڭ ئالدى كامېراسى 12 مىليون پىكسېل، بۇمۇ ئوخشاشلا  4K 60fps سىن ئالالايدۇ، ئاستىلىتىپ سىن ئالالايدۇ. ئېكرانى 6.1 دىيۇم LCD ئېكران.
iPhone 11  نىڭ ئاق، قارا، قىزىل، يېشىل، سېرىق، سۆسۈن قاتارلىق ئالتە خىل رەڭدىكىسى بار.

微信截图_20190911111213.jpg

iPhone 11 Pro、11 Pro Max  نىڭ كەينىگە ئۈچ كامېرا سەپلەنگەن. ئۇلار: 12 مىليون پىكسېل  f/1.8 ئاساسىي كامېرا، ئالاھىدە كەڭ بۇلۇڭلۇق 12 مىليون پىكسېللىق f/2.4 كامرا، °120 گىرادۇسلۇق سۈرەتكە تارتالايدۇ؛ 12 مىليون پىكسېللىق 52mm لىق ئۇزۇن فوكۇسلۇق كامېرادىن ئىبارەت. 2x ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئالما شىركىتى پات ئارىدا سىستېمىسىنى يېڭىلاپ بىر سېكۇنتتا ئون نەچچە پارچە رەسىم تارتالايدىغان قىلىدىكەن.


8e94a279b39c4e5bb4ab70bee37e953b.jpg

بۇ قېتىمقى iPhone 11 يۈرۈشلۈكلىرىنىڭ يارقىن نۇقتىسى كامېراسى، رەسىم تارتىش، سىن ئېلىش ئىقتىدارىدۇر. كېچىدە سۈرەت تارتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان. قاراڭغۇ كېچىدىمۇ سۈزۈك رەسىمگە تارتالايدۇ.

20190911_023314_592.jpg

iPhone 11 Pro、11 Pro Max چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش پروگراممىسى ئارقىلىق ئۈچ كامېرادا تارتىلغان رەسىمنى ئەڭ ياخشى ئۈنۈمدە بىرلەشتۈرەلەيدىكەن؛ ھەمدە ئالدى كامېراسى بىلەن جەمئى تۆت كامېرادا بىرلا ۋاقىتتا ئايرىم سىن ئالالايدىكەن. بىر تال iPhone 11 Pro بولسا كەسپى «ئوپېراتورغا» ئايلىنالايسىز دېگەن گەپ.

5d77ee996227680cf400087c_1024.jpg

iPhone 11 Pro غا 5.8 دىيۇم OLED ئېكران،  iPhone 11 Pro Max قا 6.5 دىيۇم OLED ئېكران سەپلەنگەن. بۇ يېڭى OLED ئېكرانىڭ سېلىشتۇرما دەرىجىسى 2000000:1 ، يورۇقلۇقى  1200 nits كە يېتىدۇ. ئالدىنقى ئەۋلادقا قارىغاندا %15 توك تېجەيدۇ.

76738e72e0a44109ab41091547397a35.jpg

بۇ قېتىمقى iPhone 11 يۈرۈشلۈكلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئالما  A13 Bionic مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. بۇ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچقا 8 مىليارد 500 مىليون كىرىستال لامپا توپلاشتۇرۇلغان. 6 يادرولۇق؛ ئىقتىدارى A12 كە قارىغاندا %20 ئاشۇرۇلغان. ماشىنلىق ئۆگىنىش سۈرئىتى 6 ھەسسە تېزلىتىلگەن. بىر سېكۇنتتا 1 تىرىلىيون قېتىم مەشغۇلات قىلالايدۇ. ئالما  A13 Bionic مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ CPU、GPU ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، سامسۇڭ S10+ ، خۇاۋېي P30 Pro  ۋە گوگۇل Pixel 3 كە سەپلەنگەن كۇۋالكوم 855 ، بوبرا كىيىك 980 دىن خېلىلا ئۇزاپ كەتكەن.

8134efa9b9c04e8ebad24090b696024d.jpg

f200c2a5cb984d4d887aba871c3bec5f.jpg

توك سەرپىياتى ئازايتىلىپ، باتارىيەنىڭ ئۆمرى ۋە توكىنىڭ ئۇدا يىتىش ۋاقتى كۆرىنەرلىك ئۇزارتىلغان.
iPhone 11 نىڭ توكى iPhone XR تىن بىر سائەت ئارتۇق يىتىدۇ. iPhone 11 Pro نىڭ توكى iPhone XS تىن تۆت سائەت ئارتۇق يىتىدۇ. iPhone 11 Pro Max نىڭ توكى بەش سائەت ئارتۇق يىتىدۇ. سىمسىز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. لوگوسى ئوتتۇرغا يۆتكەلگەن.
iPhone 11 Pro、11 Pro Max يانفونى 18W لىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. USB-C نى Lightning كە ئايلاندۇردىغان سىم سەپلەنگەن.
iPhone 11 نىڭ بۇرۇنقىدەك 5V1A لىق زەرەتلىگۈچىسى بار.
بۇ ئۈچ يانفوننىڭ ھەممىسىدە 3D Touch ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 3D چىراي تۇنۇش ئىقتىدارى ياخشىلانغان. FaceID تېخىمۇ كەڭ بۇلۇڭدا چىراي تونۇيدۇ.
يان رامكىسىغا داتلاشماس پولات، كەينىگە نۆۋەتتىكى ئەڭ قاتتىق ئەينەك ئىشلىتىلگەن. IP68 دەرىجىسىدە سۇدىن، چاڭ-توزاندىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ.

20190911_023221_318.jpg

微信截图_20190911111157.jpg

بۇ ئۈچ يانفوننىڭ ھەممىسىدە قوش كارتا، قوش تور قوللايدۇ. ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە iPhone 11 نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى 4G ; قالغان ئىككىسنىڭ 6G دېيىلگەن. بۈگۈنكى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر يوق. ھەممىسىگە iOS 13 قاچىلانغان. 5G قوللىمايدۇ.



30d35e349e3b416e815632c70341f6e0.jpg



بۇ يانفونلارغا 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ئالدىن زاكاس ئېلىنىپ، 20-چېسلا مال ئەۋەتىشنى باشلايدۇ.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

adlkb ۋاقتى: 2019-9-11 18:09:50
ئالمىنىڭ IOS13سېستىمىسغا  ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاىتىسى قۇشۇلۇپتۇ
alimalmas ۋاقتى: 2019-9-11 20:50:18
قوشكارتا قوللامدا،  
مۇشۇ ئەڭ چوڭ يېڭىلىق ئۇخشايدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部