+تېما يوللاش
all_kiss يوللانغان ۋاقتى:2019-9-10 11:02 1710 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
9-ئاينىڭ 10-كۈنى، 55 ياشلىق ما يۈن بىر يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان« پېنسىيە پىلانى» بويىچە، ئالى بابا مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن رەسمىي ئىستىپا بىرىدۇ .  «ئالىبابانى قۇرۇپ خاتالىق ئۆتكۈزۈش» ، « سودا ساھەسىگە خاتا كىرىپ قېلىش» ....... نەچچە يىلدىن بۇيان، ما يۈن كۆپ قېتىم سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزىنىڭ « باشقا ئىش قىلماقچى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى .  ئۇنداقتا، ھازىر ئالى بابا مۇدىرىيىتىدىن « پېنسىيەگە چىقىش» تىن كېيىن ما يۈن يەنە قايسى ساھەلەردە داۋاملىق «ئىش ئورنى » غا چىقىدۇ؟  

01.jpg

«چېكىنسىمۇ ئارام ئالمايدىغان » ئالى بابا ھەمكارلاشقۇچىسى  
«ئالى ئەزەلدىن مايۈنگە تەۋە ئەمەس، لېكىن مايۈن مەڭگۈ ئالىغا تەۋە» ، ما يۈن ئۆزىنىڭ ئوچۇق خېتىدە يەكۈنلەپ، كەلگۈسىدىكى ئۆزىنىڭ ئالى بابادىكى ئورنىنى دەلىللىدى.  ما يۈن گەرچە ئالى بابا مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئالى بابادىن ئايرىلمىدى.  نۆۋەتتە، ما يۈن يەنىلا ئالىدا ئىككى سالاھىيەتكە ئىگە ، يەنى ئالى بابانىڭ 001  - نومۇرلۇق خىزمەتچىسى ۋە ئالى بابا نىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى .  ئالى بابانىڭ سىستېمىسىدا، مۇدىرىيەت رەئىسى« باش مۇدىر» غا باراۋەر.  ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا« باش مۇدىر ئىچىدىكى باش مۇدىر»، يەنى ئالى بابانىڭ مۇدىرىيەت يىغىنى ھەمكارلاشقۇچىلار ئىچىدىن سايلاپ چىقىدۇ، ئەنئەنىۋى قائىدىگە ئوخشاش پاي تەقسىماتىغا قارىتا سايلاپ چىقىلمايدۇ .  نۆۋەتتە، ئالى بابانىڭ ئىككى« مەڭگۈلۈك شېرىكى» بار، ئۇلارنىڭ بىرى قۇرغۇچى ما يۈن، يەنە بىرى بولسا« 18 ئارخات» نىڭ بىرى سەي چۇڭشىن.  شۇڭا، ئالىنىڭ ھازىرقى تۈزۈمىدىن قارىغاندا، ما يۈن پەقەت كۆپ قىسىم ھوقۇقلارنى قويۇپ بەرگەن، لېكىن نۇرغۇن مەسىلىلەردە، ما يۈن يەنىلا بەلگىلىك تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە. «بۇنىڭدىن كېيىن 20 مىلياردتىن تۆۋەن مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىدا مەندىن سورىماڭلار» ، ما يۈن كۆپ قېتىم ئالىنىڭ ئىچكى قىسمىدا «يوشۇرۇن چېكىنىش» خاھىشىنى  ئىپادىلىگەن ، بىراق بەزى مۇھىم تەدبىرلەرنى بەلگىلىگەندە، ما يۈن بەلكىم ئالىدىن پىنسىيەگە چىقالماسلىقى مۇمكىن .  ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ما يۈن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالى بابانىڭ لىدىرى، ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى قاتارلىق نۇرغۇن خىزمەت ئورنىدىن ئىستېپا بەردى.  بۇ يىلقى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، ئاللىقاچان ما يۈننىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق« پېنسىيەگە چىقىش» بولۇپ قالدى، لېكىن بۇ قېتىم ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ھوقۇقى ئەڭ چوڭ خىزمەت ئورنىدىن ئىستېپا بەردى.  بىراق، مايۈننىڭ ئالى بابادىن يەنە تۆتىنچى قېتىملىق پېنسىيەگە چىقىش پىلانى بولۇشى مۇمكىن.  

02.jpg

1-نۇمۇرلۇق جامائەت پاراۋانلىقى پىدائىيسى
ئالى بابا شىركىتىنىڭ 001 - نومۇرلۇق خىزمەتچىسىلىك سالاھىيىتىدىن باشقا، ما يۈننىڭ ئەڭ يېڭى« ئىسىم كارتىسى» دا يەنە بىر مۇھىم كۆرۈنۈش بار، ئۇ بولسىمۇ« بىرىنچى نومۇرلۇق جامائەت پاراۋانلىقى پىدائىيسى» . ئۇ پېنسىيىگە چىققان ئوچۇق خېتىدە، ما يۈن ئۆزىنىڭ خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  « تەبىئەتنى قوغداش جەمئىيىتى-ما يۈن» ، بۇ ما يۈن ئىلگىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان مىكرو بىلوگ نامى.  ئالى بابا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دېگەن نام بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ما يۈن ساخاۋەتچى، مائارىپچى ئارقىلىق ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشنى بەكرەك ياقتۇرىدىكەن.  كۆپ يىللاردىن بۇيان، ما يۈن ئالىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، لېكىن « تەبىئەتنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى» باشتىن-ئاخىر ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس نامى بولۇپ كەلدى.
شەرق تورى ئاخبارات مۇخبىرلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، گەرچە ما يۈن ئاللىقاچان كارخانىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا نۇرغۇن جامائەت پاراۋانلىقى تەشكىلاتلىرى ئىچىدە مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.  « تەبىئەتنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى» دىن باشقا، ما يۈن يەنە« تاۋخۇايۈەن ئېكولوگىيە قوغداش فوندى جەمئىيىتىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى» ، « ما يۈن جامائەت پاراۋانلىقى فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى» قاتارلىق كۆپ خىل سالاھىيەتكە ئىگە.  بۇ جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى خىزمەت ئورنى ھەرگىزمۇ ما يۈننىڭ« پېنسىيەگە چىقىش» سەۋەبىدىن يوقاپ كەتمەيدۇ، ئەكسىچە يەنە ما يۈننىڭ كەلگۈسىدىكى مۇھىم پائالىيەت سورۇنى بولۇپ قالىدۇ.

03.jpg

بۇنىڭدىن باشقا، ما يۈن نۇرغۇن دۇنياۋى تەشكىلاتلاردا رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.  ئۇ« ئالى بابا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش فوندىنىڭ رەئىسى» بولۇپلا قالماستىن، يەنە« ب د ت ياشلار ئىگىلىك تىكلەش ۋە كىچىك كارخانىلار ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى» ، ھەتتا« ب د ت دۇنيا ئاياللار باشلىقلار يىغىنى ئالاقە يىغىنىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. << ئۆيگە قايتىپ ئايالىمنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، شىركەتتە ئايال خىزمەتدىشىمنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلايمەن، بۇ مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى>>.  كۆپ يىللاردىن بۇيان، ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى قاتارلىق پۈتۈن دۇنيا كۆڭۈل بۆلىدىغان جامائەت پاراۋانلىقى تېمىلىرىنى چۆرىدەپ، ما يۈن باشتىن-ئاخىر ھەر خىل خەلقئارا سەھنىلەردە پەيدا بولدى. كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى يېقىن كەلگۈسىدە، ما يۈننىڭ ئىشلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مۇھىت ئاسراش، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقى ساھەسىدىن ئايرىلالمايدۇ.  

04.jpg

يېزا كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى
يېزا كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى ___ بۇ ما يۈننىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى نامى، ئوخشاشلا ما يۈن قوبۇل قىلغان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى.  « مەن مائارىپقا قايتىمەن، ئۆزۈم قىزغىن سۆيىدىغان ئىشنى قىلىش مېنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرىدۇ ۋە بەخت ھىس قىلدۇرىدۇ » .  ئۆزىنىڭ پېنسىيىگە چىققان ئوچۇق خېتىدە، ما يۈن ئۆزىنىڭ قايتا مائارىپ ساھەسىگە قايتىش ئويىنى ئېنىق بىلدۈردى.  ئىگىلىنىشىچە، 1984-يىلى، ما يۈن خاڭجۇ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئىنگلىز تىلى فاكۇلتېتىغا ئالاھىدە قوبۇل قىلىنغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن« ئوقۇتقۇچى» دىن ئىبارەت بۇ ئىش ئورنى بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە ئورناتقان.  ئىگىلىك تىكلەشتىن بۇرۇن، ما يۈن ئالتە يىلدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى بولغان، ئالى بابا ئەمدىلا قۇرۇلغان مەزگىلدە، ما يۈننىڭ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلىرى پاناھ ئىزدەپ كەلگەن.  ما يۈن ئىلگىرى ئاشكارا ھالدا مۇنداق دېدى: مەن « ما مۇئەللىم» بولۇشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن، « ما باش دىرېكتور» ئەمەس.  « ما مۇئەللىم» نىڭ سالاھىيىتى ئاستىدا ئىككى مۇھىم سەۋەپ بار،  بىرى خۇپەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، لېكتور، يەنە بىرى بولسا ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى« يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى پىلانى» نىڭ ئەمەلىي ئىجراچىلىرى .

06.jpg

«كارخانىچىلار پۇل تاپالايدىغان بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئەھمىيەتلىك پۇل تېپىش كېرەك» خۇپەن  ئۇنۋېرستىتىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك مەكتەپ مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپ يىللاردىن بۇيان، ما يۈن ئىزچىل تۈردە ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتى بىلەن بىۋاستە كارخانىچىلارغا تەلىم-تەربىيە بىرىپ كەلدى . دىدى شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ليۇ چىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى ھەممىسى ما مۇئەللىمنىڭ « ئوقۇغۇچى» لىرىدۇر .  كارخانىچىلارغا دەرس ئۆتۈشتىن باشقا، « ما مۇئەللىم» باشتىن-ئاخىر يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقاردى.  2015-يىلى 9-ئايدا، « ما يۈن يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى مۇكاپاتى» رەسمىي تەسىس قىلىندى.  كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا، ما يۈن فوندى جەمئىيىتى ئارقا-ئارقىدىن« ما يۈن يېزا-كەنت مەكتەپ مۇدىرى پىلانى» ۋە« ما يۈن يېزا-كەنت پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى پىلانى» قاتارلىق كۆپلىگەن يېزا-كەنت مائارىپى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان جامائەت پاراۋانلىقى پىلانىنى ئېلان قىلدى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، تۆت يىلدىن بۇيان، بۇ بىر قاتار يېزا-كەنت مائارىپ پىلانى بويىچە جەمئىي 40 نەپەر مەكتەپ مۇدىرى، 400 نەپەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇتقۇچى، 100 نەپەر پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىسى قوبۇل قىلىنىپ، بەش يېزا-كەنت ياتاقلىق مەكتىپى سىناق نۇقتىسى ۋە 14 يېزا-كەنت ئۆسمۈرلەر سارىيى قانات يايدۇرۇلۇپ، 80 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ مۇدىرىغا ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا تەسىر كۆرسەتكەن.  ما يۈن ئېغىرلىق مەركىزىنى تەدرىجىي ھالدا« ئوقۇتقۇچى» دىن ئىبارەت بۇ سالاھىيەتكە يۆتكىشىگە ئەگىشىپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى توپى چوقۇم تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە دىققەت قىلىشقا ئېرىشىدۇ.  

07.jpg

تەيجى گۇمپىسى ئويناپ، تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىش
  شەرق تورى مۇخبىرى  نۆۋەتتە كارخانا ساھەسىدە ما يۈننىڭ كۆپىنچىسى « مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ ئاندىن  چېكىنىش» كە دىققەت قىلدى.  چىشىنباۋ  سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ما يۈن 17 شىركەتتە قانۇنىي ئىگە، 16 شىركەتتە مۇدىر ياكى  يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولغان.  ھازىر ما يۈن پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ شىركەتتە قانۇنىي ئىگە ۋە تۆت شىركەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى بولۇپ ، % 75 تىن ئارتۇق كارخانا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.  نۆۋەتتە، ما يۈن يەنىلا تەيجى چەن خەلقئارا مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرى، بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى بولسا لى ليەنجيې.  ئىگىلىنىشىچە، بۇ شىركەت ئاساسلىقى تەيجى گۇمپىسى تەربىيەلەش، تەيجى گۇمپىسى بازىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىدىكەن.  
ئاشكارا سورۇنلاردا، « ئالىنى قۇرغىنىغا پۇشايمان قىلغان جەك ما » ئۆزىنىڭ پەقەت ئىككى ئىشنى قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ: ئون نەچچە يىل ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەن ۋە ئون نەچچە يىل تەيجى گۇمپىسى ئىشلىگەن. «گۇمپا مەشىق قىلغان ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن، لىكىن ئىزچىل ئىشتىن سىرتقى»  مايۈن ئۆزىنىڭ تەيجى گۇمپىسى سەۋىيىسىگە مۇشۇنداق باھا بەردى.  ما يۈننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ئۆزى ئاز دېگەندە سەككىز نەپەر تەيجى ئۇستازىغا تاۋاپ قىلغان.  ئۇنىڭ خىزمەت شېرىكى لى ليەنجيې ما يۈننى تېخىمۇ ماختىدى: « تەيجى يەتتە بۆلەكنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈردى، ما يۈننىڭ ھەرىكىتى بەش بۆلەك، ئەمما قەلبى ۋە خىيالى يەتتە بۆلەك بولدى» .

08.jpg

2018-يىلى، ما يۈن ئۆزىگە ئۈچ كىچىك نىشاننى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ماددا بولسا :<< ئۆزى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ھەم ئۇزاققىچە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بىر تۈرلۈك تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى تېپىپ چىقىش>>.  كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ، تەيجى چوقۇم« پېنسىيىگە چىقىش» دىن كېيىن ما يۈن ئالدى بىلەن تاللايدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى.  ئەلۋەتتە، ما يۈننىڭ چىڭ تۇرغان ھەرىكىتى بەلكىم« تەيجى» لا ئەمەس.  پېنسىيە پىلانى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ما يۈن كۆپ قېتىم نەق مەيداندا جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆردى، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، ما يۈن يەنە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىغا مۇنداق دېدى: <<  مەن كۆپچىلىكنىڭ مال سېتىۋېلىش ھارۋىسىنى قۇرۇقداپ قويىمەن! >>

09.jpg

ئاياللار پۇتبول كوماندىسى تەرەپتە، ما يۈن باشلامچى بولۇپ چىقىمدان جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنى ئىقتىسدىي جەھەتتىن قوللىدى، يەنى ئون يىل ئىچىدە 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدۇ،ھەمدە بارلىق سودا ھوقۇقىدىن ۋاز كىچىدۇ ، ، نام تەلەپ قىلىش ھوقۇقى يوق، توپچىلار كىيىمىگە ماركىمۇ بېسىلمايدۇ.  بۇنىڭدىن باشقا، ما يۈن ئوخشاشلا مەبلەغ چىقىرىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاياللار پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە ياردەم بېرىپ، ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلەشكە ياردەم بەردى.  يەنە بىر تەرەپتىن، 2022-يىلى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.  يېقىندىلا « خاڭجۇ شەھىرىدىكى تۆھپىكار شەھەر ئاھالىسى» شەرىپىگە ئېرىشكەن ما يۈن چوقۇم تەنتەربىيە ساھەسىدە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك.  

مايۈن جوڭگۇ تۇپرىقىنى ئۆزگەرتتى، كارخانىچى بولۇش ئاسان، ئەمما ئۇلۇغ كارخانىچى بولماق ئاسان ئەمەس. ئەينى ۋاقىتلاردا ھىچكىم ياراتمىغان مايۈن ئەنە ئەمدى جوڭگۇدىكى ئۇلۇغ كارخانىچىلارنىڭ باشلامچىسىغا ئايلاندى. مايۈن نۇقۇل بىر شەخس ياكى كارخانىچى ئەمەس كارخانىچىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى. مايۈن باشلىغان بۇ شامال پۈتۈن جوڭگۇ تۇپرىقىنى ئىللىتىپ ، تۇرمۇشىمىزنىڭ قاتلام قاتلاملىرى باشقىدىن مەناغا ئىگە بولماقتا ، ئاخىرىدا بىز ما مۇئەللىمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىشىنى، ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى ۋۇجۇدغا چىقىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز !

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +50 ئاقچا +30 يىغىش سەۋەبى
alip + 50 + 30

باھا خاتىرىسى

مۇكەممەللىك ئاددىيلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان بولىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部