+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-9-10 10:58 2148 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى « تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى ۋە جامائەت ساغلاملىقى» دا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، توخۇ گۆشى قاتارلىق ئۆي قۇشلىرى گۆشىنى يېسە ئادەمنىڭ بەزى راك كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش خەۋىپىنى ئاشۇرۋېتىدىكەن، مەسىلەن: يامان سۈپەتلىك قارا پىگمېنت ئۆسمىسى، غەيرىي خودكىن لىمفا ئۆسمىسى ۋە ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكى قاتارلىقلار توخۇ گۆشى يىيىش بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن.  تەتقىقات پەقەت توخۇ گۆشى بىلەن ئالاھىدە راك كېسىلىنىڭ باغلىنىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇ خىل باغلىنىشنى كۆپ خىل ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

s_d55c4e5566a34086b482e99fd0925c82.jpg

بۇ تەتقىقاتتا 475000 نەپەر 37 ياشتىن 73 ياشقىچە بولغان ئەنگىلىيىلىك ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىنغان. 2006-يىلدىن 2014-يىلغىچە ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئەھۋالى ۋە ئۇلار گىرىپتار بولغان كېسەللىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلغان، زىيارەت قىلىش مەزگىلىدە تەخمىنەن 23 مىڭ ئادەم راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.  بۇ تەتقىقات بىر باغلىنىشلىق ئانالىز قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىسى پەقەت توخۇ گۆشى بىلەن ئالاھىدە راك كېسىلىنىڭ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. توخۇ گۆشى بىلەن بۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇشنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمىگەن بولۇپ كۆپ خىل ئامىللار بۇ خىل باغلىنىشچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.  گۆشنىڭ ئۆزىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولۇشىمۇ مۇمكىن، گۆشنى پىشۇرۇش جەريانىدا قۇشۇلغان خۇرۇچ ياكى پۇشۇرۇش ئۇسۇلىدا مەسىلە بولۇشىمۇ مۇمكىن.
بۇ تەتقىقات يەنە، كالا گۆشى، قوي گۆشى قاتارلىق ھايۋانات گۆشىنى يىيىش سۈت بېزى راكى، مەزى بېزى راكى ۋە بوغماق ئۈچەي راكى قاتارلىق راك كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش خەۋىپىنى ئاشۇرۋېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

akaxxx ۋاقتى: 2019-9-11 20:41:53
توخۇنى تىز چوڭ قىلىپ تىزراق پۇل تىپىش ئۈچۈن توخو يىمەكلىكىگە مەخسۇس تىز چوڭايتىش خۇرۇچلىرىنى قوشۇمىشكەن،   شۇڭا مەخسۇس چوڭايتىلغان توخۇ گۆشلىرى بىر خىل تەمسىز يۇمشاق  سۆكەكلرىمۇ يىتىلمىگە  كۆمۈرچەك ھالەتتە بولىمۈشكەن…،
شۇڭا ئۆيدە كاتەكتە تابىي چوڭ بوغان تەبىي دانلىغان توخۇ گۆشلىرى ييشلىك تەملىك مىزلىك بولىمۈشكەن،
dhan ۋاقتى: 2019-9-17 01:14:25
مانا مەن ھازىرمۇ توخۇ بېقىۋاتىمەن ، ئىككىنچى قېتىم بېقىشىم ماۋۇ. ئالدىنقى قېتىم مىڭ دانە توخۇ بېقىپ  5000 كوي ئەتراپىدا زىيان تارتتى، سەۋەبى بولسا قوناق ،كىپەك ،چىگىت كۈنجىرىسى  بىرىپ باققىنىم بولدى، شۇنىڭ بىلەن يەنەبىر قېتىم باقماقچى بولۇۋاتىمەن ، ئەمدى ئۆزىنىڭ تەييار داندىن باشقا نەرسە بەرمەيمەن ، چۈنكى قوناق بىرىپ باققاندا 80 كۈندە بەك چوڭايغىنى ئاران ئىككى يېرىم كىلو كەلدى، لىكىن باشقىلار تەييار داندا باققان توخۇلار  80 كۈندە  3.8كىلودىن كەپتۇ ، باشقىلار پايدا ئاپتۇ لىكىن مەن 80 كۈن بىكارغا ئىشلىگەندىن سىرت قوشلاپ زىيان تارتىۋاپتىمەن  
شۇڭا دەيمەن بەك توخۇ يەيمەن دىسەڭلا  يەرلىك توخۇ ئىلىپ پىشۇرۇپ يەڭلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部