+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-9-9 12:03 1264 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالما iPhone دۇنيا مىقياسىدا كىشىلەر ئەڭ ياختۇردىغان يانفون. بۇ يانفوننىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىدىغان نۇسخىسىمۇ ھەر خىل. مەسىلەن: دۆلەت نۇسخىسى، شىياڭگاڭ نۇسخىسى، ئامېرىكا نۇسخىسى، ياۋرۇپا نۇسخىسى، ياپونىيە نۇسخىسى، كورىيە نۇسخىسى دېگەندەك. (国行、港版、美版、欧版、日版、韩版)

67930d07f30e625a08a59c2bf7db6185.png

ئۇنداق بۇ نۇسخىلىرىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
ئايفوننىڭ بىر خىل تىپىدىكى ھەر خىل دۆلەت، رايون نامى بىلەن ئاتالغان نۇسخىلىرىنىڭ سەپلىمىسى، ئىشلەتكەن ماتېرىيالى ئوخشاش. تېزلىك، ئىقتىدار جەھەتتە پەرق قىلمايدۇ. باھاسى، قوللايدىغان تور، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتىدە پەرق بار.

7e3c02e396990f7b59a9d26ce832a118.jpg

1. باھاسى جەھەتتە
ھەر قايسى دۆلەت، رايونلارنىڭ باج نىسبىتى، ئىشلەپچىقارغان ئورۇننىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ھەر قايسى نۇسخلىرىنىڭ باھاسىدا خېلى پەرق بار. ئالما شىركىتى ئامېرىكىنىڭ كارخانىسى بولغاچقا ئايفوننىڭ باھاسى ئامېرىكىدا ئەڭ تۆۋەن. يەنى ئامېرىكا نۇسخىسى ئەڭ ئەرزان. (جۇڭگودا قۇراشتۇرۇلسىمۇ ئامېرىكىغا ئېلىپ بېرىلىپ ئاندىن سېتىشنى باشلايدۇ)
ئۇنىڭدىن قالسا شىياڭگاڭ نۇسخىسى ئەرزان، دۆلەت نۇسخىسى ئەڭ قىممەت.
iPhone X نى مىسال قىلساق بۇ يانفوننىڭ دۆلەت نۇسخىسى ئامېرىكا نۇسخىسىدىن 2000 يۈەن قىممەت، شىياڭگاڭ نۇسخىسى ئامېرىكا نۇسخىسىدىن 1200 يۈەن قىممەت.

cfb47543b1eda17ff150d58f49089a99.jpg

87e8a58b8dedc450b96a966122dff6b2.jpg
ئىزاھات: بۇ جەدەلدىكىسى نۆۋەتتىكى سېتىلدىغان باھاسى ئەمەس. مىسال ئۈچۈن چىقىرىلدى.

2. تور جەھەتتە
ھەر قايسى دۆلەت، رايونلاردا ئىشلىتىدىغان تور ئۆلچىمى ئوخشىمىغاچقا، ئايفوننىڭ ھەر قايسى دۆلەت رايونلار نۇسخىسىدىكى تورىدا پەرق بار.
دۆلەت نۇسخىسى دۆلەت ئىچىدىكى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىشنىڭ 2/3/4G تورىنى قوللايدۇ.
شىياڭگاڭ نۇسخىسى كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 2/3/4G تورىنى، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 2/3/4G تورىنى، تېلگىرافنىڭ 4G تورىنى قوللايدۇ. شىياڭگاڭ نۇسخىسىدىكى iPhone X جۇڭگو تېلگىراف كارتىسنى قوللىمايدۇ.

9a514cfca45c7d5720bc980fa6706db2.jpg

ئامېرىكا نۇسخىسى ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق تۆت خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئوخشىمىغان تورىنى قوللايدىغان ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.
ئامېرىكىدا AT&T, TMobile, Sprint, Verizon دەپ تۆت خەۋەرلىشىش شىركىتى بار. بۇنىڭ ئىچىدە AT&T ، TMobile ئىككى شىركەت تېلگىراف 2G/3G ۋە كۆچمە 3G تورىنى قوللىمايدۇ.  Sprint, Verizon ئىككى شىركەتنىڭ قوللايدىغان تورى دۆلەت نۇسخىسىغا ئوخشاش. ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىشنىڭ 2/3/4G تورىنى قوللايدۇ.
ئامېرىكىدىكى بۇ تۆت خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ توختاملىق ئايفونىنى پەقەت ئامېرىكىدىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. قۇلۇپلۇق ئايفون دېگەن شۇ. بۇنداق ئايفوننى دۆلىتىمىزدە ئىشلەتمەكچى بولسا كارتىغا چاپلايدىغان بىر توك يولى بار، شۇنى چاپلاپ، قۇلۇپنى ئېچىپ ئاندىن ئىشلىتىدۇ، بولمىسا SIM كارتىنى تونۇمايدۇ.

v2-1ff4b7edecf42bee71098fbb5db8a061_1200x500.jpg

كورىيە نۇسخىسى ئامېرىكا نۇسخىسىغا ئوخشايدۇ.
ياپونىيە نۇسخىسى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىشنىڭ  2/3/4G تورىنى قوللايدۇ. بەزى قۇلۇپلىقلىرى جۇڭگو تېلگىرافىنى قوللىمايدۇ.

3. سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت
دۆلەت نۇسخىسىدىكى iPhone نىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى ئەڭ قولايلىق. پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا سېتىشتىن كېيىن رېمۇنت، سۈپەت كاپالىتى مۇلازىمىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
شىياڭگاڭ نۇسخىسىمۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتا سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولالايدۇ، ئەمما چەكلىمىسى بار. Apple Store دىن مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى تەمىنلىشى ھەمدە نورمال يول بىلەن سېتىۋالغان تالونى بولۇشى كېرەك. بولمىسا دۆلەت ئىچىدە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى رەت قىلىدۇ.

87e5df32019bff52edcffaf1c691b85b.jpg

ئامېرىكا، ياپونىيە نۇسخىسىدىكى ئايفوننى دۆلەت ئىچىدە ئاساسەن سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتتىن بەھىرمان بولغىلى بولمايدۇ.

4. باشقا پەرق
دۆلەت نۇسخىسى، ئامېرىكا نۇسخىسى، شىياڭگاڭ نۇسخىسىدا رەسىم تارتىش ئاۋازىنى تاقاپ قويغىلى بولىدۇ. كورىيە، ياپونىيە نۇسخىسىدىكى ئايفوندا رەسىم تارتىش ئاۋازنى تاقاپ قويغىلى بولمايدۇ. ئوغىرلىقچە رەسىمگە تارتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق بەلگىلەنگەن.
دۆلەت نۇسخىسىدىكى ئايفوندا فېيسبوك دېگەندەك دۆلەت سىرتىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.
دۆلەت نۇسخىسىدىكى ئايفوننىڭ سىمسىز تور تەڭشىكىدە WAPI دەيدىغان بىر تەڭشەك ئارتۇق. بۇ سىمسىز تورنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مەخسۇس دۆلەت نۇسخىسىدىكى ئايفونغا قوشۇلغان.

00549c597a0615c29902c193788808d1.jpg

ئايفوننىڭ تەڭشىكىدىكى 关于本机 ۋە 监管 دىن ئۇ يانفوننىڭ قايسى نۇسخىسىدىكى ئايفون ئىكەنلىكى، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى قايسى دۆلەت، رايونغا ماس كېلىدىغانلىقى قاتارلىق تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

رۇھ ۋاقتى: 2019-9-9 15:37:16
يەنلا قىممەت بولسىمۇ دۆلەت نۇسخىسى ياخشى ئكەن ھە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部