+تېما يوللاش
sewr0998 يوللانغان ۋاقتى:2019-9-5 10:18 1508 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
كېلەر يىلى ئەتىيازدا ئالما بەلكىم يېڭى iPhone SEنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن


01.jpg


  9to5macنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما كېلەر يىلى ئەتىيازدا يېڭى تىپتىكى ئەرزان iPhoneنى بازارغا سالماقچىكەن، ئاساسلىقى ئالما ئەقلىيفون بازىرىدا ئۈلۈشى تۆۋەنلەپ كەتكەچكە، بۇ ئارقىلىق خۇاۋېي، سامسۇڭ، شياۋمى ۋە باشقا رىقابەتچىلىرىنىڭ جۇڭگو، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بازىرىنى قايتۇرۇۋېلىشىنى ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن.

   بۇ خىل تۆۋەن باھالىق نۇسخىسى بەلكىم 4.7 دىيۇملىق بولۇشى مۇمكىن، گەرچە يېڭى مەھسۇلاتنىڭ نامى ۋە باھاسى تېخى بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئالما 2016-يىلى ئېلان قىلغان تۇنجى تۆۋەن باھالىق يانفون iPhone SE نىڭ ۋارىسى دەپ قارىلىدۇ، ھېچ بولمىغاندا باھا جەھەتتە شۇنداق بولىدۇ.  


USB 4 ئېلان قىلىندى: يوللاش سۈرئىتى 40Gbpsكە يېتىدۇ

02.jpg


  Apple Insider خەۋىرى: 3-ئايدا USB Promoter Group تۇنجى قېتىم USB4 ئۆلچىمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى USB4 قېلىپلاشتۇرۇش ئۆلچىمى رەسمىي ئېلان قىلىندى.

  USB4 سانلىق مەلۇماتنى 40Gb/sلىك سۈرئەتتە يوللاشنى قوللايدۇ، USB3 ئەڭ يېڭى نەشىر سۈرئىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.  USB4 كە USB3 ۋە USB-C كە ئوخشاش ئۇلىغۇچ ئىشلىتىدۇ، بۇ زاۋۇتلارنىڭ يېڭىدىن USB4 ئۇلاش ئېغىزى تۈرىنى ئوتتۇرغا چىقارمىسىمۇ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ يەنە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100W لىق توك مەنبەسى قۇۋۋىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، يەنە سىرتىغا سىن كارتىسى، ئىككى دانە 4K لىق ئېكران ياكى بىر دانە 5K لىق ئېكران قاتارلىقلارنى چاتقىلى بولىدۇ.

  USB4 ئۆلچىمى تاماملاندى، USB4 ئۆلچەملىك پارچە سېتىش مەھسۇلاتلىرى ئەڭ تېز بولغاندا 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بازارغا سېلىنىدۇ.  


پورسچ توكلۇق مۇسابىقە ماشىنىسى ئېلان قىلدى

03.jpg


  پورسچ (保时捷) شىمالىي ئامېرىكا (نياگارا چوڭ شارقىراتمىسى) ، ئاسىيا (جۇڭگونىڭ فۇجۇ) ۋە ياۋروپا (گېرمانىيە) قاتارلىق ئۈچ جايدا شىركەتنىڭ تۇنجى ساپ توكلۇق مۇسابىقە ئاپتوموبىلى Taycan نى ماس قەدەمدە ئېلان قىلغان، بۇ ئۇنىڭ ئانا شىركىتى ۋولكىسۋاگىن ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان توكلۇق ئاپتوموبىل سېتىش سودىگىرىنىڭ يادرولۇق كۈچىگە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئاۋدىe-Tron توكلۇق ئاپتوموبىل ماركىلىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، پورسىچ شىركىتىنىڭ Taycan نۆۋەتتىكى توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ باشلامچىسى تېسلاغا تاقابىل تۇرىدىغان ئاساسلىق مەھسۇلاتى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يېڭى ساپ توكلۇق مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ مۆلچەردىكى سېتىلىش باھاسى 90 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى.  


روڭياۋ 20S يۈرۈشلۈك تېلېفونلىرى ئېلان قىلىندى، باھاسى 1899 يۈەندىن باشلىنىدۇ


04.jpg


تۈنۈگۈن كەچتە، روڭياۋ ۋۇخەندە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 20S يۈرۈشلۈك تېلېفونلىرىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.  بۇ تېلېفونغا 6.26 سۇڭلۇق ئېكران، يان تەرەپ بارماق ئىزى پەرق ئېتىش  سەپلەنگەن؛ ئالدى كامېراسى 32 مىليون پىكسېل، ئارقىغا 48 مىليون پىكسېللىق ئاساسى كامېرا، 8 مىليون پىكسېللىق ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا، 2 مىليون پىكسېللىق مىكرو ئارىلىق كامېراسى سەپلەنگەن؛ بىر تەرەپ قىلغۇچ جەھەتتە، روڭياۋ 20S كە 7 نانومېتىرلىق بوبرا كېيىك 810 بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، ھەمدە ناھايىتى كۈچلۈك AI ھېسابلاش كۈچىگە ئىگە؛ 3750 مىللىئامپىرلىق باتارېيە ئورنىتىلغان، 20 ۋاتلىق تېز سۈرئەتتە زەرەتلەشنى قوللايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭدا يەنە دەرىجىدىن تاشقىرى ھۆججەت سىستېمىسى، فاڭجۇ تەرجىمە قىلىش ئۈسكۈنىسى، GPUTurbo3، LinkTurbo قاتارلىق تېخنىكىلار بار.

  باھا جەھەتتە، روڭياۋ20Sنىڭ 6GB+128GB نۇسخىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 1899 يۈەن، 8GB+128GB نۇسخىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 2199 يۈەن، تۇنجى سېتىلىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 21:00 دە.  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە روڭياۋ Play3 يېڭى يان تېلېفون ۋە روڭياۋ MagicBook Pro  خاتىرە كومپيۇتېر مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلدى.  


ئامازون «قول سايىلەپ چىقىم قىلىش»نى سىناۋاتىدۇ


05.jpg


  «نيويورك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامازوننىڭ ئىنژىنىرى بىر خىل يېڭى چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى ئاستا-ئاستا سىناۋاتقان بولۇپ، سكاننېرلاش ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ ئالقىنىنى پەرىقلەندۈرۈش ئارقىلىق دۇكاندا 0.3 سېكۇنتتا پۇل تۆلىگىلى بولىدىكەن.

  ئۇ كومپيۇتېر كۆرۈش سېزىمى ۋە چوڭقۇرلۇق گېئومېتىرىيىسى ئارقىلىق ھەر بىر قولنىڭ شەكلى ۋە چوڭ-كىچىكلىكىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە پەرىقلەندۈرىدۇ، ئابونتلار ھەتتا سىرتقى يۈزىگە تەگمەيلا ئۆزىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى ياكى ئامانەت كارتىسى بىلەن باغلىيالايدۇ، سىستېمىنىڭ پەرق ئېتىشتىكى خاتالىق پەرقى مىليوندىن بىر ئىچىدە، ئامازون پىلاندا مەھسۇلاتنى رەسمىي بازارغا سېلىشتىن بۇرۇن خاتالىق پەرقىنى يۈز مىليوندىن بىر نىسبەتكە ئۆستۈرمەكچى.

  ئامازون كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە پۈتۈن يېمەكلىك تاللا بازىرى زەنجىرسىمان دۇكىنى بۇ خىل ئۈسكۈنىنى يولغا قويۇپ ھەمدە بۇ تېخنىكىنى ئامېرىكىنىڭ بارلىق رايونلىرىغا كېڭەيتمەكچى.  



خامۇشلۇق كېسىلى 20 نەچچە خىل باشقا كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

يېقىندا «مولېكۇلا روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى» دە ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېغىر دەرىجىدىكى خامۇشلۇق كېسىلى(抑郁症) گېن قاتلىمىدا ئوخشاش بولمىغان 20 خىل كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن (causal relatioship) ، زىققا، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، ئۈچەي يولى باكتېرىيە توپى يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  تەتقىقاتچىلار ئەنگىلىيە جانلىقلار ئەۋرىشكىسى ئامبىرىدا 300 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىينىڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلدى، نەتىجىدە ئېغىر روھىي كېسەللىك ئالامەتلىرى بارلىقى بايقالغان كىشىلەر باشقا تۈردىكى كېسەللىكلەرگە تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن. تەتقىقات ئارقىلىق خامۇشلۇق كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، روھىي ھالىتىنى تەكشۈرۈپلا قالماي، باشقا كېسەللىكلەرنىڭ بەدەنگە ئۇزۇن مۇددەت زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部